• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ‹‹تورسەۋدالىرى›› نىڭ ‹‹تور خۇمارى›› دىن قۇتۇلىشىغا قانداق ياردەم قىلىش كىرەك؟
  • تور خۇمارى دېگىنىمىز ئالاقە تورىغا خۇمار بۇلۇپ قېلىشتىكى ئونىۋېرسال كىسەللىك ئالامىتى بۇلۇپ ، تور سەۋدالىرى ئۇزۇن مەزگىل كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، ئالاقە تورىدىكى مەۋھۇم دۇنياغا چۈكۈپ كەتكەنلىكتىن ، نۇرمال بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتلەردىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى : كىشىلەر بىلەن بولغان ئورتاقلىقى بولماسلىق ، يالغۇزسىراپ تىت-تىت بولۇش ، كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش ، تەپەككۇرى ئاستىلاش ، ئۆزىنى زىيادە تۆۋەن كۆرۈش قاتارلىقلار.

    تور خۇماردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسە بۇلىدۇ : (1) ئورنىغا دەسىستىپ داۋالانىش ئۇسۇلى . ساغلام بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تورغا بولغان دىققىتىنى يۆتكەش . مەسىلەن سۇ ئۈزۈش ، توپ ئويناش ، تاغقا يامىشىش ، ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تورغا چىقىش ئىستىكىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك . (2) كېلىش مەنبەسىگە قاراپ داۋالاش ئۇسۇلى : تور سەۋدالىرنىڭ نېمە ئۈچۈن تورغا سەۋدايى بۇلۇپ قېلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك . كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى ، ئۇزۇن مەزگىل باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى ، كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچار بۇلىشى تۈپەيلىدىن ، تورغا چىقىش ئارقىلىق رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن روھىي تەسەللىي ئىزدەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا تور سەۋدالىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا ، كېسەل سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش كىرەك . يەنى تۇر سەۋدالىرىغا ياردەم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۋاتقان مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىپ ، تەربىيەنى كۈچەيتىپ ، ئۇلارنى تور ئىسكەنجىسدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش كېرەك . (3) سىستېمىلىق ئىنتىلىشنى يوقىتىش . تورخۇمارىنى يوقىتىشنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تورغا چىقىش ۋاقتىنى قەدەممۇ قەدەم ئازايتىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا خۇمارىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش كېرەك . مەسىلەن ، ئەسلىدە تورغا چىقىش ۋاقتى كۈنىگە سەككىز سائەت ئەتراپىدا بولسا ، بىرىنجى ھەپتىسى كۈنىگە ئالتە سائەت ، ئىككىنسىجى ھەپتىسى كۈنىگە تۆت سائەت ، ئۈچۈنجى ھەپتىسى كۈنىگە ئۈچ سائەت ...... مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە داۋاملىق تۈۋەنلىتىپ ، تور خۇمارىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك . ئەگەر تور سەۋدالىرى پىلان بۇيىچە داۋاملاشتۇرالىسا ، ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ، ئەگەر ئەمەل قىلالمىسا ، جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ . مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئۇسۇللىرنى تور سەۋدالىرىغا قارىتا مۇۋاپىق بېكىتىشكە بۇلىدۇ .


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;