• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاجىرشىش ئالدىدىكى سۆز
  • سۈيۈملۈگۈم؛


    گەرچە ئاجىرشىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولساقمۇ،سىز بىلەن شۇنچە يىلنى بىللە ئۆتكۈزگۈنۈم،ئائىلىمىز ئۈچۈن ئاققۇزغان قان-تەرىڭىز ئۈچۈن سىزنى يەنىلا سۈيۈملۈگۈم دىيىشنى توغرا تاپتىم،بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۈرۈپ بىر- بىرنمىزگە ھەمرا بۇلۇپ شۇنچە يىلنى بىرگە ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق،نىمىشقا ئاجىرشىش گىردابىغا بىېرىپ قالغانلىقىمىز توغۇرلۇق كۆپ ئويلاندىم،سەۋەنلىك مەندىمۇ سىزدىمۇ بارئىكەن،ئەڭ كۆپ ئويلۇغىنىم يەنىلا قانداق قىلغاندا مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز، دىگەن مەسىلە بولدى.


    تويدىن ئىلگىرى ماڭا پۇل خەجلىتەتتىڭىز ،ئۇنى بۇنى ئالدۇراتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ ؟ تويدىن كىيىن مىنى تىجەشلىك قىلىۋەتتىڭىز، ياۋاشلىق بىلەن مائاشىمنىڭ ھەممىنى سىزگە تاپشۇردۇم،ئىلگىرى بوتوغىرسىدا سىزدىن ئاغىرىنغان ئىدىم، بۈگۈن ئويلاپ باقسام سىز ماڭا قانداق ياشاشنى ئۈگۈتۈپسىز، بەتخەجلىك قىلدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپسىز.


    تويدىن ئىلگىرى سىز چىرايلىق ياسىنىپ ئالدىمغا چىقاتتىڭىز،تويدىن كىيىنچۇ؟تويدىن كىيىن يۈرۈش تۇرشىڭىزغا دىققەت قىلمايدىغان بۇلىۋالدىڭىز،ئارىلاپ ياسانغانىڭىزنى كۈرۈپ قالىمەن،بۇ سىرتقا ماڭغان ۋاقتىڭىز بۇلۇپ،باشقىلارغا كۈرۈنۈش ئۈچۈن ياسىنىۋالدىڭىز،بۇتوغىرلىق سىزدىن ئاغىرىندىم ئەمدى ئويلاپ باقسام،ئائىلىمىز ئۈچۈن كۆپ چارچاغان ئىكەنسىز،ھالىمىزدىن خەۋەر ئالمىسىڭىز تېخى،خىزمىتىڭىزنى قىلمىسىڭىز تېخى،كۆڭلخڭخز كۆپ ئازار يىگەن ئىكەن،مەن بۇنى سىزەلمەپتىمەن.


    تويدىن ئىلگىرى مىنى دائىم ئەقىللىق،قۇلدىن ئىش كىلىدۇ ،دەپ ماختاتتىڭىز،خىزمەتنى بىرنچى ئۇرۇنغا قۇيۇشقا ئىلھاملاندۇراتتىڭىز،تويدىن كىيىنچۇ؟ يانچۇقۇمدىكى پۇلغىلا كۈڭۈل بۈلىدىغا ئىچكى ھىسياتىم بىلەن كارىڭىز بۇلمايدىغان بۇلۇپ قالدىڭىز،كىشىلەر ئەرلەرنى چوڭ بولمايدىغان بالا دىيىشىدۇ،بۇگەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىلغانكەن،ئەمدى بىلدىمكى،كۈيۈنىشكە مەنلا ئەمەس،سىزمۇ ئىھتىياجلىق ئىكەنسىز،ئۇيلاپ باقسام تۇيدىن كىيىن سىزگە بىرەر قېتىممۇ گۈل سوغا قىلىپ باقماپتىمەن،بىرەر قېتىممۇ سىزنى باشلاپ چىقىپ سىزگە كىيىم ئېلىپ بەرمەپتىمەن،بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.


    تويدىن ئىلگىرى ئۈزۈڭىزگە بەكمۇ ئىشەنگەچكە،باشقا قىزلار سىزنى ياراتمايدۇ دەيتتيڭىز،تويدىن كىيىنچۇ؟قىزلار ئۈزىگە قارتىۋالامۇ دەپ ئەنسىرەپلا يۈردىڭىز،تىلىفۇندا تۇلا سۈرۈشتە قىلىدىغان،مىنىپايلاپ يۈرۈيدىغان بۇلۇپ قالدىڭىز،ئىلگىرى بۇ توغىرسىدا سىزدىن ئاغرىنغاندىم،ئەسلى مىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزدىن شۇنداق قىلغان ئىكەنسىز ئەمەشمۇ،تويدىن ئىلگىرى شىرىن سۆزلەرنى قىلسام ھاياجانلىنىپ كىتەتتىڭىز،تۇيدىن كىيىنچۇ؟ماڭا دەيدىغان سۈزىڭىز يوقمۇ دەپ مەندىن ئاغرىندىڭىز،ئەينى چاغدا ماڭا سىز بىلەن قىلىشقىدەك گەپ يوقتەك بىلىنگەندى،ئەگەر مۇمكىن بۇلسا بۇلىڭدىن كىيىن ئىلگىركىگە ئوخشاش سىزگە كۈندە ھىكايە ئىيتپ بىرىپ كۆڭلىڭىزنى ئالسام،


    سۈيۈملۈگۈم،تويدىن ئىلگىركىگە ئۇخشاش جەلىپداش سىرداش ئۈتۈشىمىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلۋاتىمەن،تويدىن ئىلگىركى ھالتىمىزگە قايتقىلى بولسىدى،قانداق ياخشى بۇلاتتى؟! كىتاپ ئۇقۇپ بەرسەم،خۇشال بۇلسىڭىز،مۇزىكا چالسام،بىرىلىپ ئاڭلىسىڭىز،يالغۇزسىرغان چاغلىرىمدا يېقىملىق ئاۋازىڭىز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىسا،كۆبېقىشقاندا،بىرەر چەينەك چاينى تەڭ ئىچكەندە چىھرىڭىزدە خۇشاللىق ئەكىس ئەتسە.....


    بىلىمەن،بۇگۈكىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمغا مەن سەۋەپچى،مەندە تويدىن بۇرۇنقى رومانتىكلىق قالمىدى،سىزگە ئىلگىركىدەك كۈيۈنمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم،كەڭ قۇرساقلىقىڭىزنى يول قۇيۇش دەپ چۈشەندىم،مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزنى قىلىشقا تىگىشلىك دەپ ئويلۇدۇم،سزدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە،سىزنىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشۈنۈپ يەتتىم،ئاخردا،سىزدىن بۇرۇنقى مۇھەببىتىمىزنىڭ،خاتالىقىمنى تۇنىغانلىقىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ،بالىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،بۇئائىلىنى ساقلاپ قېلىشىڭىزنى ئۈتىنىمەن.


    سىزنى سۈيۈپ؛ئىرىڭىزدىن.

    مەنبە؛ئىزگۈ بىكىتى.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;