• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • گۈزەللىك بىر خىل پوزىتسىيە
  • ھەممىگە گۈزەل پوزىتسىيە بىلەن قاراشنى ئۆگىنىۋېلىش ـــ تۇرمۇشقا ۋە ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم . گۈزەللىككە ئېتىبارسىز قارىغان ئايال گۈزەل ھېسابلانمايدۇ . شۇڭا ، گۈزەللىككە بولغان ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش ئاياللارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئالىي غايىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ . گۈزەل ياشاش ئاياللارنى تۇرمۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ . بەلكى بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىشىنىش ، قانائەت كەيپىياتى ئاياللارنى كۈنسېرى تېخىمۇ سۆيۈملۈك قىلىدۇ ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ .گۈزەللىك بىر پۈتۈنلۈك بولۇپ ، ئۇ ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ، يەنە قەلبى ۋە روھىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . شۇڭا ، گۈزەللىك چىرايلىقلىقتىن ئۈستۈن بولۇپ ، چىرايلىقلىقنىڭ پىشىپ – يېتىلىشى ، سۈپەت جەھەتتىن راۋاجلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .گۈزەللىك – ھۆسىن تۈزەش ئۇستىلىرىنىڭ تۈرلۈك ماھارىتىگە باغلىق بولۇپلا قالماي ، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا ئىناق ، ساغلام ، جانلىق ، قىزغىن ، كۈچلۈك بولغان ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىدە ئەكىس ئېتىدۇ .گۈزەللىكنى سۆيگۈچى ئاياللار ئەڭ زور چەكتە ئۆزۈڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ گۈزەللىك نىشانى تۈزۈپ ، شۇ نىشان ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ ، تۈرلۈك ئامال – چارىلەر بىلەن ئۆزۈڭلارنى كاللىسى بار ، ئەقلى بار قىلىپ ئۆزگەرتىڭلار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە جانلىقلىقنى تىرىشىپ ساقلاپ ، سىرتقى قىياپىتىڭلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، گۈزەللىككە يات سۆز – ھەركىتىڭلارنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ ، كۆپ تەرەپتىن يېتىشكەن گۈزەللەردىن بولۇڭلار !▲  مۇھەببەت گۈزەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلىگۈزەللىك شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇكى ، ئۇنىڭدا يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن چىققان سۆيگۈ – مۇھەببەت بار . ئەمەلىيەتتە ، مۇھەببەت گۈزەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى .ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى سۆگەندەك ئەرلىرىمىزنى ، دوست – بۇرادەر ، قولۇم – قوشنىلارنى سۆيسەك ، ئۇلارغا سۆيگۈ كۆزىمىز بىلەن قارىساق ، تەبىئىيكى بەش ئەزايىمىز يېنىك ، روھىي ھالىتىمىز خاتىرجەم ، رەڭگىرويىمىز گۈزەل بولىدۇ .مۇھەببەت مېھرىبانلىق ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغاچقا ، ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ . جەلىپكارلىق ئەمەلىيەتتە كۆپرەك ئاياللاردىكى مۇلايىملىقتىن كېلىدۇ . بىز بەزىدە بۇ ئايالدا ھەقىقىي ئاياللىق پۇراق بار ئىكەن ، دەيمىز . بۇ ئۇنىڭ گېلاستەك ئېغىزى ، سەدەپتەك چىشى ، ھىلال ئايدەك قېشى ، ئەۋرىشىم بېلى بارلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن تارىغان ئىللىق ھىدى ، سىپايىلىقى ۋە مۇلايىنلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئەگەر ئاياللاردىكى ئەقىل – پاراسەتنى بىر پارچە ئوخشىغان رەسىم دېسەك ، مۇھەببەت ئاياللارنى چۆرىدىگەن ھەقىقىي رەڭدارلىق بولىدۇ .ئەلۋەتتە ، بىز ھۆسن تۈزەش ۋە گىرىمنىڭ قىلچە رولى يوق ، دېمەكچى ئەمەسمىز . ئەقىل - پاراسەت ۋە مۇھەببەتكە نىسبەتەن ، ھۆسن تۈزەش ۋە گىرىم پەقەت ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك كىچىك بىر ھالقا ، خالاس . ئۆزىمىزنى ، ھەربىر كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ، خۇددى بىزنىڭ ھەركۈنى ئۆيىمىزنى سۈپۈرگەنگە ئوخشايدۇ . ئەقىل – پاراسەت ۋە مۇھەببەتنى تەڭ ھازىرلىغان ئاياللارنىڭ ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەي يۈرۈشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .ھەر كۈندىكى تولۇپ – تاشقان مۇھەببەت ، شۇ كۈننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ .▲ گۈزەللىكنى نامايان قىلىشنى بىلىش قانداق ئايال گۈزەل بولىدۇ ؟بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتە ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلچىمى بار . بىراق كۆپچىلىككە دېمەكچى بولغىنىمىز ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشنى بىلىدىغان ئايال گۈزەل ئايال ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ، ھەربىر ئايال ئۆز كۆڭلىدە ، تۇرمۇش قانچە ئالدىراش بولمىسۇن ، ئەڭ گۈزەل ئۆزىنى كۆرۈشنى ئويلايدۇ . ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىشنى بىلسىڭىز ، مۇقەررەركى سىز گۈزەل ئايال .نېمە ئۈچۈن بەزى ياش ئاياللار مودا ژۇرناللارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىككە تەشنا . مودا ژۇرناللاردا تۈرلۈك ماھارەتلەر ، مەسىلەن : چاچ بوياش ، چاچ بېزەكلىرىنى تاللاش دېگەندەك مەزمۇنلار بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ . بىراق يەنە نۇرغۇن ئاياللار بىر تەرەپلىمە ھالدا ئوبرازغا ئەھمىيەت بېرىش  ـــ باشقا تەرەپلەردىكى ئارتۇقچىلىقنى بېسىپ قويىدۇ ، چىرايلىق بولۇش بىلەن ئەقىللىق بولغىلى بولمايدۇ ، ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىنىش سۈنئىيلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۆزىنى نامايان قىلىشنى بىلىش ـــ بىزنىڭ ئۆزىمىزگە قانداق قارايدىغانلىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . بىز ھەممىمىز گۈزەللىكنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم . ئاياللار ئۆزىنى ئوبدان ئاسىرسا ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسى ئاكتىپ ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ . گۈزەللىكنى نامايان قىلسا ، ئۆزىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشىنىشىنى كۈچەتەلەيدۇ . دەرۋەقە ، بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ روھىي ھالىتىمىزنى سالماق تۇتالىساق ، تۇرمۇشقا ، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا پائال كىرىشىپ ، تۈرلۈك خاپىلىقلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالمايمىز .▲ ھازىرقى ئۆزىنى سۆيۈش كۆپىنچە ھاللاردا ، بىز ئۆزىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەنمەيمىز . خۇشال يايراپ ، ئۆزىمىزنى قويۇۋېتىپ كۈلۈشىمىز ئەمەلىيەتتە ، بىزدىكى گۈزەللىكنىڭ خۇشال ھالىتىمىزدا جۇلالىنىشى خالاس . ئەگەر سىز گۈزەللىكنى سۆيسىڭىز ، ئۇنداقتا گۈزەللىكنى باشتىن ئاخىر نامايان قىلالايسىز . ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە نەزەر سالساق ، ئۆزىمىزدىكى گۈزەللىكىنى بايقىيالايمىز . بىلىشىمىز كېرەككى ، گۈزەللىك بىزنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان ھوقۇقىمىز . سىز دە چولپانلارنىڭكىدەك چىراي ، قەددى – قامەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، ياشلىق باھارىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان 18 ياشلىق قىزچاق ياكى 60 ياشلىق موماي بولۇڭ ، ھازىرقى ئۆزىڭىزنى سۆيۈشىڭىز ، قەدىرلىشىڭىز لازىم .ھازىرقى ئۆزىنى سۆيۈش ــــ سۇلغۇن چىراي ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنگە باراۋەر ئەمەس . گۈزەللىكنى سۆيگۈچى ئاياللار مەڭگۈ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ . ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سۆز – ھەركىتىگە ، ئاياللىق لاتاپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ . قائىدە – يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىش نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشىدا شۇنچە مۇھىم ؟ چۈنكى گۈزەللىك ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك . بىر ئايالغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، گۈزەللىكنى نامايان قىلىش ـــ «مەن ھازىرقى يېشىمنى ، ئوخشاشلا كەلگۈسىدىكى يېشىمنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەندىن بېشارەت بېرىدۇ . چۈنكى ، بىزنىڭ يۈزىمىز باشقىلار بىزنى كۆرگەندە كۆرىدىغان بىرىنچى بېكەت ، شۇنداقلا روھىي ھالىتىمىزنى چۈشىنىشىدىكى بىرىنچى قەدەم .ھازىرقى ئۆزىنى سۆيۈش ، ئۆزىنىڭ قائىدە – يوسۇن ئىچىدىكى سۆز – ھەرىكىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ـــــ باشقىلارغا «مەن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرىمەن ، مېنىڭ روھىم جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ» دېگەنگە باراۋەر . سىز ئۆزىڭىزگە مۇشۇنداق ئىشەنسىڭىز ، باشقىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن ، تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۆزىڭىزگە تۇرمۇشنىڭ ھەرۋاقىت گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالايسىز .


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;