• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • يىراقنى كۆرەلمەسلىك «يەر شارى كېسەللىكى»گە ئايلاندى
  • 【فىرانسىيە « دۇنيا گېزىتى » 1-دېكابىر خەۋىرى 】كۆپلىگەن كۆز كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى « ئەسىر كېسەللىكى » دەپ ئاتاشماقتا. فىرانسىيە كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گىللېس.لاۋنارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىز ياش–ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغانلار سانىنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن روشەنلىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز.

    ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «لانسىت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ئاۋستىرالىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى يان.مورگان ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئەترىتى ئېلان قىلغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيادىكى بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە رايون (جۇڭگو، سىنگاپور، تەيۋەن، شياڭگاڭ، ياپونىيە ۋە كورىيە ) لارنىڭ شەھەرلىرىدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى % 90 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئەجدادىكى بۇ نىسبەت ئاران % 25 تىن % 40 كىچە بولغان.

    گەرچە ئېرسىيەت گېنى ئاسىيالىقلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ئاسان پەيدا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نىسبىتىمۇ ئۆرلىمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپادىكى 12 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى % 40 بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بۇ سان % 20 ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئومۇمەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ : يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى % 25 تىن ئۆرلەپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا % 41.6 كە يەتتى.


    بۇ ھادىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ؟ ئېرسىيەت بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇھىت ئامىلىمۇ تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشمەكتە : ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلار.


    يان. مورگاننىڭ تەتقىقات ئەترىتى يەنە مۇنداق بىر خەۋپلىك ئامىلنى بايقىدى : بۇ بولسىمۇ تەبىئىي يورۇقلۇقنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ئەترەتنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشخانا ئىچىدىكى سۇنئىي يورۇقلۇقتا ئۆگىنىش كۆز ئالمىسىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ. بۇ ھال يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە سىرتتا ھەرىكەت قىلىش ھەمدە تەبىئىي يورۇقلۇق بىلەن ئۇچىرىشىش، كۆز قىسمىنىڭ ھېدروخىلورىد سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئۇزىرىشىنى چەكلەش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ.


    تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئادەملەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۆپ تۆۋەن بولىدىكەن. بىر مۇتەخەسسىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدىغىنى تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى تەبىئىي نۇر بولۇشى مۇمكىن ».




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;