• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ سىرى
  • بىر ئادەمنى ئەڭ زور ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۇسۇلى __ ئۇنى مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش ، سەمىمىي مەدھىيلەشتىن ئۈنۈم ھاسىل بۇلىدۇ ، تەنىقىد ۋە مەسخىرە ئىشنى بۇزىدۇ.

    ئالەمدە ھەر قانداق ئەدەمگە ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرغىلى بۇلىدىغان بىرلا ئۇسۇل بار . ئازراق توختاپ بۇ ئۇسۇلنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسىڭىز قانداق؟ توغرا ، بىرلا ئۇسۇل بار ، ئۇ بولسىمۇ كىشلەرنى چىن كۆڭلىدىن خالاپ ئىشلەش ئىمكەنىيىتىگە ئىگە قىلىش .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇنىڭدىن ئۆزگە ھېچقانداق ئۇسۇل يوق . دەرۋەقە ، بىراۋغا تاپانچا تەڭلەپ تۇرسىڭىز ، سائىتىنى سىزگە بېرىۋېتىشى مۇمكىن . بىر خىزمەتچىگە ئىشتىن بوشىتىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالسىڭىز ، ئۇ سىز بىلەن ھەمكارلىششى مۇمكىن __ سىز ئارقىغا بۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ، بىر كىچىك بالىنى قامچىلاش ياكى قورقۇتۇش ئارقىلىق ، قىلدۇرۇىمەن دېگەن ئىشىڭىزنى قىلدۇرۇشىڭىز مۇمكىن . ئەمما بۇ قوپال ئۇسۇللاردىن ئىنتايىن يامان ئىنكاس پەيدا بۇلىدۇ.

    مەن ئېيىتقان ھەر قانداق بىر ئادەمگە ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرغىلى بولىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل - شۇ ئادەمنى خالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئۇسۇلدۇر .

    ئادەملەر نېمىنى خالايدۇ ؟ خالايدىغان نەرسىسى ئانچە كۆپ ئەمەس ، ئادەملەر ئۆزى ئۈمىد قىلىدىغان بىر نەچچە خىللا نەرسىنى خالايدۇ - كىشلەر ئۈزلۈكسىز تەشنا بۇلۇۋەرسە ئۇ نەرسىلەردىن بەھىرىمان بۇلالايدۇ. نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇ نەرسىلەردىن بۇلۇشنى ئويلايدۇ:

    1. ساغلام بەدەن ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش .

    2.ئۇزۇقلۇق .

    3.ئۇيقۇ.

    4.پۇل ۋە سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىلەر .

    5.بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتلىق .

    6.بالا-چاقىلىرىنىڭ بەختى .

    7.مۇھىم ئەربابلاردىن بۇلۇش تۇيغۇسى .

    يۇقىرىقى ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلگە ئاشىدۇ --- پەقەت بىرسىدىن باشقىسى. بىراق يەنە بىر خىل تەشنالىق بار ، ئۇنىڭغا بولغان تەشنالىق ئۇزۇقلۇق ياكى ئۇيقۇغا بولغان تەشنالىققا ئوخشاشلا قاتتىق ، جىددى بۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ فرېئۇد ئېيتقان « ئۇلۇغ ئادەم بۇلۇش ئىستىكى »ۋە دۇۋېي ئېيتقان « مۇھىم ئەربابلاردىن بۇلۇش ئىستىكى » دۇر .

    بىر كىشىنى كۆڭلىگە ئازار بېرىش يولى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، يەنە كېلىپ بۇنداق قىلىش ھاجەتسىز . ئەڭ ئەقەللىي قائىدە شۇكى ،« كىشلەرنى سەمىمىي ماختاش ۋە قەدىرلەش كېرەك ».

    مانا يۇقارقىلار سىزنىڭ باشقىلار بىلەن قانداق قىلغاندا ئەپ ئۆتۈش - ئۆتەلمەسلىك مەسلىڭىزنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قائىدىلەرنىڭ بىر قىسىمى . بەلكىم سىز بۇنىڭدىن ئېسىل ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرنى ئىجاد قىلغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ، ئۇنداق بولسا بۇ يەرگە تۆكمەمسىز ، بىرلىكتە پايدىلىنايلى .


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;