• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۈششۈك تەگكەن مۇھەببەت
  • _ ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ، ئەھۋالىمنى سىزگە يەنىلا چۈشەندۈرۇپ قويغۇم كەلدى . چۈنكى ، مەن ئىزچىل ماقالىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ ، نىكاھ تۇرمۇشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ كېلىۋاتىمەن . بۇلۇپمۇ ئاياللار ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى كېرەك . تۇرمۇشتىكى مەسىللەرگە قانداق يۈزلىنىشى كېرەك ؟ دېگەن سۇئاللارنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار مەندە چوڭىۇر تەسىر قالدۇردى .

    مەن ، بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلىغان بىر ئاددىي ئايال . ھەتتا . ئۆزىگە بىر قۇر ئىچ كىيىم ئېلىشقا قۇرسىقى ئاغرىپ ، ئىتىساد توپلاپ ، توپلىغان ئىقتىساد بىلەن نەچچە يەردە ئۆي سېتىۋالغان ، ئاخىرغا بېرىپ ، يوقىلاڭ پىتنە – پاسات سەۋەبلىك نىكاھ تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ ، سوتقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئايال .

    مېنى ئىزدەپ كېلىپ ، بۇگەپلەرنى دەپ بېرىۋاتقان بۇ ئايال 40 ياشلاردا بار . بويلىرى زىلۋا ، ئېگىز كەلگەن ، قاپقارا قاش ، كۆزلىرى سۈرەتتەك چىرايلىق ئايال ئىدى . ئۇنىڭ نۇرلۇق ھەم چىرايلىق كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشقا قاراپ ئادەمنىڭ ( شۇنداق چىرايلىق كۆزلەردىن ياش چىقىرىشقا چىدىغان زادى قانداق ئادەمدۇر ) دېگۇسى كېلەتتى .

    ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۇزگەن يىلى چوڭ ئانام تۈگەپ كەتتى . مەن چوڭ ئانام بىلەن بىرللە تۇراتتىم . بەكلا ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە م يېقىن دوستۇم ئۇ يىگىتنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى . شۇ كۈنى ھېلىمۇ ئېسىمدە . دوستۇم ( بىللە تاماق يەپ كېلىمىز ) دېدى . مەن چىقتىم ، يولدا ئۇ ئۇچراپ قالدى . كېيىن بىلسەم ، ئۇلار شۇنداق ئۇچىرشىشنى كېلىشىۋاپتىكەن . ئۇ بىزنى بىر تورتخانىغا باشلاپ كىردى . مەن ئۇ چاغلاردا تورتنى يەپ باقمىغانىدىم . بەكلا تىتىپ كېتىپ ( ئاكا ، توست بەك تاتلىق ئىكەن ) دېدىم. شۇ كۈنى دوستۇم يەپ بۇلالمىغان تورتىنىمۇ تارتىنىپ ئولتۇرماي يەۋەتتىم .

    مېنى ئاپىرىپ قويغاچ . ئۇ مەندىن ( تورتقا ئامراق ئىكەنسىز ) دەپ سورىدى . ( شۇنداق ، مەن ئەزالدىن يەپ باقمىغان بولغاچقا ، بەكلا تېتىپ كەتتى ) دېدىم . مىنىڭ ساددا ھالىتىمنى كۆرۇپ ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە سىزگە داۋاملىق ئېلىپ بېرەي _ دىدى . دېگەندەك ئۇ مېنى پات – پات مېھمان قىلىپ تۇردى .

