• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاياللارنى قەدىرلەش
  • خۇ تۇنلىرىمىز ھەمىشە بىزنىڭ دەككىمىز  ۋە ئاچچىقىزنى كۆتۈرسە ، تاپا – تەنىللىرمىزگە چىداشقا مەجبۇر. ئۇ خام كۇتۇرۇپ كىرگەن يېمەكلىكلىرىمىزنى پىشۇرۇپ ، ئابىدىنىنى ئاۋال بىزگە يىگۇزىدۇ ،ئۆيىمىزنى ئىسسىتىپ يۇرۇتسا ، ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولغىنىمىزدا سۈت ،شەربەت ،چاي بەرسە ،كىر -   قاتلىرىمىزنى يۇيۇپ دەزماللسا ، ئۇستى -  باشلىرىمىزنى پاكىزلاپ ، كىيىم – كېچەك ، يوتقان – كۆرپەلىرىمىزنى  تىكسە -يامىسا ، ئارزۇيىمىزنى قاندۇرۇپ ،پەرزەنتىمىزنى توققۇز ئاي ،توققۇز كۈن بويىدا كۆتۇرىدۇ.  پەرزەنتىمىزنى ئەمدۇرۇپ ، ھۆللىرىنى قۇرۇغداپ ، ئوت – سۇدىن ساقلايدۇ ، ئاغىرىق سىلاقتىن خەۋەر ئېلىپ چوڭ قىلىدۇ. ئۇ بىچارە خوتۇنىمىز  بىر –بىرلەپ ئەكىرگەن بىساتلىمىزنى جۇغلاپ ئائىلىمىزنى بېيىتىپ ، ئاتا – ئانا ،  تۇققان ، دوست – بۇرادەر مىھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ، نازۇ – نئمەت داستىخانلىرمىزنى راسلايدۇ.  دەردىمىزگە دەرمان بۇلۇپ ،  كۈن - تۈن ، سىردىشىمىز بولىدۇ . شۇنچە ياخشىلىقلارنى كۈرۈپ تۇرۇپ ، يەنە خۇتۇنلىرنى ئۇرۇپ – سۇقۇپ ، ئۇلارنى خارلىغانلارنى قانداقمۇ ئەر كىشى دېگىلى بولسۇن؟  ئۆيىڭىزدە خۇتۇنىڭىز  بىر كۈن    بولمىغان  كۈننى ئويلاپ بېقىڭ .ئىسىل داچا -  بىنالىرىڭىزدىن بۇران ئۇچۇپ ، كەيىپ – ھالىڭىزدىن  ۋەيرانىلىق ئەكىس ئىتىدۇ . بەزەن ۋاقىتلاردا خۇتۇنىڭىزدىن ئازراق كەمچىلىكلەرنى كۇرۇپ نەسىھەت قىلماي تالاق سۆزىنى ئاغزىڭىزدىن چىقىرىش مەرت-مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس . بۇنداق بىلازىم سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىش نۇمۇسسىز كىشىلەرگە ئاسان بولغىنى بىلەن ، ئەمما ئاقىۋىتىدىن كىلىپ چىققان پۇشايمانلارنى ئورنىغا كەلتۇرۇش بەسى مۇشكۇل. سەن جاھىللىق قىلىپ ، ھېچكىمنىڭ سۇزىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قەسەم ئىچكەن بولساڭمۇ ، لېكىن سەبى پەرزەنىتلىرىڭنىڭ «دادا»،« ئانا » دىگەن پاك ، سەمىمى ۋە غەرەزسىز ساداسى ۋە سالاسى ئالدىدا لەت بولوپ بۇشۇشۇپ كېتىشىڭ ۋە قەھرى –غەزىپىڭدىن قايتىشىڭ مۇمكىن . ھېچكىم – ھېچكىمنىڭ ئۆيىگە مۇھەببەت تولدۇرۇپ قويغىنى يوق ، ئەلۋەتتە ئەر  -  خۇتۇن   بىر –بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ مۇھەببەتنى ئۇزى ئىزدىنىپ تېپىشى لازىم . شۇ چاغدا ئويدە ھەممە نەرسە تەل بولىدۇ. تۇرمۇشتا راھەت ، ئويدە بەركەت كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولۇپ ھەممە نەرسە كۇزىڭىزگە ئىسسىق كۇرنىدۇ.

    سىز شۇنى بىلىپ قۇيۇڭكى :

    _ ئادەتتە كىپەنلىكنى ئولگەن ئادەملەرگە پىچىدۇ ، ھايات ئادەمگە كىپەنلىك پىچىلمايدۇ ، ھايات ئادەملەرگە كىپەنلىك پىچىلسا يىرگىنىپ قورققاندەك ، ئاياللارمۇ تالاق دىگەن  سۇزىنىڭ چىقىشىدىن شۇنچە يىرگىنىپ قورقىدۇ . ئەرلەرنىڭ ئانچىكى ئىشلارغا ۋەس – ۋەسە قىلىپ يۇرمىگىنى ياخشى ، دىمىسىمۇ بۇلىدىغان سۆز ۋە ئۇرۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن ئاياللارنى خارلىماسلىق لازىم . بۇ دۇنيادا قىلغان ھەر – بىر ئىشمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا سۇئال – سۇراقىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. شۇندىلا زۇلۇم قىلىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىسىز .بىلىپ قۇيۇڭكى ئاللا ياخشى كۆرمەيدىغان ھالال ئىشنىڭ ئالدىنقىسى تالاقتۇر.تالاق قىلىش سىزگە بىرىلگەن ھوقۇق ئەمەس مەسئۇلىيەتتۇر،  ئۇ نوچىلىقىڭىزنىڭ  دەسمايىسى بولۇپ قالمىغاي.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;