• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مۇھەببەتلىك 50 يىل

  • مېھرىگۈل تۇردى


      سۇلايمان سىدىق بىلەن مەلىكە سەمەت 1955 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئاددىيلا توي قىلىپ، بەش يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىغا كۆز تەگكەندەك مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتى. بۇ، سۇلايمان سىدىق بىلەن مەلىكە سەمەتكە بەك ھار كەلگەننىڭ ئۈستىگە، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولماي قالدى، قورساقنىڭ، بالىلارنىڭ غېمى ئۇلارنى خېلىلا ھالسىراتتى. سۇلايمان سىدىق ئاق كۆڭۈل، ئاددىي – ساددا، شۈكرى – قانائەتچان كىشى ئىدى. مەلىكە سەمەت يارىشىملىق بىر قانچە قۇر كىيىمى بولسىلا، شۇنىڭغا شۈكرى قىلىدىغان، كىيىمنىڭ تولا جېدىلىنى قىلمايدىغان ئايال بولۇپ، بىردىنبىر خىيالى ئۆينى قانداق قويۇلدۇرىمەن، بالىلارنى قانداق قىلىپ ياخشى تەربىيەلەيمەن، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.


      سۇلايمان سىدىق بىلەن مەلىكە سەمەتنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتسىمۇ ئىقتىساد توغرىلىق جېدەللىشىپ قالمايتتى، تۇرمۇشتا تېجەشلىك ئىدى. سۇلايمان سىدىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېنىك سانائەت ئىدارىسىگە قاراشلىق ئۆي جاھازىلىرى كارخانىسىدىن خىزمەت تاپقاندىن كېيىن، ھەر ئايلىق مائاشىنى ئايالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، تۇرمۇشنى پىلانلىق ئۆتكۈزۈپ كەلدى. ئۇلار تېجەشلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى توغرا يول، دەپ قارايتتى.


      1962 – يىلى سۇلايمان سىدىق ئەر – خوتۇن ئۆي سېلىشنى قارار قىلدى، ئەمما يانچۇق قۇرۇق بولغاچقا، گېپى بىر يەردىن چىقماي قالدى. دەل شۇ پەيتتە مەلىكە سەمەت بىر قىسىم كىيىملىرى بىلەن زىبۇ زىننەتلىرىنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ، شۇ پۇل بىلەن ئىككى ئېغىز ئۆينىڭ تېمىنى قوپۇرۇۋالدى، ئىككى – ئۈچ ئايدىن كېيىن مەلىكە سەمەت يەنە ساندۇقىنى ئاختۇرۇپ باشتا سېتىشقا چىدىماي ئېلىپ قالغان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شىپۇن دۇخاۋا كۆڭلىكىنىمۇ ساتتى.


      مەلىكە سەمەت 1968 – يىلى 8 – ئايدا تۆتىنچى قىزىنى يەڭگىگەندە ئۆيدە يېگۈدەك ھېچ نەرسە قالمىغانىدى. سۇلايمان سىدىق ئەتىگەندىلا ۋېلىسىپىتلىك ناشتىلىق تېپىپ كېلىشكە چىقىپ كەتتى. ئۇ چاغلار يانچۇقتا پۇل بولسىمۇ، يۈگۈرەپ چىقىپ يېگۈدەك بىر نەرسە تاپقىلى بولمايدىغان قاتتىقچىلىق ئىدى. سۇلايمان سىدىق مىڭتەستە ئاران ئىككى پوشكالنىڭ غېمىنى قىلىپ كەلدى.


      سۇلايمان سىدىق بىلەن مەلىكە سەمەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى شىخابا ئارقا كوچا 85 – قورۇدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار 58 يىلنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، بۈگۈنگىچە ناھايىتى ئىناق ئۆتۈپ كەلدى. ھازىر ئۇلارنىڭ بەش پەرزەنتى، توققۇز نەۋرىسى بار بولۇپ، نەۋرىسىنىڭ چوڭى 26 ياشقا، كىچىكى 12 ياشقا كىردى. ئۇلار بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن تولىمۇ خاتىرجەم ياشىماقتا.


      سۇلايمان سىدىق بىلەن مەلىكە سەمەت ئەينى يىللاردا شۇنچە جاپا تارتىپ، ئالماس تويغا ئۇلاشقان كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى ئۈستىدە توختالغاندا: تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، بالىلارنىڭ غېمى بىلەن 58 يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي قالدۇق، لېكىن بېشىمىزدىن جىق ئىسسىق – سوغۇقلار ئۆتتى، نۇرغۇن تەجرىبە ساۋاقلار يەكۈنلەندى. بىز شۈكرى – قانائەت بىلەن ئۆتكەچكە، بىزدە چوڭ زىددىيەت، تالاش – تارتىش بولۇپ باقمىغان، بولغاندىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق، سەۋر تاقەت، ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا چۈشىنىش، بىر – بىرىمىزنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش بۇ يىللاردا بىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئەگەر ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىشتا قىزىققانلىق قىلغان بولساق، ئائىلىگە ساداقەتمەن بولمىغان بولساق، بۇنچە ئۇزاق يىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمىگەن، بۈگۈنكىدەك كۈنلەرگە ئۇلىشالمىغان بولاتتۇق. بالىلارنى تەربىيەلەشتە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ پىكرى بىر يەردە بولۇپ كەلدى. قوشنىدارچىلىقتىمۇ بىر – بىرىگە ھەمدەم بولۇشنى داۋام قىلىپ كەلدۇق، دېدى.


      سۇلايمان سىدىق بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن ئايالى مەلىكە سەمەتنى ماختاپ مۇنداق دېدى: مەلىكە ھازىرغىچە ئاش – تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن ئۆيدە بولۇنغان گەپ – سۆزنى، مېنىڭ يامان گېپىمنى باشقا كىشىگە دەپ باققان ئەمەس. بىر ئۆيدە قازان – چۆمۈچكە ئۇرۇلمايدىغان ئىش بولمايدۇ. مېنىڭ خېلى ئاچچىقىم بار، بەزى ئۇششاق ئىشلار سەۋەبلىك گەپ تالىشىپ قالساقمۇ، مەلىكە جىم تۇرۇۋالىدۇ، ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغا ئاسانلىقچە خاپا بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوڭشىلىپ قالىمىز. بالىلارمۇ بىزنى دورىدىمىكىن، ئەزەلدىن بىزگە خاپىلىقىنى دېمەيدۇ.


      ھازىر شارائىت ناھايىتى ياخشى، بالىلار ھېچ نەرسىدىن قىسىلمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ياشلار ئارىسىدا ئاجرىشىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. ياش ئەر – خوتۇنلار پەقەت قانائەتچان بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى تۇرمۇشىغا ھەمراھ قىلغاندىلا بىزدەك بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتەلەيدۇ، قىسقىسى، ياش ئەر – خوتۇنلار تۇرمۇشتا يەڭگىلتەكلىك قىلماي، بىر – بىرىگە ئاز – تولا يول قويۇشۇپ ئۆتۈڭلار، جاھاندا ھەل بولمايدىغان ئىش يوق، بۇ بىزنىڭ يەكۈنىمىز، دېدى سۇلايمان سىدىق بىلەن مەلىكە سەمەت ئاخىرىدا ياش ئەر – خوتۇنلارغا ئىلتىجا قىلىپ.


      پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن مېھىر – مۇھەببەت، قانائەتچانلىق، ئاددىي – ساددىلىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ بىر جۈپلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بىزگە ھەقىقىي بەختنىڭ باياشاتلىق، راھەت – پاراغەت ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئاددىيلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. 



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;