• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاق كۆڭۈللۈك ــ جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى
  • بىزدە، ئايال كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدە.ئاق كۆڭۈللۈك جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى دەيدىغان قاراش بار. ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئايال كىشىنىڭ ئىچى تار، كۆڭلى قارا بولسا، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئەر كىشى ئۇنى ئۇزاققىچە قوغلىشىشى ناتايىن. گەرچە ئەرلەر دەسلەپتە ئۇ ئايالنى جان تىكىپ قوغلىشىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قوغلىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ.


      ئەگەر بىر ئەر بىر ئاق كۆڭۈل ئايال بىلەن ئارىلىشىپ قالسا، ئەر كىشىنڭ ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلىدۇ، بۇ ئايالغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا مۇھەببەتتىن باشقا، يەنە ھۆرمەت ھېسىياتىمۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق ئاستىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇرلۇشۇپ بارىدۇ.


      ئاق كۆڭۈللۈك ئاساسلىقى ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىشتا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بىز دائىم كوچىلاردا بەزى ئاياللارنىڭ ، قېرى، ئاجىز، مېيىپ كىشىلەرنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا دەرھال بېرىپ ئۇلارنى يۆلىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدىغان خاراكتېرىنى بايقايمىز. ئاق كۆڭۈل ئايال ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشتا باشقىلارنى ئويلايدۇ.


      سىرىتتا تىجارەت قىلىپ ئۆي تۇتۇپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئەر تۇيۇقسىز يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ. خەتتە:«كەلكۈن كېلىپ ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى، ھېلىمۇ ياخشى سەن ئەۋەتكەن پۇل بىلەن ئۆينى قايتىدىن سېلىۋالدۇق، بالام، رەھمەت ساڭا»دېيىلگەنىكەن. بۇ خەتنى كۆرۈپ ئەر گاڭگىراپ قاپتۇ، ئۇ يۇرتىدا ئاپەت بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، پۇلمۇ ئەۋەتمىگەنكەن. ئۇ ئايالىدىن سورىغاندا، ئايالى:«خەتنى مەن تاپشۇرۋالغان، پۇلنىمۇ مەن ئەۋەتكەن، سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن»دەپتۇ. ئايالىنىڭ بۇ ھەركىتى يولدىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپتۇ. بۇنداق ياخشى ئايالىم تۇرسا، مەن نېمىدىن غەم قىلىمەن؟ ئۇ كۆڭلىدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كۆيۇمچان ئايالىمنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەيمەن، دەپ قەسەم بېرىپتۇ.


      دېمەك، ئاق كۆڭۈللۈك-جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى. سىزدە پەقەت بىر ئاق كۆڭۈل يۈرەك بولدىكەن، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭىز، ئائىلە مۇناسىۋىتىڭىز، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ، يولدىشىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە، بالىلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە، دوستلىرىڭىزنىڭ غەمخورلۇقىغا ئىرىشىسىز. بۇنداق ئايال بەخىتلىك ھەم نازاكەتلىككە تولغان بولىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;