• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تور خۇمارىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى
  • كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بىرىش-كىلىشى رىئال تۇرمۇشتا ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ياخشى ئادەت بولۇپ، جىنىسي، كەسپى، يېشى نامەلۇم كىشىلەر ئادەتتە بىرىش-كېلىش قىلىشمايىتتى. لېكىن، تور بېرىش-كىلىشنى پۈتۈنلەي ساختا دۇنياغا ئېلىپ كىردى. توردا سۆزلىشىش ھەقىقىي سالاھىيەتنى ئاشكارلاشنى، ھەر قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، توردىكى «سىز» رېئال تۇرمۇشتىكى سىزگە تۈپتىن ئوىشىمايدۇ، توردا كۆڭلىڭىزگە پۈككەن «سىز»نى ياراتقىلى بولىدۇ، ئەمما ئاقىۋەت بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ. سىز گاچىمۇ، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، سىز سېمىزمۇ ياكى پاكارمۇ، بۇنى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ، مەسخىرىگە قىلىشتىن قىلچە قورقمايسىز، كۆڭلىڭىزگە ياقمىسا توردىن چىقىپ كەتسىڭىزلا ئىش تامام.


    تور ئالاقىسىنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى ئىنساننىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپلا بالرىققا كەلگەن ئارلىشىپ ئۆم ئۆتۈش ئارزۇسى تەلەپ قىلىدىغان ئىپتىدائىي ئېنېرگىيىنى تولۇق ھەل قىلدى. رېئاللىقتا قاتمۇ قات غەم – ئەندىشىدە قالغان كىشىلەر توردىن ئېتىراپقا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمىن تاپالايدۇ، كۆڭلىگە كەچكەننى قورۇنماي ئېيىتالايدۇ، ئۆز ئورنىنى ئاسانلا تاپالايدۇ.


    تور ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تارىيىپ كەتكەن ئالاقە ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، مەنىۋى قۇۋۋىتىنى چىقىرىش تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. شەھەرلەردە پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، ئېگىز بىنالارنىڭ كۆپىيىشى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش بىسىمىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى، ئۆگىنىش رىقابىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەڭتۇشلىرى بىلەن بىرىش-كىلىشى، دەرستىن سىرتقى ھەرىكەتلەرنى ۋە جىسمانىي پائالىيەت پۇرسەتلىرى ئازىيىپ كەتتى. ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بالىسى بىلەن كەمدىن-كەم سىردىشىدىغان بولۇپ قالدى. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇلارنىڭ ئورنىنى توردا مۇڭدىشىش ۋە ئويۇن ئويناش بىلەن تولدۇرىدىغان بولدى. ئۇلار تورنىڭ مۇڭدىشىش بۆلۈملىرىدە خاپىلىق ۋە دەرلىرىنى تۆكۈپ، روھىي ئەمىنلىككە ئېرىشىدىغان، ھەۋەس ۋە قىزىقىشلىرىنى دەپ مەقسەتداش ۋە ھەۋەسداشلارنى تاپىدىغان، يات جىنىسلىق دوست بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، مۇھەببەتلىشىش تەلىپىنى قاندۇرىدىغان بولدى، تور ئويۇنى ياراتقان ساختا دۇنيا يېتىمسىراپ قالغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خالىغان ۋاقتىدا ئىزدىسە تاپقىلى بولىدىغان ھەمراھقا، بۇخسۈپ كەتكەن زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىشلىتىدىغان زىمىنغا ئىگە قىلدى.

    تور ئويۇنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆگىنىش بىسىمىنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇلدۇرۇپ، ساختا ئۇتۇق ۋە شادلىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. تور ئويۇنى زېھنىنى يۈكسەك دەرىجىدە يېغىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ كىشىگە قايغۇ ۋە غەم-ئەندىشىنى، رېئال تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر (ئاتا-ئانىسىدىن تەنقىد ئاڭلاش، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىش، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىككە ئوخشاش) دىن خالاس قىلىدۇ.


    تور ئويۇنى ئوينىغان ۋاقتىڭىزدا كامالەتكە يەتكەن شوپۇرغا، ھەر قانداق ئىشتا غەلبە قىلالايدىغان باتۇرغا، ھېچكىم تەڭ كىلەلمەيدىغان قەھرىمانغان، ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرنىڭ ئىگىسىگە ئايلىالايسىز، يەنە تېخى ساختا ماددى بۇيۇم ۋە پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىسىز. بۇ چاغدا بىلىش سەۋىيىڭىز ۋە روھىي كەيپىياتىڭىزدا ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى بارلىققا كېلىپ، ھەۋىسىڭىز قانغاندەك بولىدۇ. روھىي ھالىتىڭىزدىكى بۇنداق ئىجابىي ۋە كۈچلۈك غىدىقلاش ئويۇن ئوينىشىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سىزنى ئويۇندىن مېھرىنى ئۈزەلمەس قېلىپ قويىدۇ. ئكگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئەمەسلەردە بۇنداق ئەھۋا تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ.


