• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئىش تېپىشقا نىمە ئاساسىڭىز بار ؟
  • ئىش تېپىشقا نىمە ئاساسىڭىز بار ؟


    ئۇ شۇنچىلىك جاپا-مۇشەققەتتە ئالىي مەكتەپكە كەلدى،ئەمدى ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتى تېخىمۇ مۈشكۈلچىلىككە دۇچ كەلدى.دەم ئېلىش كۈنلىرى ساۋاقداشلىرى يېڭى كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ شەھەر ئايلىنىشقا چىقسا،ئۇ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئازغىنە ھەق ئۈچۈن خەت كۈچۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى.ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىلىپ دۇچ كەلگەن يەنە بىر ئۆتكەل خەنزۇتىلى بولدى.ئەمما ئۇ بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشتى،ئۆگەندى،ئۇزۇن ئۆتمەي خېلىلا پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.كىيىن بەزى گېزىت-ژورۇنال،تەھرىر بۆلۈملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەرجىمە قىلدىغان بەزى ماقالىلەرنى تېپىپ كىلىپ تەرجىمە قىلدى،بۇ يول بىلەن ئاز تۇلا مەنپەتكە ئېرىشتى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان يىللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر تېڭىرقاش تۇيغۇسى پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.ئۇمۇ شۇ قىسمەتكە دۇچ كىلەرمۇ؟ئۇ كۆپ ئويلاندى،گاڭگىردى،ئوقۇشتىنىمۇ كۆڭلى سوۋۇشقا  باشلىدى.دەرۋەقە جەمىيەتتە ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىپ،خىزمەت ئىشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان بىرەر ئۇرۇق-تۇغقان،تۇنۇش-بىلىش،ئارقا تېرىكى بولمىغان ئادەم كۆز ئالدىدىكى رەھىمسىز رېئاللىقنى قانداقمۇ بەخىرامان قۇبۇل قىلالىسۇن؟دەل شۇ كۈنلەردە چەتئەلدىن كەلگەن بىر پارچە خەت ئۇنىڭ ھايات يولىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.خەت ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھېلىقى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ساۋاقدىشىدىن كەلگەنىدى.ئۇ خېىتىدە دەسلىپىدىلا ئۆز يۇرتىدا تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقانلىقى، ھازىر چەتئەلدە بىر تەرەپتىن،سودا قىلغاچ،بىر تەرەپتىن،تىل ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى،تىل ئۆتكىلدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن مۇنتىزىم ئوقۇش ئويىدا بولۋاتقانلىقىنى يازغانىدى.بۇنى ئاڭلاپ .ۇنىڭ كەچتە ئۇيقۇسى كەلمىدى.ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن ساۋاقدىشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدە تىل ئۆگۈنۋاتقانلىقىنى ئويلاپ بىردە بۇنىڭغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغان بولسمۇ،بىردە ئۇ ساۋاقدىشىغا خىرە-شىرە ھەسەت تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.دېمىسىمۇ يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگۈسىدىكى ۋەھىمىلىك تەقدىرى ھەققىدە باش قاتتۇرۋاتقان ئۆزىگە نىسپەتەن،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىر ساۋاقدىشىنىڭ چەتئەللەردە ئۇقۇپ يۈرۈشى ناھايىتى ئازاپلىق بىر سېلىشتۇرمنى ھاسىل قىلغانىدى.ئۇ بىردىنلا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ھېساپلىناتتى.ئاخشىمى سىنىپ ۋە ياتاقتا توك ئۆچۈرۈلسە،ئۇ شام يېقىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى.ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇ ئىنگىلىز تىلدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى خېلى يۇقىرى سەۋيىدە يازالايدىغان،ئۇنى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىغا تەرجىمە قىلالايدىغان ھالەتكە يەتتى.شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر دوستىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن چەتئەل شىرىكچىلىكىدىكى بىر شىركەتنىڭ كەسپى ئىشلارغا دائىر دېرىكتورى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى.دېرىكتور ئۇنىڭ ئۈچ خىل تىلدا تەرجىمانلىق قىلالايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى خېلى يۇقىرى ھەق بىلەن ئوقۇشتىن سىرىتقى تەرجىمانلىققا تەكلىپ قىلدى.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوقۇغاچ تەرجىمانلىق قىلىشقا باشلىدى .


    ھەش-پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى،شىركەت مەسئۇللىرى ئۇنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ناھايىتى يۇقىرى مائاش كاپالىتى بىلەن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى.ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقسماتنى رەت قىلىپ شىركەتتكى غوللۇق شەخىسلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭ مائاشى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ساۋاقداشلىرىنىڭ مائاشىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە قېتىم چەتئەللەرگە چىقىپ ئۆگىنىش،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.


    بىزنىڭ ستۇدېنتلىرىمىز ئارىسىدىمۇ مانا شۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ تەقسماتىغىلا قاراشلىق بۇلۇپ قالمىغان،ئۆزى تەقسىمات ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ستۇدېنىتلار يوق ئەمەس،ئەمما بۇنداق كىيىنكى يۈزلىنىش،چوقۇم مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە سېتۇدېنىتىلار قۇشۇننىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;