جەمئىي مىكروبلوگ 218 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 5109|ئىنكاس: 1

ئۈششۈك تەگكەن مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1289

تېما

12

دوست

6074

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1353
نادىر تېمىسى: 69
تىللا: 4376
تۆھپە : 0
توردا: 244
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 13:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
36_093737_1.jpg

_ ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ، ئەھۋالىمنى سىزگە يەنىلا چۈشەندۈرۇپ قويغۇم كەلدى . چۈنكى ، مەن ئىزچىل ماقالىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ ، نىكاھ تۇرمۇشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ كېلىۋاتىمەن . بۇلۇپمۇ ئاياللار ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى كېرەك . تۇرمۇشتىكى مەسىللەرگە قانداق يۈزلىنىشى كېرەك ؟ دېگەن سۇئاللارنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار مەندە چوڭىۇر تەسىر قالدۇردى .
مەن ، بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلىغان بىر ئاددىي ئايال . ھەتتا . ئۆزىگە بىر قۇر ئىچ كىيىم ئېلىشقا قۇرسىقى ئاغرىپ ، ئىتىساد توپلاپ ، توپلىغان ئىقتىساد بىلەن نەچچە يەردە ئۆي سېتىۋالغان ، ئاخىرغا بېرىپ ، يوقىلاڭ پىتنە – پاسات سەۋەبلىك نىكاھ تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ ، سوتقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئايال .
مېنى ئىزدەپ كېلىپ ، بۇگەپلەرنى دەپ بېرىۋاتقان بۇ ئايال 40 ياشلاردا بار . بويلىرى زىلۋا ، ئېگىز كەلگەن ، قاپقارا قاش ، كۆزلىرى سۈرەتتەك چىرايلىق ئايال ئىدى . ئۇنىڭ نۇرلۇق ھەم چىرايلىق كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشقا قاراپ ئادەمنىڭ ( شۇنداق چىرايلىق كۆزلەردىن ياش چىقىرىشقا چىدىغان زادى قانداق ئادەمدۇر ) دېگۇسى كېلەتتى .
ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۇزگەن يىلى چوڭ ئانام تۈگەپ كەتتى . مەن چوڭ ئانام بىلەن بىرللە تۇراتتىم . بەكلا ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە م يېقىن دوستۇم ئۇ يىگىتنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى . شۇ كۈنى ھېلىمۇ ئېسىمدە . دوستۇم ( بىللە تاماق يەپ كېلىمىز ) دېدى . مەن چىقتىم ، يولدا ئۇ ئۇچراپ قالدى . كېيىن بىلسەم ، ئۇلار شۇنداق ئۇچىرشىشنى كېلىشىۋاپتىكەن . ئۇ بىزنى بىر تورتخانىغا باشلاپ كىردى . مەن ئۇ چاغلاردا تورتنى يەپ باقمىغانىدىم . بەكلا تىتىپ كېتىپ ( ئاكا ، توست بەك تاتلىق ئىكەن ) دېدىم. شۇ كۈنى دوستۇم يەپ بۇلالمىغان تورتىنىمۇ تارتىنىپ ئولتۇرماي يەۋەتتىم .
مېنى ئاپىرىپ قويغاچ . ئۇ مەندىن ( تورتقا ئامراق ئىكەنسىز ) دەپ سورىدى . ( شۇنداق ، مەن ئەزالدىن يەپ باقمىغان بولغاچقا ، بەكلا تېتىپ كەتتى ) دېدىم . مىنىڭ ساددا ھالىتىمنى كۆرۇپ ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە سىزگە داۋاملىق ئېلىپ بېرەي _ دىدى . دېگەندەك ئۇ مېنى پات – پات مېھمان قىلىپ تۇردى .
