• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ‹‹ھەقىقىي ئايال›› ۋە رېئال تۇرمۇش
  • (شائىرە ئايسىمە ئىدىرىسنىڭ ‹‹ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار››ناملىق شېئىرى ئويغاتقان ھېسلار)

    ئادالەت ئابدۇرېھىم

    بىر ئايال جەمئىيەتتە قانچىلىك يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ئورۇنغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ئۆزىگىلا خاس كىچىك ۋەتىنى بولغان ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىسە، ئۆزىنى ھەرگىزمۇ بەختلىك ھېسابلىيالمايدۇ. ئايال ئۈچۈن ئېرىنىڭ سۆيگۈ–مۇھەببىتى ئائىلىدىكى ئىللىقلىقنى بەرپا قىلىدىغان مۇنبەت تۇپراق، ئاياللىق گۈزەللىكىنى جەۋلان قىلدۇرۇدىغان قانات. ئەرلەر ئۆزىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ، تاغلاردەك غادىيىشتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن قانچىلىك ئازابلانسا، ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيدە باھاردەك ئېچىلىپ، گۈلدەك خۇشپۇراق چاچالمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئازابلىنىدۇ.

    ئايسىمە ئىدرىس ‹‹تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلىنىڭ 2007–يىللىق 4–سانىغا بېسىلغان ‹‹ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار›› ناملىق بۇ گۈزەل شېئىرىدا ئاياللارنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاياللىقنىڭ مەنىسى توغرىسىدا كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك چىن ۋە ھەقىقىي پىكىر يۈرگۈزگەن.

    مەن بۇ ماقالەمدە ئائىلىسى، پەرزەتلىرى ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقان كۈرمىڭلىغان كۆيۈمچان ئەرلەر، شۇنداقلا يولدىن چىقىپ، ئائىلىسىنىڭ يۈزىگە ئاياغ قويۇۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئاياللار ھەققىدە توختالمىدىم. چۈنكى مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم ئاياللارنىڭ ئاياللىق مۇقامىغا يېتىش ئىستەكلىرى ۋە بۇ خىل ئىستەك بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەگرى– توقايلىقلار.

    بىر گېزىتتىن ‹‹جۇڭگودا مەڭگۈ بىللە ياشاش ئەقىدىسى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلار 30پىرسەنتنى، ئاجرىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلار 30پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، قالغانلار يا ئائىلىسىنى مۇستەھكەملەشنى، ياكى ئاجرىشىپ كېتىشنى مۇقىملاشتۇرالماي، بالىلارنىڭ بەختى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىپ ئۆتۈپ كېتىشكە رازى بولىدۇ›› دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ، خېلى بۇرۇندىنلا ئائىلە ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى گادىرماچ خىياللار بىلەن پۇچىلىنىپ يۈرىۋاتقان ۋۇجۇدۇمغا قايتىدىن چوغ چۈشتى. بۇ سان–سىفىرلارنى بەختلىك جەمئىيەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزگەرتىپ باققۇم كەلدى، بىراق قولۇمدىكى قەلەم رايىمغا بوي سۇنغىنى بىلەن رېئاللىق ئارمانلىرىمغا پەرۋاسىز ھالدا ئۆز يولىنى داۋام ئەتتۈرمەكتە ئىدى.

    ئەتراپىمدىكى تونۇش–بىلىش، قولۇم–قوشنا، ئۇرۇق–تۇغقان، خىزمەتداشلارنىڭ ئائىلە، نىكاھ تۇرمۇشى ھەققىدىكى ئەلەملىك بايانلىرى‹‹ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار›› شېئىرىدىكى ئايالنىڭ غايە– ئىستەكلىرىگە قارمۇ–قارشى يۆنىلىشتە غۇلغۇلا قىلىپ نېرۋىلىرىمنى غىدىقلايتتى.