    تورغا خۇمار بولۇپ قالغۇچىغا تورغا چىقىش باشتا ھوزۇر تۇيۇلىدۇ، تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. تورغا چىقىشقا خۇشتارلىق باشتا روھى جەھەتتە كۆرۈلگەن بولسا، كېيىن جىسمانىي جەھەتتە كۆرۈلۈپ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كەيپىيات ناچارلىشىش، تەپەككۇر ئاستىلاش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، قول تىتىرەش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇشقا ئوخشاش روھىي ھالەت كۆرۈلىدۇ، بۇنداق روھىي ھالەت تورغا چىققاندىن كېيىنلا ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىدۇ. تور خۇمارىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئورۇقلاش، چىراي ساغرىيىش، تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزىراش، تورغا چىقمىسا ئىچى تىت-تىت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئكزىنى نابۇت قىلىدىغان، ئۆلۈۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، تور خۇمار بولۇپ قالغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

    پسخولوگلارنىڭ ئەندىشە قىلىشىچە، تور ۋە كومپىيۇتېر ئومۇملاشقا شارائىتتا چوڭ بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ھېسسىي سۆرۈنلۈك يېغىندى كىسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە مۇناسىپ ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە قىزىقماسلىق، چىرايى سولغۇنلىشىش، تەپەككۇر قىلىشى ئازىيىپ كېتىش، ئىغىر بولغاندا ھېچنىمىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە ئوخشاش ئىپادىلىرى بولىدىكەن. كومپىيۇتېر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆرۈنلۈك ئادەتتىكى سۆرۈنلۈككە ئوخشىمايدىكەن. ئادەتتىكى سۆرۈنلۈك روھىي كېسەلدىن، بۇنداق سۆرۈنلك كومپىيۇتېردىن كىلىپ چىقىدىكەن، خۇمار بولۇپ قالغۇچى ھەر قانداق نەرسىگە قىزىقىشنىمۇ قىزىقىدىكەن. ئەمما ئۇ قىزىقىشى كومپىيۇتېر دۇنياسىغا يۆتكىلىپ كېتىدىكەن.


    پىسخىك توسقۇنلۇقنىڭ بىر خلى بولغان بۇنداق ھېسسىي سۆرۈنلۈككە جىددىي قارىشىمىز كېرەك. كومپىيۇتېرغا باغلىنىپ قالىدىغان روھىي ھالەت كېلىپ چىقىدىغان بولسا، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، كىشى باشقا شەيئىلەرگە قىزىقمايدىغان، ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تارىيىپ كېتىدىغان، ساختا دۇنياغا كېرىپ قلىپ چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ جىسمانىي، ئەقلىي جەھەتلەردە تېخخمۇ يېتىلىپ بولمىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇنداق «ۋىرۇس» نىڭ ھۇجۇمىدىن قاتتىق پەخەس بولۇشى كېرەك.


    تور خۇمارىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن، توردا مۇڭدىشىش ياكى ئويناشنىڭ رولىغا توغرا قاراش لازىم. توردا تۇرمۇش ھەر قانچە چىندەك كۆرۈنسىمۇ، رېئال تۇرمۇشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. شۇڭا، تورغا چىقىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، باشقىلاردىن كېچىشكە بولمايدۇ. مۇشۇنداق قاراشتا بولغاندىلا تورغا چىققاندا ئۆزىنى ئاسان تىزگىنلىيەلەيدۇ. كىشىلەر ئارا بىرىش-كېلىشنى كۆپەيتىش، ھەر تەرەپلىمە قىزىقىش يېتىلدۈرۈش لازىم. كىشىلەر ئارا بىرىش-كىلىش كۆپەيسە ۋە قىزىقىش دائىرىسى كېڭەيسە، تورغا باغلىنىپ قېلىش ئازىيىدۇ، تورغا چىقمىسا قىلىدىغان ئىش يوقتەك تۇيغۇ پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


    تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تونۇش لازىم. تىببىي مۇتەخەسىسلەر كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كومپىيۇتېر مەشغۇلات ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتسە ئاسانلا كۆز تېلىش ھەم «كومپىيۇتېر كۆز يېغىندى كىسىلى» پەيدا بولۇپ، كۆز غۇۋالىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش، كۆز نەمسىزلىنىش، قىچىشىش، قىزىش، ئاغرىش ۋە يورۇقلۇقتىن قورقۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كۆز كىسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ھەر بىر سائەتتە بىردەم دەم ئېلىۋىلىش لازىم. تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە بوغۇملار، بويۇن، بەل ئومۇرتقىلىرى زەخىم يەيدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا تورغا چىقىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش ئىنتايىن زۆرۈر.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;