مەن ئاددىي ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز بولغاچقا ، بەكلا ئاددىي – ساددا ئىدىم . ئاددىي كىيىملارنى شۇنداق ياراشتۇرۇپ كىيىۋالاتتىمكى ، ئارقامدىن قارىغان ئادەم  ئالدىمغا ئۆتۈپ بىر قارىماي ئۆمەيتتى . بىر بىر – بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۇشۇپ ، نۇرغۇن تۇسالغۇلارنى يېڭىپ توي قىلدۇق . توسالغۇ دېگىنىم ، قېيىنئانام مېنى ياراتمىدى . ئەسلىدە ئۇقۇغان ، باي ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگۇسى بار ئىكەن . تويدىن كېيىن ، قېيىنئانامنىڭ قاتتىق – قۇرۇق گەپلىرىگە چىداپ ، ئۆزۇمنىڭ پاكىز ، چېچەنلىكىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ ، تەسىرلەندۇرمەكچى بولدۇم .
ئۆزۇم چوڭ ئانام بىلەن قىيىن شارائىتتا چوڭ بولغان بولغاچقا ، تويدىن كېيىن ئىككى ئۆينىڭ ، خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي ، ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىپ ، قۇشۇمچە كېرىم قىلىپ ، ئىقتىساد توپلىدىم . ھازىر ئىككى يەردە ئۆيىمىز بار . ئىقتىسادىمىز ياخشى ، بىراق ، ئاجىرشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .
مەن سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئۇقۇغانسىرى ئۆزۇمبىڭ تۇمۇشتا نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى ، ېنىمىگە سەل قارىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم .
مەن تۇرمۇشتا ئەزەلدىن ئۆزۇمنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى باشقىلارغا بىلدۇرمەپتىمەن . قىسقىسى بىلدۈرۈشنى خىيالىمغا كەلتۇرمەپتىمەن . كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ، ساددىلىق قىلىپ خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن . مەن ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا مەغلۇپ بۇپتىمەن . بەكلا ئەپسۇسلىنىمەن . بىراق ، مېنىڭ سىزگە چۈشەندۇرۇپ قۇيۇشنى خالايدىغىنىم مەن پاك ، مەن بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلىغان ئايال . مەن ئۆزۈمگە باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلغىنىم يوق . سىز ماڭا ئىشىنەمسىز ؟
تىڭشىىغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بېرىمەن ؟ مەن پەقەت ئۇ ئايالنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان ياشلىرىغا قاراپ ، قەلبىدىكى دەرت – ئەلەملىرىنى چىقىرۋىلىشىغا ياردەم بىرەلەيمەن . مەن ئۇ ئايالغا ئىشەنىم ، بىراق  مەن ھېچقانداق رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيمەن .
ئېرىم بىر كۈنى ماڭا ( نېمىشقا باشقىلار سېنى سەنلەيدۇ ، شۇڭا غىلجىڭشىپ يۈرمىسەڭ ، سېنى سەنلەمدۇ ؟ ) دىدى .
( مېنى يېقىن كۆرۈپ سەنلەيدۇ ) دىدىم . ئۇلار نىمىشقا سىنى يىقىن كۆرگۈدەك ؟ باشقىلارنى يېقىن كۆرمەي ، سىنىلا يېقىن كۆرەمدۇ ؟ دېىدى . مىنى قاتتىق ئۇردى ، بۇنداق كۈنلەرنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە يوق . بىر كۈنى تاياققا چىدىماي ، مېنىڭ شۇلار بىلەن ئىشىم بار ، شۇڭا ماڭا يېقىن مۇئامىلە قىلىدۇ . دىدىم . مەن تېخى شۇنداق دېسەم ، توختايدۇ ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . (ئېتراپ قىلساڭلا بولىدۇ ، ئېتراپ قىلساڭلا ئىش تۇگەيدۇ ) دېگەنىدى . مەن ئىشىنىپ قاپتىمەن .بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلار تىخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى . ئاخىر چىدىماي ئاجىرشىپ كېتەيلى دېدىم . ئۇ قۇشۇلدى . بىراق (ھىچقانداق نەرسىنى بەرمەيمەن )دېدى . بالىنىمۇ بەرمەيدىكەن ، بالىنى قانداق جاپادا تۇغقىنىمنى ئۇمۇ بىلىدۇ ، مېنىڭ ئەمدى يەنە تۇغۇشۇم بارمۇ ؟ بۇنى بىلمەيمەن . مەن بالىدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن چېچنىمىنى ئالمىساممۇ بالىنى ئالمىسام بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدىم .
توي قىلىپ بىر قانچە يىلغىچە ئېغىر ئاياغ بۇلالمىدىم . قىلمىغان ئامالىم قالمىدى . قايسى جايدا پايدا قىلدىغان دورا بار ئىكەن دېسە ، شۇ يەرگە باردىم ، شۇ دورىنى يېدىم . شۇ چاغدا ھەتتا نىجاسەتنى پايدىلىق دېسىمۇ يېيىشىم مۈمكىن ئىدى . تۇغۇر كارىۋىتىغا قانچە قېتىم چىققىنىمنى بىلمەيمەن . ئاخىر شۇ كارىتاتقا چىقىش ئۇچۇن تىنىچلاندۇرۇش دورىسى يەيدىغان ھالەتكە كەلگەندە ، بويۇمدا قالدى . شۇنداق جاپادا تۇغقان بالام ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە رازى ئىدىم . بۇنى ئەمەلىيەتتە ئېرىممۇ بىلەتتى .
بىز ئاجىرشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .
بىر كۈنى ئۇ يەنە يېڭى گپەتىن بىرنى تاپتى ( پالانى چاغدا پالانىنىڭ ماشىنىسىغا نېمە سەۋەبدىن چىققان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئىشىڭ بولمىسا نىمە سەۋەپتىن چىقاتتىڭ ؟ ) مەن خىزمەت بىلان ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا ئۇ يەر ، بۇ يەرگە بارىمەن ، قايسى چاغنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم . شۇ گەپلەرنى كىملەرنىڭ تاپقانلىقىنى بىلەلمىدىم . بەلكىم ئۆزى پەزەر قىلىۋاتقاندۇ ؟
بىر ئوبدان ئائىلە شۇنداق قىلىپ بۇزۇلدى . نارسىدە بالام ، ئاغزىدىن سۈت تىمىپ تۇردىغان شۇ قۇزىچىقىمغا قانداق چۈشۈندۇرىمەن . ئۇنىڭ كۆڭلى قانچىلىك ئازابلىنار ؟ دادىسىغا شۇنداق ئامراق ئىدى . قانداق قىلارمەن ؟
سىزنى ئىزدەپ كېلىشىمدىكى سەۋەب ، مەن تۇرمۇشتا بەكلا ساددىلىق قىپتىمەن . مەن ئەسلىي ئۆز –ئۆزۇمنى ياخشى كۆرمىگەن ، ئاسىرمىغان ، سۆيمىگەن ئىكەنمەن ، شۇ سەۋەپتىن ئېرىممۇ مېنى سۆيمەس ، ئاسىرماس بۇلۇپ قاپتۇ .
مەن ئېرىمنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ، ( قېيىنئانامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ، مېنى ئەمرىگە ئالدى ) دەپ ئويلىغاچقا . ئائىلىدە ئۆزۇم قىلالايدىغان – قىلالمايدىغان ئىشنىڭ ھەممىنى ئالدىمغا تارتىپ قىپتىمەن . كۆڭلۈم ئازار يېسە ، ئېرىمگە بىلدۇرمەوتىمەن . ھەممە ئېغىرنى ئۆزۈم كۆتۇرۇپتىمەن . قېيىنئانامنى ، ئېرىمنى خۇشال قىلىشنىلا ئويلاپتىمەن _ يۇ ، ئۇز خۇشاللىقىمنى ئويلىماپتىمەن . مەن قىلغان بارلىق ئىشلار ئالدى بىلەن ئۇلارنى خۈش قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا ، ئۇلارنى رازى قىلالمىدىممۇ – يا ؟ ئەمدى بۇلارنى ھېس قىلغاندا ، ئاللىبۇرۇن كېچىككىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن .
بىر كۈنى قېيىنئانامغا (ماڭا ئىش ھەققى قۇشۇلۇپتۇ ، سىلىگە قانچە قۇشۇلۇپتۇ )دېدىم . بىرقانچە كۈندىن كېيىن ، ئېرىمگە ( خۇتۇنۇڭ مېنىڭ ئىش ھەققىمنى باشقۇرىمەن دېمىسۇن ) دېدى . ( ئانا ، مەن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم ) دېدىم . ئاغزىمدىن گېپىم ئۈزۈلمەي تۇرۇپ ، ئېغىزىغا ئالغۇسىز گەپ بىلەن تىللىدى . شۇ چاغدا ئېغىر ئاياغ ئىدىم . يىغلىغان پىتى سىرتقا يۇگۇردۇم . ئېرىم ئارقامدىن چىقىپ ( خۇي قىلىۋاتىسىنا ) دېگىنىچە بىر شاپىلاق سالدى . مەن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم ئەسلىۇ شۇ چاغدىلا ئاجىرشىپ كەتسەم بۇپتىكەن . شۇ ئىش تۇغىرلۇق ، قېيىنئانامدىن يۈگۈنۇپ تۇرۇپ كۆچۇرۇم سورىدىم .
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قېيىنئانامنىڭ پۇزىتسىيەسى بارغانسېرى ياخشىلاندى . مېنى قۇبۇل قىلدى .
بىراق ئىشلار يەنىلا بۈگنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالدى . بىز ئاجراشماقچى بولىۋاتىمىز . ئەم ئەمدى ئاجىرشىو كېتىمەن . سىزگە ۋەدە بېرەيكى ، مەن چوقۇم بالامنى ئۇنىڭدىن بىر پۇڭ ئالماي تۇرۇپمۇ ئىككى قۇلۇمغا تايىنىپ ياخشى بېقىپ كېتىمەن . مىنىڭ خىزمەت ئورنۇم بار . ئۇنىڭدىن باشقا بىكار تۈرۈشنى خالىمايمەن . ئېلىپ – سېتىپ ، كېرىم قىالاليمەن . مېنىڭ قەلبىم ئەمدى سوۋۇدى . ئۇنىڭ مىنى سۆيگەن ، مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن شۇ كىشى ئىكەنلىكىگە ھازىر ئىشەنگۇم كەلمەي قالىدۇ . قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەسلىمىلا قالدى . ئۇ ئەسلىمە ئىچىدە تاتلىق ئەسلىمىمۇ ، ئاچچىق ئەسلىمىمۇ بار . تاتلىق ئەسلىمىنى ئەسلىگەندە قالبىمدە مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ . ئاچچىق ئەسلىمىنى ئەسلىگەندە نەپرەت قۇزغۇلىدۇ . مانا ئەمدى مۇھەببەت قانچە كۈچلۈك بولسا ، نەپرەتمۇ شۇنچە كۈچلۇك بولىدۇ دېگەن گەپنىڭ تېگىگە يەتتىم
بۇنىڭدىن كېيىن يىغلىمايمەن ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىمەن . مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . قاچان ، قانداق ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ ، ئىش قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . ئاستا – ئاستا  ھېس قىلىۋاتىمەن . ئەسلىي مەن ئۆزۇمنى تاشلىۋېتىپتىمەن . شۇڭا ، ئۇ مېنى تاشلىۋېتىپتۇ . مەن ئۆزۇمنى ھۆرمەت قىلماپتىمەن . شۇڭا ، ئۇ مېنى ھۆرمەت قىلماپتۇ . ئۆزۇمنىڭ ئېھتىياجىنى قايرىپ قۇيۇپتىمەن . ئۇ مېنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىم بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئۈنتۈپ كېتىپتۇ . شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن .

0

تېما

0

دوست

34

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2429
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 22
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 19:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ بېسىمى ھەقىقەتەن بەكمۇ ئېغىر. بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپمۇ ئىللىققىنا بىر كۈلۈمسىرەشكە،ئاددى بىر ئېغىز رەھمەتكە ئېرىشىشى بەكمۇ قىيىن.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش



پىسخىكا ساغلاملىق مەسلىھەت تورى ( 新ICP备14001238号-6;新ICP11000840号-4 )

GMT+8, 2017-5-25 15:07 , Processed in 0.754297 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2012-2020 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش