• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بالىلارنى توردا قانداق يېتەكلەش كېرەك
  • تورخانا ۋە تور ئويۇنلىرى تور كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى جەمئىيەت قوبۇل قىلالمايدىغان "قوشۇمچە مەھسۇلات"لار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى خۇمار قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىنورمال كەسپكە ئايلاندى. تورغا خۇمار بولۇپ قالغان نۇرغۇن ئۆسمۈرنىڭ بەزىلىرى تورغا بېرىلىپ كېتىپ، ئۆزىنى ھالاك قىلغان؛ بەزىلىرىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ، ئاتا-ئانىسىنى ئۇرۇپ تىللىغان، يەنە بەزىلىرى مەكتەپنى تاشلاپ، خىيالى دۇنياغا غەرق بولغان، ھەتتا جىنايەت يولىغا ماڭغان.


    بېيجىڭلىق شياۋجاۋ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئىزچىل ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا، كومپيوتېر ئېلىشقا قۇربى يەتمەي كەلگەن. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىغا ئەگىشىپ، تورخانىغا كىرىپ، تور ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە تورغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئەڭ ئەسەبىيلەشكەندە، بىر ئاينىڭ 28 كۈنىدە كېچىچە تۇرخانىدا ئولتۇرۇپ، كۈندۈزى ياتىقىدا ئۇخلاپ، دەرسلىرىنى تاشلاپ قويغان. شياۋجاۋنىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن بالىسىنى بىر يىل سىنىپ قالدۇرۇپ ئوقۇتماقچى بولغان. ئەزەلدىنلا ئىنتايىن ۋاپادار بولۇپ كەلگەن شياۋجاۋ پۇشايمان قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق يارىماس بولۇپ قالغىنىمدىن نەپرەتلىنىمەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپمۇ يەنە ئانامنى بىئارىم قىلدىم. مەن تۇرخانىدىن، ئۇيۇندىن يىراقلىشىشقا قانچە قېتىملاپ بەل باغلىغان بولساممۇ، لېكىن نېمە ئىشكىن تاڭ، ئۇيۇننى ئويلىساملا بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمايمەن. ئانام مېنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كېسەللىكىگىمۇ قارىماي، مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئۆزى بولسا پۇل تېجەش ئۈچۈن، چەلەڭ يەپ، يەر ئاستى ئۆيلەردە ياتتى. مەن ئانامغا ھەقىقەتەن يۈز كېلەلمەيمەن!

    بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تورخا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارنى داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بەردى. تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسەللىكىنى داۋالىتىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان شياۋگو مۇنداق دېدى: داۋالانمىغان ۋاقتىمدا، ۋاقتىمنىڭ كۆپرەكى توردا ئويۇن ئويناشقا سەرپ بولغاچقا، باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىشقا ۋاقتىم ھەم رايىم يوق ئىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئىپادىلەش ئىقتىدارىم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەتتا گەپ قىلالماسمۇ بولۇپ قالدىم. مەقسىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەقەت كومپيوتېر ئالدىغا كېلىپ، خەت يېزىش ئارقىلىقلا ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلەيتتىم. دادام ئەھۋالىمنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ، مېنى دەرھال بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىپ داۋالاتتى.شياۋ گاۋ مۇنداق دېدى: مەن 14 يېشىمدىن باشلاپلا توردا ئويۇن ئوينىغان، دەسلەپتە "سېھىرلىك گۆھەر" ئويۇنىنى ئويناپ، 3 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى خەجلىدىم. كېيىن يەنە "قانغا بۇيالغان دۇنيا" ناملىق تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم. بىر قېتىم مەن ئاتا- ئانامنىڭ پۇلىنى ئوغرىلاپ چىقىپ، ئۇدا ئۈچ كۈن تورغا چىقىپ ئوينىدىم. بىز ئادەتتە بىر كىچىك گۇرۇھ بولغاچقا، كۆپچىلىك مەبلەغ جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرەتتۇق، خەۋەرلىشىپ تۇراتتۇق، كىم پۇل تېپىپ كەلسە، بىرلىكتە ئويناپ خەجلەيتتۇق، قايسى تورخانىنىڭ باشقۇرىشى بوشراق بولسا، شۇ يەرگە باراتتۇق. مەن تورخانىدا ئويۇن ئوينىغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، 16 ياشقا كىرگەن يىلىم مەن بار تورخانىنى بىر قېتىم تەكشۈرگەن. ئۇ چاغدا مەن توردا ئويۇن ئويناۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز فورما كەيگەن بىرەيلەن كىرىپ، مېنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا 18 ياشقا كىرگەنلىكىمنى، كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ قايتا سورىمىدى. بىز بارغان تورخانىنىڭ مۇھىتى ناچار، ھاۋاسى ئېغىر بۇلغانغان، شاۋقۇن-سۈرەن كۆپ، يەنە تېخى دائىم ئاتا-ئانىلار كىرىپ بالىلىلىرىنى ئورۇپ-تىللاپ ئېلىپ كېتەتتى، ئەگەر مەن ئويۇن ئويناشنى دېمەيدىغان بولسام، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ ئۇنداق جايغا بارمايتتىم.


    بېيجىڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى تور خۇمارىنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاۋ رەن مۇنداق دېدى: ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشى ئاسان، لېكىن ئۇنى تاشلىشى قىيىن. چۈنكى، تورخانىلارنىڭ ئالىدىغان ھەققى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇشى قاتتىق ئەمەس، شۇڭا، قورامىغا يەتمىگەنلەر ناھايىتى ئاسانلا تورخانىدا ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان بىر قانچە خىل تور ئويۇنىنىڭ زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، چەكسىز دەرىجىچە ھالقىش قاتارلىق بىر قانچە خىل ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، بۇلار قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆزىگە ئاسانلا مەپتۇن قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىۋاتقان تورغا خۇمار بولۇپ قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ 90 پىرسەنتى توردا ئويۇن ئوينىغان، 100 پىرسەنتى مەكتەپتىن چېكىنگەن ياكى ئوقۇشنى تاشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئالدى بىلەن ئۇلاردا كۈچلۈك تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ، ئاندىن بارا-بارا نورمال رېتىم، يېمەك- ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

    خۇاجۇڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى تاۋ خۇڭكەي مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق، قىمارۋازلىق، شەھۋانىيلىق خاراكتېرىدىكى تور ئويۇنلىرى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان جۇڭگو ئائىلىلىرى ۋە بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. قەيەردە تورخانا ئېچىلسا، شۇ يەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى بولدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە تورغا خۇمار بولغان ياشلار 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. يەنە نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەردە تورغا خۇمار بولۇش كېسەللىكى كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى قۇتقۇزۇش كەمچىل بولۇپ، نۇرغۇن بالىلار شۇ سەۋەبلىك چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا جىنايەت يولىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. تور ئويۇنلىرى بىر قىسىم مەپتۇن بولغۇچىلار تەرىپىدىن "ئېلېكترونلۇق ئەپيۇن" دەپ سۈرەتلەندى.


    بېيجىڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى تور خۇمارىنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاۋ رەن مۇنداق دېدى: تورخانىدا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئويۇن ئوينايدۇ، مۇڭدىشىدۇ، كىنو كۆرىدۇ؛ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىلا توردىن ماتېرىيال ئىزدەيدۇ. نۇرغۇنلىغان تورخانىلار يەنە قاتلىما كارىۋات، ئىچىملىك، ئۇششاق يېمەكلىك ۋە كېچىلىك مۇلازىمەت قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. تور خوجايىنلىرى بالىلار تورخانىغا كىرگەندىن كېيىن، بىر ئۆمۈر چىقمىسىكەن دەپ ئويلايدۇ، بۇنداق ناچار مۇھىت كىشىنى زەئىپلەشتۈرمەي قالاتتىمۇ؟


