• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كۆڭۈلسىز نىكاھ
  • بالىلار ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئائىلە ئىناقلىقى ۋە خۇشاللىقى . ئەر – خوتۇنلار ئاجراشمىغان بىلەن ئائىلىدە جېدەل – ماجرا قۇرۇمىسا ، بالىلار خۇددى ئاتا – ئانىلىرى ئاجىرشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئازابلانغاندەك ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئازابلىنىدۇ . ئەگەر ئەر خوتۇنلار ئائىلە خۇشاللىقىنى ساقلاپ قالالماي ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قالسا بۇ خىل ئازابنىڭ دەرىجىسىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگىلى بولسا ، شۇخىل ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ . بىراق ، ئاجىرشىشنى تاللىغاندا ، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى – تەرغز يەتكۇزۇشتىن ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى ، بالىلارنىڭ تۈنجى ئۈلگە قىلدىغىنى ئاتا – ئانىسى بولىدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوبرازى ياخشى بولمىسا ، بالىلارنىڭ خارەكتىرىدىمۇ شۇ خىل ناچار خارەكتېرنىڭ يېتىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا بالىلار ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان ،كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ، مۇھەببەت ئېھتىياجى قانمىغانلىق سەۋەبىدىن ، كېيىنكى تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ قانداق خارەكتېردىكى ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى شۇخىل خارەكتىردە سۈرەتلەپ بەرسە بولىدۇ . مەسلەن ، ( سىسىنىو داداڭ ھاراقكەش ) دېگەننىڭ ئورنىغا ( گەرچە ئىككىمىز چىقىشالمىغىنىمىز بىلەن ، داداڭ سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ . ئۇ سەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل دادا ، بىزنىڭ بىردىنبىر توغرا قىلغان ئىشىمىز سېنى تۇغقانلىقىمىز ) دىگەنگە ئوخشاش ، شۇنداق قىلغاندا بالىدىكى زەخمىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ .

    ئۇنداقتا ، قانداق ئەھۋالدا توي  قىلغانلار ئاسانلا ئاجىرشىدۇ؟

    ھەرقانداق بىر ئادەم توۇ قىلغاندا بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بىر – بىرىگە ھەل خىل ۋەدىلەرنى بىرىدۇ . بۇ چاغدا ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر – بىرىگە بەرگەن ۋەدىلىرى چىن يۈرەكتىن چىققان ۋەدىلەر بۇلۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپ ۋەدىسىگە بىر ئۆمۈر ئەمەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . بىراق ، كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق بىر ئادەم كەلگۇسىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلەلمەيدۇ . نىكاھ تۇرمۇشىدا ئىككى تەرەپنىڭ مەسلىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۈلى ئۇلارنىڭ نىكاھىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئادەتتە تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھېالدا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلاردا ئاجىرشىش بىر قەدەر كۆپ ئۈچرايدۇ :

    1.مۇھەببەتنى ئويۇن دەپ قاراپ ، پەقەت خۇشاللىق ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىپ توۇ قىلىش . ئويناشقاندەكلا توي قىلغانلار تويدىن كېيىنكى تۈرلۈك مەسىللەرگە يولۇققاندا ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا تەسىر يەتكەچكە ئاسانلا ئاجىرشىپ كېتىدۇ .

    2.رومانتىك مۇھەببەت قۇغلىشىپلا توي قىلغانلار . بۇنداقلارنىڭ تويدىن بۇرۇنقى بىر – بىرىنى تەسىرلەندۇرگىنى پەقەت رومانتىك تويغۇ بولغانلىقى ئۈچۇن ، تويدىن كېيىن ئائىلىدە رومانتىك مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن بۇنداق نىكاھتىمۇ مەسلە كۆرۇلىدۇ .

    3.باشقىلارنى كونتىرۇل قىلىش ئىستىكى يۇقىرلار . بۇنداقلار توي قىلغاندىن كېيىن ، قارشى تەرەپنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغاندا ، ۋاقىتنىڭ ئۈزىرىشى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بىزارلىقىنى قۇزغايدۇ .

    4.بەك رېئال كىشىلەر . بۇنداقلار بىر – بىرىنىڭ ئائىلىسى ، ئورنى ، مال – دۇنياسى قاتارلىق تاشقى شەرت شارائىتلىرىغا قىزىقىپ ، توي قىلغاندىن كېيىن ، بىر – بىرىدىن ئاسانلا زېرىكىپ قالىدۇ .

    5.مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ . بۇخىل نىكاھتا شۇخىل مۇناسىۋەتنىڭ قانائەت تېپىشى بىلانلا نىكاھمۇ تەۋرەپ قالىدۇ .

    6. بىر تەرەپكە ھەددىدىن زىيادە قۇربانلىق بەرگەنلەر . چۈنكى بۇنداقلار قارشى تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;