    ئەرنى رازى قىلىپ ئۆينى ئۆيدەك تۇتۇپ تۇرۇش بۈگۈنكى زامان ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن بېسىملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بېسىم. ئاياللار بىر كۈننىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرىنى سەككىز سائەتلىك ئىش ۋاقتى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشى كېرەك، بولمىسا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىنى ئەرلەر يالغۇز كۆتىرىپ بولالمايدۇ. ئاياللار يەنە ئائىلىدە گۈزەل، چېۋەر، پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ ئېرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى، ئۆينى پاكىز، رەتلىك تۇتۇپ، تاماقنى ۋاقتى–ۋاقتىدا لەززەتلىك قىلىپ ئېتىشى، گۈزەل تۇرق، لاتاپەتلىك خۇلق–مىجەزى بىلەن ئېرىنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئەر ئۆينى تاشلاپ كۆڭلى خۇش بولىدىغان جايلارغا يۈگرەيدۇ. ئۇ چاغدا ئاجرىشىپ كەتسىڭىز بالىڭىز يېتىم بولىدۇ، ئەلەمنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتسىڭىز يۈرىكىڭىز ئازابتىن قاماپ كېتىدۇ. ئاياللار بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياخشى كېلىن، ياخشى پەرزەنت بولۇشى، پەرزەتلىرىگە ياراملىق تەربىيىچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك باردى–كەلدى، ئادەمگەرچىلىكلەرمۇ ئاياللارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئاياللار خۇددى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئارام ئالالماي ئۈچ–تۆت ئادەمنى ئۇيان–بۇيان توشۇيدىغان كونا ۋېلىسىپىت. گويا ئۈستىگە شاخ–شۇمبا قالماي بېسىلىپ، تاملىرى سىڭايان بولۇپ قالغان، قۇرت يېگەن ياغاچلىرى سۇنغان، تورۇسلىرى ئۆتمە–تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كەپە.

    ئايال بولۇش تەبىئەتنىڭ يېرىم دۇنيا ئۈچۈن ئاتالغان جازا لاگېرىغا بەخشەندە بولۇش ئەمەس، بەلكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نازۇك، لاتاپەت بىلەن بېزەلگەن ئىستەك دۇنياسىغا قەدەم ئېلىشتۇر. ئەرلىك قانچىلىك يۇقىرى شۆھرەتكە، ئىناۋەتكە، مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا لايىق بولسا، ئاياللىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا شۆھرەتكە، ئىناۋەت ۋە مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا تامامەن ھەقلىق. ئايال بولماق تەس. ئايال بولماقنىڭ تەسلىكى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىدە. بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە بولۇپ تۇرالىشىدا مەسئۇلىيەت مۇھەببەتتىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئائىلىۋى مۇھەببەت ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز–يىگىتلەرنىڭ رومانتىك ھېسسىياتىدەك مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئېغىر–يېنىك يۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئېغىر يۈكلەرنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالىغان ۋە قىيىنچىلىقلارنى كۆتىرىشكە جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەس مۇھەببەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. تويدىن بۇرۇنقى ئوتلۇق مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى جورىسىنىڭ ئۈستىگىلا يۈكلەپ قويۇپ، ئۆزى تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەشتىن باش تارتقاندا، ئائىلىۋى مۇھەببەت بۆھرانغا دۇچ كېلىدۇ.

    ئانا بولۇش زور شەرەپ. بىراق بۇ خىل شەرەپ بىر ئايالنىڭ ئائىلىسى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مىننەتسىز، تەمەسىز ئەجىر–مېھنىتى، شەخسىيەتسىز بەدەللىرى ھېسابىغا رويابقا چىقىدۇ. ئەگەر ئايال ‹‹مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئادەم، قانۇندا ئەر–ئاياللار باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئائىلىدىكى جاپانىمۇ تەڭ تارتىشىمىز كېرەك›› دەپ چاپاننى تەتۈر كىيسە، ئۇ قانداقمۇ ‹‹ئانا›› دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئىش قىلغان ھېسابلانسۇن؟ ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل مىننەتسىز ئەجىر قىلىشتا، تۆھپە تەلەپ قىلمايدىغان بەدەل تۆلەشتە. بۇ ھەرگىز ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنىنى ئىنكار قىلىپ ئۇلارنى مۇشەققەتلىك ھايات قوينىغا ئىتتىرىش ئەمەس، بەلكى ئاياللىقنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىنى ئىزاھلاشتىنلا ئىبارەت.

