• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مىننەتدارلىق ھىسياتى
  • يۇرتىدىن چىقىپ ئۈرۈمچىدىكى ئاشخانىلاردا بىرقانچە يىل كۈتكۇچىلىك قىلغان بىر قىز دۇكاندىن بىرنى ئېچىپ ، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلماقچى بۇپتۇ . بىراق ، ئىقتىسادى جەھەتتە قىيلىنىپ ، ئۈرۈمچىدىكى بىر شىرەم تۇغقىنىدىن ياردەم سوراپتۇ . توغقىنى ئۇ قىزنىڭ غەيرىتىدىن خۇشال بولۇپ ، مائاش كارتىسىنى بېرىپ ، ئىچىدىكى بىرقانچە مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ ئىشلىتىشنى ئېيتىپتۇ . بۇراق ، تۇغقىنىدىن ئالغان پۈلنى قايتۇرۇشنى پەقەتلا ئويلىماپتۇ . ھەتتا ( ۋاقتىدا قايتۇرالمىدىم ، كىيىنچە قايتۇرىمەن ) دىگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلماپتۇ .

    باشقىلارنىڭ قىلغان ياردىمىگە ياكى ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇشنى بىلىشمۇ بىرخىل ياخشى پەزىلەت . ئۇنى نىكاھ تۇرمۇشىغا تەدبىقلىساق ، بىر تەرەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈشنى ئويلىغاندا ، مىننەتدارلىق ھېسياتى بىرخىل مۇھەببەتكە ئايلىنىپ ، قارشى تەرەپنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ . قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

    بىر يىگىت كىيىم – كېچەككە ، يۈرۈش تۇرۇشقا ئىنتايىن دىققەت قىلدىكەن . پاكىزلىققا بەكلا ئەھمىيەت بىردىكەن . ئۆزىمۇ چاققان بولۇپ ، قېرىشقاندەك ئالدىرماي ئىش قىلدىغان ، يۈرۈش – تۈرۇشىقىمۇ ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بىر قىز بىلەن توي قىپتۇ . تۈيدىن كېيىن ئايالىنىڭ ئاستىلىقىغا ئىچى پۇشۇپ كەتكەن ئەر دائىم ( كېيىملىرىم ۋاقتىدا يۇيۇلماپتۇ ، دەزماللانماپتۇ ، ئۆي قاچانلا قارىسا رەتسىز ) دەپ ئايالىدىن ئاغرىندىغان بۇپتۇ . بىر كۈنى بۇنىڭغا چىدىمىغان ئايال يامانلاپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپتۇ ۋە ( بۇنداق ئەر بىلەن ئۆت تۇتمايمەن ) دەپتۇ . يىگىتمۇ ( مەنمۇ بۇنداق خۇتۇن بىلەن ئۆي تۇتمايمەن ، زادى ئاجىرشىمەن ) دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئاجىرشىش باسقۇچىغا بىرىپتۇ .

    تۇرمۇشتا ئۇ يىگىتكە ئوخشاش ھەمراھىنىڭ ئۆزى ئۇچۇن قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ ، كەمچىللىكىگىلا ئېسىلۋالدىغان ئەرلەر نۇرغۇن . ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى ئۇچۇن پاي – پېتەك بولۇشلىرىنى كۆرمەسكە سالىدۇ .بۇنداقلارنى پىسخىكا جەھەتتە مۇنداق ئىككى خىلغا ئايرىش مۇمكىن .بىرى ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇھىتىدا ئۆزىگە ئۇلگە بولغۇدەك تەسىرات يوق . يەنە بىرخىل ئەھۋال ( شۇنداق قىلىشى كېرەك ) دەپ ئويلاپ ، ئۆزىنى قارغى تەرەپنىڭ شۇنداق قىلىشىغا لايىق دەيدىغانلار . ئالدىنقى تۇردىكىلەر بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ . كېيىنكىلەر تەكەببۇرلۇقتىن شۇنداق قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىككىلا خىل ئەھۋالدا نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يىتىدۇ . ئۇنداقتا ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك ؟

    قارشى تەرەپكە ئەسكەرتىش . ئۆز ھىسياتىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئىپادىلەش ، ( رەھمەت ) ، ( جاپا چىكىۋاتىسىز ) ، ( جاپا چىكىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۇپ تۇرىۋاتىمەن ) ، ( مەن سىزدىن ئىنتايىن رازى ) دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىش شۇنىڭ بىلەن بىللە باغرىغا بىسىش . بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پات – پات ئىپاتىلەپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم . بۇنداق قىلغاندا ئەر – ئاياللار ئوتتۇرسىدا مەيلى قانچىلىق چوڭ ئارازلىق ، چۇشەنمەسلىكلەر بولسۇن ئېرىتىۋەتكىلى بولىدۇ .

    يېڭىلا توي قىلغان بىر قىز ھەر كۈنى يولدىشىنىڭ ئاياغلىرىنى مايلاپ قويدىكەن ، يولدىشى خىزمەتكە ماڭغاندا ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ، چىڭ قۇچاقلاپ ئامانلىق تىلەيدىكەن . بىر كۈنى ئەر بىر پاقلاننىڭ گشىنى ئەكىرىپ  ، ئاشخانا ئۆيدىكى ئەمبەلگە قۇيۇپتۇ – دە ، تېلېۋىزۇرغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ . بۇنى كۆرۇپ ئايال سەل ھەيران بۇلۇپ مۇنداق دەپتۇ : سىز ئايالىڭىزنىڭ چوڭ چەيدۇنى كۆتۈرۈپ ، ئۇستىخان پارچىلىشىنى خالامسىز ؟ ئەر شۇ چاغدا خۇددى ئېسىنى تاپقاندەك ئەندىكىپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ ( مەن پارچىلاپ بىرەمتىم ) دەپتۇ ۋە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ، گۇشنى پارچىلاپ توڭلاتقۇغا ساپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ . قىز يولدىشىنىڭ ئايىغىنى سۇرتۇپ بولغاندىن كېيىن يولدىشىنى چاقىرىپ ، ( ئايىقىڭىزنى سۇرتۇپ قويدۇم ، خۇشال بولدىڭىزمۇ ؟ ) دەپتۇ . ئەر خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئايالىنى قۇچاقلاپ قۇيۇپتۇ .

    ئەمەلىيەتتە نىكاھ تۇرمۇشىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇششاق ئىشلاردا ( رەھمەت ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، رەھمەت ئېيتىدىغانغا يا يات كىشى بولمىسا ) دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش ئىنتايىن خەتەرلىك . ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئەر – ئاياللارنى بىر بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرمەيدىغان ، كەمچىللىكىنى كۆرگەندە بولسا شۇنى دەستەك قىلىپ ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىردىغان قىلىپ قويىدۇ .

    مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئاددىي ئۇسۇل :

    چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۇرۇڭ . بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاڭ . قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇڭ . ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ سىز ئۇچۇن قىلىۋاتقانلىرىنى ئويلاڭ ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنىڭ سىزنى قانداق سۆيگەنلىكىنى خىيال قىلىڭ ۋە ئۇنىڭدىن مىننەتدار بۇلۇڭ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;