• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قىزلارغا خاس لاتاپەت ۋە پەزىلەت بولسۇن
  • ۋەيت...!

    بىر بىرىدىن پۇزۇر كېيىنگەن، تەبىئىي ھەم سۈنئىي گۈزەللىك بىرلىشىپ كەتكەن چىرايلىرى چىراق نۇرىدا ۋالىلداپ پارقىراپ تۇرغان بىر توپ قىزلارنىڭ بويۇن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈشۈپ بار ئاۋازى بىلەن چىرقىراشلىرى ئېلېكترونلۇق رويالدىن چىقىۋاتقان قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ساداسىغا قوشۇلۇپ، رېستۇراننىڭ ئىچىنى خۇددى ئىپتىدائىي ئادەملەر ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىۋاتقان جەڭگاھقا ئوخشىتىپ قويغانىدى.

    مانا بۇ، دىيارىمىزدىكى توي - تۆكۈن، مەسلىھەت چېيى ۋە ئۆزئارا ئولتۇرۇشلاردا پات - پات كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مەنزىرە.

    دوست - بۇرادەرلەرنىڭ توي - تۆكۈنلىرىنى خۇشال - خۇرام، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بولىدۇ، توي - تۆكۈنلەردە، شۇنچە كۆپ توي قاتناشچىلىرىنىڭ ئالدىدا، يەنە كېلىپ چوڭلارمۇ بار شارائىتتا، ئاشۇ بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ بۆرىدىن ھۈركۈپ كەتكەن ئۆچكىلەردەك چىرقىراشلىرى بارلىق توي ئەھلىنى بەكمۇ« جەلپ» قىلىدىغۇ دەيمەن؟ ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تۇرقىدىن قىزلارغا خاس لاتاپەت، پەزىلەت دېگەنلەرنىڭ زەررىچە ئىنكاسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ ئاشۇ قىزلار ( بۇ خىلدىكى قىزلار پەقەت ئاز ساندا ) ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان _ ئانا دېگەن شەرەپنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ قىزلارغا يات ئاشۇ قىلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى نام - ئابرويىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

    شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلارغا مۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: بولدى قىلىڭلار سۆيۈملۈك قىزلار! ئۆزەڭلارغا خاس لاتاپەت ۋە پەزىلىتىڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر نۇزۇگۇمدەك غورۇرلۇق، مەختۇمسۇلادەك گۈزەل، ئاماننىساخاندەك ئىستىداتلىق، رىزىۋانگۈلدەك باتۇر( ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى قەھرىمان قىز ) ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يىلتىزى ھەم شۇ يىلتىزنى كۆپەيتكۈچى. سىلەر پەقەت ئاتا - ئاناڭلارنىڭ قىزى،پەرزەنتىڭلارنىڭ ئانىسى بولماستىن، بىر مىللەتنىڭ قىزى ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئانىسى!


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;