• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئادەمنىڭ پسىخىك ئېھتىياجى
  • ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ, ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى پسىخىك ئھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇ سەۋەپتىن ، قايسى باسقۇچتىكى ئىھتىياجى قاندۇرۇلمىسا ، ئادەم ھاياتىدا قالدۇرۇلماي قالغان شۇ خىل ئىھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ .بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ شۇ خىل ئىھتىياجىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قاندۇرۇپ ، ھەقىقى خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ . مەسىلەن : كىچىگىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىگە قانمىغان بىر ئوغۇل بالا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن مېھرىبان ، ئوزىگە كۆيىنىدىغان ، ياۋاش ، ئېغېر - بېسىق قىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشسە بۇ خىل ئېھتىياجى قانائەت تېپىشى مۇمكىن . يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ قالدۇرۇلماي قالغان ئېھتىياجىنىڭ  نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىك سەۋەپلىك شۇ خىل ئىھتىياجى قانائەتكە ئېرىشەلمەي قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تۇرلۇك ئۇسۇللارنى سىناپ باقىدۇ . بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا مەخسىتىگە يېتەلمەيدۇ . مەسىلەن : كىچىگىدە بىخەتەرلىك ئىھتىياجى قاندۇرۇلمىغان بىر قىز ئۆسۈپ  يېتىلىش داۋامىدا بۇ خىل ئىھتىياجنى بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ باشقىلارغا تەۋە بولغانلىق ھىسىياتىغا ئىرىشىش ئارقىلىق ياكى ئۆزىگە تايانماي ، باشقىلارغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق قاندۇرۇشىمۇ  ياكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇگىنىشكە ، كەسىپكە بېرىلىش ئارقىلىق تولۇقلۇشىمۇ مۇمكىن ، مەيلى قايسى يول ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلىسۇن ، ئەگەر ئۆزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا بوشلۇق ھالىتىدىكى ئەسلىدىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىدىگە يېتەلمىگەندە يەنىلا ھەقىقى بەخت ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ . نەتىجىدە خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا  ئېرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن تۈرلىك كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى ، مىجەزى بىنورماللىشىپ ، ئېغىر بولغاندا جىنايەت سادىر قىلىشى مۇمكىن . شۇ سەۋەپتىن ، ھەر قايسى باسقۇچلاردىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم .

    بوۋاقلىقتىكى ئىنكاس باسقۇچى : ئادەمنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ، سىرىتقى دۇنياغا بولغان تۇنجى قىتىمقى ئىنكاسى ئۇنىڭ يىغىسى بىلەن باشلىنىدۇ . يىغلاش ، ئاڭلاش ، ئاۋاز چىقىرىش ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى بەلگىلىگەن ، يەنى بوۋاقلارنىڭ كۆرۇش ، ئاڭلاش ، تۇرلۇك ئاۋازلارنى چىقىرىش ئېھتىياجىنىڭ قېنىش ياكى قانماسلىقى كىيىنكى سۆزلەش ، ئاڭلاش ، كۆرۇش ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . كۆپ  كىشىلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.بىراق،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپ 10 مىنۇتتىن كېيىنلا ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرەلەيدىغانلىقى تېببىي ئىلىمدە ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان.شۇڭا،بالا يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئۇنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىش،ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

    بوۋاقلارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياج باسقۇچى: بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسى بىلەن بولغان تۇنجى قەدەملىك مۇھەببەت رىشتىسى ئانىسىنىڭ ئەركىلىتىشى،سىلىشى،باغرىغا بېسىشى،تىكىلىپ قارشى ئارقىلىق باغلىنىدۇ.بوۋاق تۇغۇلۇپ بەش كۈندىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان باسقۇچقا ئانا بىلەن سۈركىلىش ئېھتىياجى ئەڭ كۈچلۇك بولىدۇ.ئانىنىڭ سىلىشى،باغرىغا بېسىشىدىن بالا بۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.ئەگەر بۇندىن ۋاقىتتا بوۋاق ئانىنىڭ قوينىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالسا،تۇنجى باسقۇچلۇق پىسخىكىلىق ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان بولىدۇ-دە،بۇ بالىدا ئەڭ دەسلەپكى قەلب زەخمىسى پەيدا قىلىدۇ.بۇ نۇقتىنى ئامېرىكا پىسخولوگىيە ئالىمى خارلون تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان.ئۇ يېڭى تۇغۇلغان مايمۇن بالىسىنى تۆمۈردىن ياسالغان ۋە يۇمشاق كىيىم كەيدۈرۈپ قويغان،ئىككى ئانا مايمۇن مودېلى بىلەن بىر قەپەسكە سولىغان. تۆمۈردىن ياسالغان مايمۇن ئانىغا سۈت پۇتۇلكىسى ئېسىپ قويغان،يۇمران كىيىم كىيدۈرۈپ قۇيۇلغان مايمۇنغا ھېچقانداق يېمەكلىك قويمىغان،نەتىجىدە كىچىك مايمۇن قورسىقى ئاچقاندا تۆمۈر ئانا مايمۇننىڭ قېشىغا بېرىپ سۈت ئىچكەن،باشقا ۋاقىتتا يۇمشاق كىيىم كىيدۈرۈلگەن ئانا مايمۇننى قۇچاقلاپ دەم ئالغان،ئوينىغاندىمۇ شۇ مايمۇننىڭ يېنىدىن كەتمىگەن، بىر مەزگىلىدىن كېيىن تەجرىبە خادىملىرى يۇمشاق كىيىم كىيدۈرۈلگەن مايمۇن مودېلىنى ئېلىۋەتكەن،بۇنىڭ بىلەن بالا مايمۇننىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ،مىجەزى ناچارلاش،ۋاقىراش،سەكرەش ئالامىتى كۆرۈلگەن،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بالا مايمۇندا چۈشكۈنلىشش،ئىشتھاسى تۇتۇلۇش،ئورۇقلاش،ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن؛ بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولدىدۇكى،سۈركىلىش ئىھتىياجى بوۋاقلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.ئۇنىڭدىن باشقا،ئۈچ ياشتىن بۇرۇن ئانا بالىنى ئكزى باقماي، بالا باققۇچى ياكى چوڭلارنىڭ بېقىشىغا بەرگەندە بالىلاردا سۈركىلىش،مۇھەببەت،شۇنداقلا بىخەتەرلىك ئىھتىياجى قانماي،بۇ بالىنىڭ كېيىنكى مىجەز-خاراكتېرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۈچ ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق قارشىلىشىش باسقۇچى بولۇب ئۇ چاغدا بالىلاردا ئۆزىنى ئايرىم بىر شەخس دەپ قاراش ئېڭى شەكىللىنىدۇ. مەسلەن،بالىلار ئۈچ ياشتىن بۇرۇن بىرەر نەرسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،«بۇ كىمنىڭ» دەپ سورۇغاندا «مىنىڭ»دېمەي، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ.ئەگەر مېنىڭ دەپ جاۋاب بەرگەن تەقدىردىمۇ،چوڭلارنىڭ ئۆگىتىش بىلەن دېگەن مەن بولۇپ، بالىنىڭ ئۆز ئېڭىدىكى مەن ئەمەس،ئۈچ ياشتىن كېيىن بولسا بالىلاردا تۇنجى قېتىم «ئۆز»لۈك ئېڭى پەيدا بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەن بىلەن ئىسم بىرلىكىنى ھېس قىلىدۇ،يەنى بۇ كىمنىڭ دېگەندە «مېنىڭ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر ئانا ئىككىنچى پەرزەنت كۆرۈپ، بالىغا بولغان مۇئامىلىدە ئالاھىدە دىققەت قىلمىغاندا بالىدا زەخىم پەيدا بولىدۇ.چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بالنىڭ ئېڭىدا ئانام مېنىڭكى دېگەن ئاڭ بولغاچقا،ئانىنىڭ باغرىدا يەنە بىر بوۋاقنى كۆرگەندە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى بىلەن مۇھەببەت ئېھتىياجى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرايدۇ.بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئانا بوۋاقنى باغرىغا باسقاندا، دادا چوقۇم چوڭ بالىسىنى باغرىغا بېسىشى ياكى ئانا كىچىكنى قويۇپلا چوڭنى قۇچىقىغا ئېلىشى،«قارا،ئۇكاڭ بەك ئوماق» دېگەندە سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «قارا،ئۇكاڭ ساڭا ئوخشاش ئوماق» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئىشلىتىشى، مۇئامىلىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا ئىككى بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۇرۇقى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتا سۈركىلىش ئېھتىياجى،بىخەتەرلىك ئېھتىياجى،مۇھەببەت ئېھتىياجى بالا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ باسقۇچتىكى شۇ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىسا، بالىلاردا قەلب زەخمىسى پەيدا بولىدۇ. بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى پسىخىك ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ.يەتتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان باسقۇچ بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تەلەپ قىلىدىغان مۇھەببەت، بىخەتەرلىك، سۈركىلىش ئېھتىياجى باشقا، دوست تۇتۇش، تەڭتۇشلىرى بىلەن ئويناش ئېھتىياجى كۈچلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ، دوستلىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشكە، ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە بەكرەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ ھەمدە شۇنداق سۆزلەر بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئالاھىدە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدە ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا مۇكاپاتلاش، ماختاش ئۇسۇلىنى كۆپ ئىشلىتىش، تەنقىد سۆزلىرىنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەربىر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەممە بالىنى ئوخشاش ماختاش، مۇكاپاتلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، مۇشۇ باسقۇچتىكى بالىلار ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار دۆت دېسە ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىگە ئىشىنىدۇ. ئەقىللىق، ھەممە ئىشنى قىلالايسەن دەپ ماختىسا، ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئېھتىياجىنىڭ قېنىش ياكى قانماسلىقى بالىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بالىلارنىڭ مۇشۇ باسقۇچلۇق ئېھتىياجى قانائەتلەنمىسە بالىلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، كەمسىتىش، ئۆز ئىقتىدارىغا ئىشەنمەسلىك، مەكتەپنى ياخشى كۆرمەسلىك، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 9 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان مەزگىل،بۇ بالىلاردا ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىگە باشلىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ چاغدا بالا ئاتا-ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ گېپىنى بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ ئويلىمايدۇ . 9 ياشتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ كۆز قارشى، ئىدىيىسى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. مۇشۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ شۇ خىل تەرەققىياتىغا ھۆرمەت قىلىش ھەم بالىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىشتىن باشقا، بالىلارغا بۇيرۇق ئاساسىدا گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش، چوڭلار ئۆز پىكىرىنى بالاسىغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلدە بالىلاردا ئۆزلۈك ئېڭى، غۇرۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى، ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىياجى، سىرداش دوست تۇتۇش ئېھتىياجى، سر ساقلاش ئېھتىياجى،يات جىنسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئېھتىياجى كۈچلىنىدۇ، بولۇپمۇ غۇرۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى ئالاھدە مۇھىم بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىدە مۇشۇ خىل ئېھتىياجىغا دەخلى-تەرز قىلىدىغان مەزمۇن بولۇپ قالسا بالىلارنىڭ قەلب زەخمىسى پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىنى، غۇرۇرىغا تەگمەسلىكىنى، پىكىرىنى ئەستايىل ئاڭلىشىنى، ئاتا-ئانىسىدىن ھەممە ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى خالايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى بالىنىڭ شۇخىل ئېھتىياجىغا سەل