    ئىگىلىنىشىچە، 2002-يىلى تورخانىدا قەبىھ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەدەنىيەت مىنسىتىرلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار دەرھەل ھەرىكەتكە كېلىپ، قارا تورخانا ۋە قانۇنىسز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. ھالبۇكى، بىر قىسىم تورخانا خوجايىنلىرى پايدا ئېلىش غەرىزىدە بارچە ئاماللار بىلەن نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىدا يوچۇق بولغاچقا، تورخانىلارنىڭ تەرەققىياتى زىيادە تېز بولۇپ كېتىپ، تورخانا باشقۇرۇشتا "قاراڭغۇ رايون" پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن قارا تورخانا ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار كۈنسېرى يامراپ كەتكەن.بېيجىڭ شەھىرىدە يېقىندا بىر قىسىم مۇنتېزىم تورخانىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى. ئالاقىدار ئەربابلار مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاقىدار تارماقلار كۆپ قېتىم تورخانىلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخانىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە قانۇنسىز تىجارەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈم تەدبىرلىرى زور تۈركۈمدە مەيدانغا كەلدى. ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، گەرچە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈم قولغا كەلگەن بولسىمۇ، تورخانىلارنى باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش جەھەتتىكى "قاراڭغۇ رايون"لار ئۈزۈل- كېسىل تۈگىتىلمىدى.

    تونۇشتۇرىلىشىچە، "تورچىلىق كەسپى"دە تور ئويۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئىكەن. ئالاقىدار تارماقلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تور ئويۇنى كەسپىنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تۆۋرۈكىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىقلىغان. تور ئويۇنى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئالاقىدار كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرگەن. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر تور ئويۇنى كەسپى- تېلېگراف كەسپى ئىشلىرىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتقان بولۇپ،17 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن كۆپرەك بىۋاستە كىرىمگە ئىگە قىلغان، ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىمۇ 7 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەك كىرىمگە ئىگە بولغان. مەتبۇئاتچىلىق ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ 3 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن كۆپرەك بىۋاستە كىرىمگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تور ئويۇنى كەسپى يەنە نۇرغۇن كەسپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى: مەسىلەن، كېچە- كېچىلەپ تورخانىدا كۈن ئۆتكۈزىدىغان نەچچە ئون مىليون تور مەستانىلىرى تورخانا، تاماكا، ئىچىملىك، تەييار چۆپ، كۆزەينەك، تور خۇمارىنى داۋالاش قاتارلىق كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.ئالاقىدار ئەربابلار مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش "تورچىلىق كەسپى" بىر قىسىم جايلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا ھەقىقەتەن تۆھپە قوشقان بولسىمۇ، نۇرغۇن ياش- ئۆسمۈرلەرنى خۇمار قىلىپ قويغان، ھەتتا ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن بەربات قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا قىستىغان. بۇ خىل بىنورمال كەسپىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئەڭ ئاخىرىدا ئاز بىر قىسىم بايلىقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە توپلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىلەرگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىپ قويغان.


    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاخبارات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يىن يۈنگۇڭ مۇنداق قارىدى: تورخانا خوجايىنلىرىدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى-بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئالدى بىلەن تورغا خۇمار بولۇپ قىلىش ياش-ئۆسمۈرلەرنى رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ياۋايى، جىمغور قىلىپ قويۇپ، ئۇلاردا ئاسانلا جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاراكتېرىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سىرت بىلەن نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، توردىكى ناچار مەزمۇنلاردا ئىپادىلىنىدىغان قىممەت قارىشى بىلەن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا سۆزلىنىدىغان قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ-دە، ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ ئىككى خىل قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىچىدە ئۇزاق مەزگىل تۇرسا، ئاسانلا روھىي جەھەتتىن بەربات بولىدۇ ياكى قارىغۇلارچە تورغا ئەگىشىپ نورمال قىممەت قارىشىغا قارىشى تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلار توپىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىكىدىن ھەل قىلىش قىيىن، بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە، ھەتتا پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;