• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى
  • ھازىرقى ئاياللار بۇلۇپمۇ  ئامېرىكا ئاياللىرى مۇستەققىلىقنى قولىغا ئېلىپ ، ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولدى. بەزىلەر ( بۇلۇپمۇ ئەرلەر) بۇ بىر بولمىغۇر ئىش بۇلۇپ، ئاياللارنىڭ تەبئىي رۇھىغا خىلاپ دەپ ۋايساشتى. بۇرۇنقى مۇتەپپەككۇرلار بۇ مەسىلە توغرىسدا قانداق قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان ؟ ئۇلار ئاياللار ئەزەلدىن ئەرلەرگە يەتمەيدۇ دەپ قارامتى؟ ياكى بەزىلەر تىخىمۇ ئاقىلانە قاراشقا ئىگىمىدى؟


    غەرب مەدەنىيتى جەمئىيەتنىڭ قەبىلە باشلىقلىق تۈزۈمى مەزگىلىدە رۇياپقا چىقىشقا باشلىغان . ئەرلەر ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئەۋزەل مۇئامىلىدىن بەھرىمان بۇلۇپ كەلدى. قەدىمكى ئەسەرلەر ئاياللارنىڭ ئورنى توغرىسىدا توختالغاندا ، جەمئىيەتنىڭ قەبىلە باشلىقلق ھالىتى ئەكىس ئەتكەن.  ھەتتا، قەدىمكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنى ھەققىدىكى يەكۈنى ئادەتتىكى ئەھۋاللار بىلەن زىت ئىدى.


    قەدىمكىلەر ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئورنى  ھەققىدە سۆز ئاچقانلاردىن ئەپلاتون ئەڭ مەشھۇر ، ئۇ ئۆزىنىڭ «غايىۋى دۆلەت» دېگەن ئەسىرىدە، ئاياللار سىياسىي جەھەتتە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇشى كىرەك، دەپ تەكلىپ بەردى. ئەپلاتوننىڭ تەشەببۇسىچە، ئەرلەر قىلغان ئاممىۋى ئىشلارنى ئاياللارمۇ قىلالايدۇ. ئۇ بەزى تەرەپلەردە ئاياللار ھامان ئاياللىقىنى قىلىپ، بۇلۇپمۇ سىياسىي ئىشلاردا ھامان ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ،دەپ ئىتراپ قىلاتتى. لېكىىن، ئۇنىڭ قارىشىچە، شەخىسلەر(ئەر ياكى ئايال) ئوتتۇرسىدىكى پەرق جىنىسلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقتىن مۇھىم. ئەقىللىق ، ئىقتىدارلىق بىر ئايال ئەقلى كەم بىر ئەردىن  مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەگەر ئاياللار دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلمىسا ، بۇ ئىنسانلار ئىقتىدارىدىكى ئىسراپچىلىق بۇلىدۇ.


    ئەپلاتون دەۋرىدىن 2000 يىل كىيىن، ئەنگىلىيە پەيلاسوپى مىل ئاياللارنى يەنە بىر قېتىم ئاقلىدى. ئۇ « ئاياللارنىڭ ئىتائىتى» نامىلىق برۇشورىسىدا ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي، سىياسىي باراۋەرسىزلىكنىڭ ھەققىي ماھىيتى ئۈستىدىن ئەتكۈچە شىكايەت قىلدى. ئۇ « پارلامېنت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى» دېگەن ئەسىرىدە ، ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېلىتى تاشلاش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ، خۇددى ئەرلەرنىڭ سىياسىيغا ئارلىشىش ھوقۇقى بولغاندەكلا ئاياللارمۇ بۇ جەھەتتە تۇغما ھوقۇققا ئىگە دېگەنىدى.


    نەچچە ئەسىر ئوتۇپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاياللارىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقوقى يەنىلا مۇنازىرە قىلىنماقتا. ئەپلاتون بىلەن مىلنىڭ تەشەببۇسى يەنىلا ئاز سانلىقلارغا تەۋە . ئەپلاتوننىڭ داڭلىق ئوقۇغۇچىسى ئارىستوتېل بۇ قاراشقا قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ئەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ غايىسىنىڭ كونكىرت ئىپادىسى، ئاياللار بىر خىل تۆۋەن دەرىجىلىك مەۋجۇدىيەت دېگەنىدى. ئارىستوتېل ھازىرقى ئامرىكا جەمئىيتىدىكى ئاياللار ھەرىكىتىنى كۆرسە ۋەھىمىلىنىپ كىتىشى مۇمكىن. ئۇمۇ سان پائولغا ئوخشاشلا سۈكۈت قىلىش ۋە بويسۇنۇش ئاياللارنىڭ شان- شەرىپى دەپ قارايتتى.


    ئەمەلىيەتتە ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي  جەھەتتىكى باراۋەرلىك مەسىلىسىنى قايرىپ تۇرغاندىمۇ ، رىستارلار دەۋرىدە ئاياللارنى ئىرسىيەت جەھەتتىن باراۋەر يارىتىلغۇچى دەپ قارايدىغان غايىۋىلەشكەن ئاياللار ئوقۇمى ئوتتۇرغا چىققان. بۇنداق رۇمانتىك ئايال ئوقۇمى دانتېنىڭ ئەسىرىدىكى  بياتلىس ئوبرازىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن. ئاياللار ھەققىدىكى رۇمانتىك ئوقۇم سېرۋانتېسنىڭ «دونكىخوت» نامىلىق ئەسرىدە تېخىمۇ ئىلىگىر سۈرۈلگەن . ئۇنىڭدا ئاياللار نازۇك گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇ ئاۋايلاشقا ۋە قوغداشقا مۇھتاج دېيىلگەن.


    ھازىرقى ئەسەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى ھەققىدىكى تەشەببۇسقا ئېرەن قىلمايدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئەسلىدىكى ئەرلەرگە تەۋە پائالىيەت ۋە ئورگانلارغا ئارلىشىۋالغانلىغى ئۈچۈن ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى نازاكىتى ، سېھرىي كۈچى ۋە شېرىنلىكىنى يوقىتىپ قويغان . ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرلەپ، ئاياللار مىلنڭ تەشەببۇسىدىن بۇرۇنقى ئىجتىمائىي ئورنىغا قايتىشى كىرەك ، دەپ تەكلىپ بېرىشتى.


    مىل مۇنداق يازغان:« ھازىر ھېچكىم ئاياللارنى ئىدىيسىز، ئارزۇسىز، ياكى كەسىپسىز خۇسۇسىي قۇل دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە ، ئاياللار ئېرى ، ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەتچى». ئۇ ھېچكىم ئاياللاردا مۈلۈك بولسا بولمايدىغان ، ئەرلەرگە ئوخشاش پۇل ۋە سودىغا قىزىقسا بولمايدىغان ئاشۇ دەۋىرگە قايتىشىنى خالىمايدۇ، دېگەنىدى.


    «غەربنىڭ تەپەككۇرى » نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;