    مەن ئاددىي ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز بولغاچقا ، بەكلا ئاددىي – ساددا ئىدىم . ئاددىي كىيىملارنى شۇنداق ياراشتۇرۇپ كىيىۋالاتتىمكى ، ئارقامدىن قارىغان ئادەم  ئالدىمغا ئۆتۈپ بىر قارىماي ئۆمەيتتى . بىر بىر – بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۇشۇپ ، نۇرغۇن تۇسالغۇلارنى يېڭىپ توي قىلدۇق . توسالغۇ دېگىنىم ، قېيىنئانام مېنى ياراتمىدى . ئەسلىدە ئۇقۇغان ، باي ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگۇسى بار ئىكەن . تويدىن كېيىن ، قېيىنئانامنىڭ قاتتىق – قۇرۇق گەپلىرىگە چىداپ ، ئۆزۇمنىڭ پاكىز ، چېچەنلىكىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ ، تەسىرلەندۇرمەكچى بولدۇم .

    ئۆزۇم چوڭ ئانام بىلەن قىيىن شارائىتتا چوڭ بولغان بولغاچقا ، تويدىن كېيىن ئىككى ئۆينىڭ ، خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي ، ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىپ ، قۇشۇمچە كېرىم قىلىپ ، ئىقتىساد توپلىدىم . ھازىر ئىككى يەردە ئۆيىمىز بار . ئىقتىسادىمىز ياخشى ، بىراق ، ئاجىرشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .

    مەن سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئۇقۇغانسىرى ئۆزۇمبىڭ تۇمۇشتا نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى ، ېنىمىگە سەل قارىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم .

    مەن تۇرمۇشتا ئەزەلدىن ئۆزۇمنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى باشقىلارغا بىلدۇرمەپتىمەن . قىسقىسى بىلدۈرۈشنى خىيالىمغا كەلتۇرمەپتىمەن . كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ، ساددىلىق قىلىپ خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن . مەن ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا مەغلۇپ بۇپتىمەن . بەكلا ئەپسۇسلىنىمەن . بىراق ، مېنىڭ سىزگە چۈشەندۇرۇپ قۇيۇشنى خالايدىغىنىم مەن پاك ، مەن بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلىغان ئايال . مەن ئۆزۈمگە باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلغىنىم يوق . سىز ماڭا ئىشىنەمسىز ؟

    تىڭشىىغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بېرىمەن ؟ مەن پەقەت ئۇ ئايالنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان ياشلىرىغا قاراپ ، قەلبىدىكى دەرت – ئەلەملىرىنى چىقىرۋىلىشىغا ياردەم بىرەلەيمەن . مەن ئۇ ئايالغا ئىشەنىم ، بىراق  مەن ھېچقانداق رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيمەن .

    ئېرىم بىر كۈنى ماڭا ( نېمىشقا باشقىلار سېنى سەنلەيدۇ ، شۇڭا غىلجىڭشىپ يۈرمىسەڭ ، سېنى سەنلەمدۇ ؟ ) دىدى .

    ( مېنى يېقىن كۆرۈپ سەنلەيدۇ ) دىدىم . ئۇلار نىمىشقا سىنى يىقىن كۆرگۈدەك ؟ باشقىلارنى يېقىن كۆرمەي ، سىنىلا يېقىن كۆرەمدۇ ؟ دېىدى . مىنى قاتتىق ئۇردى ، بۇنداق كۈنلەرنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە يوق . بىر كۈنى تاياققا چىدىماي ، مېنىڭ شۇلار بىلەن ئىشىم بار ، شۇڭا ماڭا يېقىن مۇئامىلە قىلىدۇ . دىدىم . مەن تېخى شۇنداق دېسەم ، توختايدۇ ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . (ئېتراپ قىلساڭلا بولىدۇ ، ئېتراپ قىلساڭلا ئىش تۇگەيدۇ ) دېگەنىدى . مەن ئىشىنىپ قاپتىمەن .بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلار تىخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى . ئاخىر چىدىماي ئاجىرشىپ كېتەيلى دېدىم . ئۇ قۇشۇلدى . بىراق (ھىچقانداق نەرسىنى بەرمەيمەن )دېدى . بالىنىمۇ بەرمەيدىكەن ، بالىنى قانداق جاپادا تۇغقىنىمنى ئۇمۇ بىلىدۇ ، مېنىڭ ئەمدى يەنە تۇغۇشۇم بارمۇ ؟ بۇنى بىلمەيمەن . مەن بالىدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن چېچنىمىنى ئالمىساممۇ بالىنى ئالمىسام بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدىم .

    توي قىلىپ بىر قانچە يىلغىچە ئېغىر ئاياغ بۇلالمىدىم . قىلمىغان ئامالىم قالمىدى . قايسى جايدا پايدا قىلدىغان دورا بار ئىكەن دېسە ، شۇ يەرگە باردىم ، شۇ دورىنى يېدىم . شۇ چاغدا ھەتتا نىجاسەتنى پايدىلىق دېسىمۇ يېيىشىم مۈمكىن ئىدى . تۇغۇر كارىۋىتىغا قانچە قېتىم چىققىنىمنى بىلمەيمەن . ئاخىر شۇ كارىتاتقا چىقىش ئۇچۇن تىنىچلاندۇرۇش دورىسى يەيدىغان ھالەتكە كەلگەندە ، بويۇمدا قالدى . شۇنداق جاپادا تۇغقان بالام ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە رازى ئىدىم . بۇنى ئەمەلىيەتتە ئېرىممۇ بىلەتتى .

    بىز ئاجىرشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .

    بىر كۈنى ئۇ يەنە يېڭى گپەتىن بىرنى تاپتى ( پالانى چاغدا پالانىنىڭ ماشىنىسىغا نېمە سەۋەبدىن چىققان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئىشىڭ بولمىسا نىمە سەۋەپتىن چىقاتتىڭ ؟ ) مەن خىزمەت بىلان ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا ئۇ يەر ، بۇ يەرگە بارىمەن ، قايسى چاغنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم . شۇ گەپلەرنى كىملەرنىڭ تاپقانلىقىنى بىلەلمىدىم . بەلكىم ئۆزى پەزەر قىلىۋاتقاندۇ ؟

    بىر ئوبدان ئائىلە شۇنداق قىلىپ بۇزۇلدى . نارسىدە بالام ، ئاغزىدىن سۈت تىمىپ تۇردىغان شۇ قۇزىچىقىمغا قانداق چۈشۈندۇرىمەن . ئۇنىڭ كۆڭلى قانچىلىك ئازابلىنار ؟ دادىسىغا شۇنداق ئامراق ئىدى . قانداق قىلارمەن ؟

    سىزنى ئىزدەپ كېلىشىمدىكى سەۋەب ، مەن تۇرمۇشتا بەكلا ساددىلىق قىپتىمەن . مەن ئەسلىي ئۆز –ئۆزۇمنى ياخشى كۆرمىگەن ، ئاسىرمىغان ، سۆيمىگەن ئىكەنمەن ، شۇ سەۋەپتىن ئېرىممۇ مېنى سۆيمەس ، ئاسىرماس بۇلۇپ قاپتۇ .

    مەن ئېرىمنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ، ( قېيىنئانامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ، مېنى ئەمرىگە ئالدى ) دەپ ئويلىغاچقا . ئائىلىدە ئۆزۇم قىلالايدىغان – قىلالمايدىغان ئىشنىڭ ھەممىنى ئالدىمغا تارتىپ قىپتىمەن . كۆڭلۈم ئازار يېسە ، ئېرىمگە بىلدۇرمەوتىمەن . ھەممە ئېغىرنى ئۆزۈم كۆتۇرۇپتىمەن . قېيىنئانامنى ، ئېرىمنى خۇشال قىلىشنىلا ئويلاپتىمەن _ يۇ ، ئۇز خۇشاللىقىمنى ئويلىماپتىمەن . مەن قىلغان بارلىق ئىشلار ئالدى بىلەن ئۇلارنى خۈش قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا ، ئۇلارنى رازى قىلالمىدىممۇ – يا ؟ ئەمدى بۇلارنى ھېس قىلغاندا ، ئاللىبۇرۇن كېچىككىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن .

    بىر كۈنى قېيىنئانامغا (ماڭا ئىش ھەققى قۇشۇلۇپتۇ ، سىلىگە قانچە قۇشۇلۇپتۇ )دېدىم . بىرقانچە كۈندىن كېيىن ، ئېرىمگە ( خۇتۇنۇڭ مېنىڭ ئىش ھەققىمنى باشقۇرىمەن دېمىسۇن ) دېدى . ( ئانا ، مەن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم ) دېدىم . ئاغزىمدىن گېپىم ئۈزۈلمەي تۇرۇپ ، ئېغىزىغا ئالغۇسىز گەپ بىلەن تىللىدى . شۇ چاغدا ئېغىر ئاياغ ئىدىم . يىغلىغان پىتى سىرتقا يۇگۇردۇم . ئېرىم ئارقامدىن چىقىپ ( خۇي قىلىۋاتىسىنا ) دېگىنىچە بىر شاپىلاق سالدى . مەن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم ئەسلىۇ شۇ چاغدىلا ئاجىرشىپ كەتسەم بۇپتىكەن . شۇ ئىش تۇغىرلۇق ، قېيىنئانامدىن يۈگۈنۇپ تۇرۇپ كۆچۇرۇم سورىدىم .

    بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قېيىنئانامنىڭ پۇزىتسىيەسى بارغانسېرى ياخشىلاندى . مېنى قۇبۇل قىلدى .

    بىراق ئىشلار يەنىلا بۈگنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالدى . بىز ئاجراشماقچى بولىۋاتىمىز . ئەم ئەمدى ئاجىرشىو كېتىمەن . سىزگە ۋەدە بېرەيكى ، مەن چوقۇم بالامنى ئۇنىڭدىن بىر پۇڭ ئالماي تۇرۇپمۇ ئىككى قۇلۇمغا تايىنىپ ياخشى بېقىپ كېتىمەن . مىنىڭ خىزمەت ئورنۇم بار . ئۇنىڭدىن باشقا بىكار تۈرۈشنى خالىمايمەن . ئېلىپ – سېتىپ ، كېرىم قىالاليمەن . مېنىڭ قەلبىم ئەمدى سوۋۇدى . ئۇنىڭ مىنى سۆيگەن ، مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن شۇ كىشى ئىكەنلىكىگە ھازىر ئىشەنگۇم كەلمەي قالىدۇ . قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەسلىمىلا قالدى . ئۇ ئەسلىمە ئىچىدە تاتلىق ئەسلىمىمۇ ، ئاچچىق ئەسلىمىمۇ بار . تاتلىق ئەسلىمىنى ئەسلىگەندە قالبىمدە مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ . ئاچچىق ئەسلىمىنى ئەسلىگەندە نەپرەت قۇزغۇلىدۇ . مانا ئەمدى مۇھەببەت قانچە كۈچلۈك بولسا ، نەپرەتمۇ شۇنچە كۈچلۇك بولىدۇ دېگەن گەپنىڭ تېگىگە يەتتىم

    بۇنىڭدىن كېيىن يىغلىمايمەن ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىمەن . مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . قاچان ، قانداق ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ ، ئىش قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . ئاستا – ئاستا  ھېس قىلىۋاتىمەن . ئەسلىي مەن ئۆزۇمنى تاشلىۋېتىپتىمەن . شۇڭا ، ئۇ مېنى تاشلىۋېتىپتۇ . مەن ئۆزۇمنى ھۆرمەت قىلماپتىمەن . شۇڭا ، ئۇ مېنى ھۆرمەت قىلماپتۇ . ئۆزۇمنىڭ ئېھتىياجىنى قايرىپ قۇيۇپتىمەن . ئۇ مېنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىم بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئۈنتۈپ كېتىپتۇ . شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;