قارىغاندا، ئاتا-ئانىسىدىن بىزار بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن قاچۇرىدۇ. مەسىلەن، ئائىلىدە ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىش، تورخانىلارغا كىرىش، بالدۇر تاماكا- ھاراققا ئۆگىنىۋېلىش، مۇھەببەتكە بېرىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقيۇرۇۋالىدۇ. ھەتتا، يامان يوللارغا مېڭىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بالىلارنى توغرا چۈشىنىش، بالىلارنىڭ بىلەن دوستانە ئۆتۈش، بالىلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەتلەش، بالىلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىش، ئۇلار بىلەن سىردىشىش، ئۆزلىرىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بالىلارغا بۇيرۇق ئاساسىدا گەپ قىلماي، مەسلىھەت تەرىقىسىدە گەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئېھتىياجىنىڭ قېنىش ياكى قانماسلىقى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچ بالىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قارشىلىشىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ ئۆتكەل ئادەم ھاياتىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى. 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان باسقۇچى قۇرامىغا يېتىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئادەمنىڭ جورا ئىزدەش، جورىسى بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئائىلە قۇرۇش، پەرزەنت كۆرۈش، ئائىلە ئىقتىسادىنى، ئائىلىدىكى ۋە جەمىئەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش، بىر قانچە جانجىگەر دوستى بولۇش قاتارلىق ئېھتىياجى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىل ئېھتىياجى قاندۇرالمىسا ياكى تەسىرگە ئۇچرىسا، ئادەمدە كەيپىياتى ناچارلىشىپ، ھاراق-تاماكا بېرىلىش، قىمار ئويناش، قالايمىقان دوست تۇتۇش، ئائىلە بىلەن كارى بولماسلىق، كىشىلىك مۇناسىۋتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈش ئېھتىياجى بولىدۇ. 30 ياشتىن 60 ياشقىچە قىرانلىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى ئېھتىياجى پەرزەتلىرىنى ياراملىق، بەختلىك قىلىش ئېھتىياجى، جەمئيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىھتىياجى، تىنچ ئارام ئېلىش ئېھتىياجى، جورىسىنىڭ مۇھەببەتكە، رىغبەتلەندۈرۈشكە، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئىھتىياجى ھەم ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە ماسلىشىش ئېھتىياجى، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى بېقىش ئېھتىياجى بولىدۇ. مۇشۇ خىل ئېھتىياجلىرى قاندۇرۇلمىسا، ئاجرىشىش، سىرتقا قاراش...... ۋە ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئۇخلىيالماسلىق، ھارغىنلىق ھېس قىلىش، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ. 60 ياشتىن ئۆمرىنىڭ     ئاخىرىغىچە بولغان باسقۇچ: بۇ باسقۇچتا مۇھەببەت ئېھتىياجى، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى، سالامەتلىك ئېھتىياجى، بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىش، مۇڭدىشىش ئېھتىياجى بولىدۇ. ئەگەر قاندۇرالماي قالسا، ئۆتكەن ئۆمرىدىن ئاغرىنىش، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش، بالىلىرىدىن ئاغرىنىش، تولا سۆزلەش، كەيپىياتى تۆۋەنلەش، ئۆزىنى «ئارتۇق، كېرەكسىز يۈك» دەپ ئويلاش، ئۆلۈمدىن قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا چوڭلارنى يالغۇز قويماسلىق، مۇڭدىشىش، ئۇلارغا ئىش تېتىپ بېرىش، جورىسى يوق بولۇپ قالسا، جۆرىلىك قىلىپ قويۇش ، سىرتلارغا كۆپ ئېلىپ چىقىش، ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىش، « سەن ياشىنىپ قالىدىغان كېيىن بىز قىلايلى، سەن ئارىلاشما» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق سۆزلەر ئۇلاردا « مەن كېرەكتىن چىقىپتىمەن، يۈك بولۇپ قاپتىمەن» دېگەندەك تەسىرات پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناچارلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;