    ئايال مۇھەببەت دۇنياسى، بۇ يەردىكى مۇھەببەت ئوخشىمىغان جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى تار ئۇقۇمدىن ھالقىپ كەتكەن مۇھەببەتتۇر. ئايال خىلمۇ خىل مۇھەببەتلەرنىڭ مەركىزىدە ياشايدۇ. خۇددى كائىناتتىكى بارچە شەيئى قۇياشنىڭ خاسىيەتلىك نۇرى ئاستىدا ئېھتىياج ئۇرۇقلىرىنى بىخلىتىپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگىنىدەك. ئايالنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن كېچە–كۈندۈزلەپ بەھرىلىنىدۇ، ياشنايدۇ، كۈچىيىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن ھېرىپ–ئېچىپ كەلگىنىگە قارىماي، ئېرىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا، كەيپىياتىغا، ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاش–تامىقىنى ئېتىدۇ، كىر–قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كېچىلىرى شېرىن ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ بالا ئېمىتىدۇ، بالا باقىدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە، تۇرمۇشىغا، ئويۇنلىرىغا، ئارىلىشىۋاتقان دوستلىرىغا، قىزىقىشىغا...ھەممە–ھەممىگە دىققەت قىلىدۇ، ئارىلىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ. قىسقىسى، تاڭ سۈزۈلگەندىن ئەل ياتقۇغۇچە تىنىم تاپمايدۇ.

    دېمەك، ئاياللىق قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش ھېسابىغا كېلىدىغان ئۈنۋان.

    ياش شائىرە ئايسىمە ئىدرىسنىڭ ‹‹ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار›› دېگەن شېئىرىدىكى ئايال باش قەھرىمان تاشقى قىياپىتى ۋە خۇلق– مىجەزىدىن ئاياللىق نازاكىتى بالقىپ تۇرىدىغان، ئاياللىق لاتاپىتى بىلەن ئائىلىسىگە خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدىغان بىر ئاددىي ئايال بولۇپ ياشاشنى گۈزەل ئارمانلىرى بىلەن كۈتىدۇ. چىمەن دوپپا كىيىپ، ئوسما قويۇپ، چاچلىرىدا چاچتەڭگىلەرنى جىرىڭلىتىپ يۈرۈپ ئائىلىۋى ئىلىم تەھسىل قىلىشنى؛ ئۆز ئەجىر–مېھنىتى بىلەن ئۆينىڭ خۇشاللىق مەركىزى بولغان ئاشخانا، تۆشەككە جان كىرگۈزۈپ، مەززىلىك تاماقلىرى بىلەن بايرام كەيپىياتى پەيدا قىلىشنى ئويلايدۇ...بۇ شېئىردىكى ئايال باش قەھرىماننىڭ بۇ خىل كۈچلۈك تەلپۈنۈشى ماھىيەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قەلب ساداسى، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئورتاق تەلپۈنىشى. ئاپتور بۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى خىيال، تەسەۋۋۇر ۋە سەكرەتمە ھېسسىياتلارنىڭ ياردىمىدە گۈزەل شېئىرىي ئىبارىلەر بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن.

    ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدا ئېرىشكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى غايىۋى نەرسىمۇ ئەمەس، ھەرقانداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر–مۇھەببىتى بولسىلا، ئىستىخىيىلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانسىلا مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ياشنىتىدىغان رېئالنى ئىنتىلىش. كىشىلەر تىرىشسىلا بۇ لىرىك پېرسوناژنىڭ گۈزەل غايىلىرىنى ئۆز رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمۈلەلەيدۇ.

    بىراق بىزنىڭ شەھەرلىشىش، مەدەنىيلىشىش ئېڭىمىز ۋە تەرەققىياتقا توغرا تۇرىۋالغان روھىي دۇنيارىمىز بىلەن قارىغاندا ئايال بولۇش، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئايال بولۇش ھەقىقەتەن تەس. بۇ گۈزەل شېئىردىكى ئارمانلار بىلەن ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر ھاڭ بار. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھەر خىل توزانلىرى ئاشۇ ئاددىي غايىلىرىمىزنى قويۇق قارا تۇمان ئىچىدە بۇرۇقتۇم قىلغان. شۇنچىلىك ئاددىي، ئەقەللىي پىكىرلەرنى ھېس قىلىدىغان يۈرەكلەر ھېسسىز گۆشكە ئايلىنىپ قالغان. گۈزەل رېئاللىق يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ھېسسىي مۇھىتتىكى ئۆتكۈر چىشلىق زەنجىر –توساقلار سەزگۈمىزنى ئورىۋالغان...

    جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بۇرۇن كۈندە ئىككى ۋاق تاماق ئېتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىيىملىرىنى 3–4 كۈندە بىر قېتىم يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغان ئاياللار چېۋەر ئايال سانالغان بولسا، ھازىر ئەتىگەنلىك چايغا تەييارلىنىدىغان نەچچە خىل تائاملاردىن تارتىپ كەچلىك تاماقتا يېيىلىدىغان سالامەتلىككە پايدىلىق تائاملارغىچە تۈجۈپىلەپ ئېتىش، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۈندە بىر ۋاخ كىيىم يەڭگۈشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆيلەردە قۇسۇر ئىزدەش جېدىلى ئاۋۇغىلى تۇردى. بۇنى ئاز دەپ ئائىلە، بالا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيلا ‹‹تەييارغا ھەييار بولۇش›› نى ئىستەيدىغان بىر قىسىم ئۈچىنچى شەخسلەر ياشلىقى، شوخ، جۇشقۇنلۇقى بىلەن ئاياللارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى... شۇنىڭ بىلەن ئاياللار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭلا ھالسىراپ، ھېرىپ –چارچاپ ھالىدىن كەتكەن قوتۇر ئېشەكتەك كۈنگە قالدى. ئەمما ئۇلار ئۆيلىرىدىكى تاتلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قۇشقۇندىن چىقىۋالالمايتتى، ئۇلار ئانىلىق مېھرى بىلەن ئائىلىنى ئىسسىتمىسا، بالىلىرىغا ھاياتنىڭ ئەگرى– توقاي يوللىرىدا رۇس مېڭىشنى ئۆگەتمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئاياللار ئۆز ئۆيىدە دانلاپ خەقنىڭ ئۆيىدە كاكىلاپ يۈرىدىغان ئەرلىرىنىڭ ئاچ يولۋاستەك ھۆركىرەشلىرىنى، گۆدەك بالىلىرىغا ساراڭلاردەك چالۋاقاشلىرىنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆتۈشى، يەنە بەزى ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىشى كېرەك.

    ئاياللارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئاستا– ئاستا ئۆزگىرىشى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەرلىرىنىڭ قۇسۇرچىلىقىدىن ئەندىكىپلا ئۆتىدىغان، دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىنىمۇ دېيەلمەيدىغان ياكى دېيىشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى بارا–بارا سۇسلاپ، تىمىسقىلاپ ماڭالىغىنى بىلەن ئوي –چوڭقۇرنى ئانچە پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىغان، گەپ قىلالىسىمۇ پىكىر قىلالمايدىغان، كۆزى كۆرسىمۇ ياخشى– ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىرى خېلى يۇقىرى مەلۇماتى بار ئاياللارمۇ ئاران ساۋادى بار كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغان تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. ئەمما ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك بوزەك بولۇپ، بەكرەك خورلىنىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جاپا تارتىپ ياشىغاندىلا ئۆز ھاياتىنىڭ كۆكىنى سېتىپ كۆكەرتكەن بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۇ ئېنىق ئۇققاچقا ‹‹ئېرى يوقنىڭ جېنى يوق›› دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ ياشاۋېرىدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەت ھايات لەززىتىدىن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئومۇمىي كەچۈرمىشى. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل تۇيغۇ بۇنداق چۈشكۈن روھىيەت دۇنياسىدا نېمە قىلسۇن؟

    يەنە بىر تۈركۈم ئاياللار ئېرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى، قوپاللىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقان بېسىملىرىغا نىسبەتەن قايتۇرۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بىشەملىشىپ، ۋاقتى–ۋاقتىدا قورساق كۆپىكىنى چىقىرىپ، ئېرى بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ ئۆتىدۇ. بۇنداق ئاياللار تاياق يېيىشكە، ھاقارەتلىنىشكە، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا رازى بولۇدىكى، ئاغزىدىن يانمايدۇ. ئېرىنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەن بولغاچقا، ئاشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆچ ئالماقچى ۋە ئورنىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى بولىدۇ. يەنە بەزى ئاياللار چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ تۇتقان ئۆيلىرىنىڭ، يىغقان مال– بىساتلىرىنىڭ رۇمكا–قەدەھلەر، قارتا– ئوشۇقلار ئارىسىدا سورۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جېدەلدىنمۇ پايدا تاپالمىغاندىن كېيىن، مانا ئەمىسە، دەپ مەسئۇلىيىتىنى قايرىپ قويۇپ، رېستوران، تانسىخانىلارغا بېرىپ ئويۇن– تاماشا بىلەن قاغجىراپ كەتكەن مەنىۋى دۇنياسىنى ئاز–تولا ئارام تاپقۇزىدۇ. ئېسىل دەپ قارالغان قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ئېرى بىلەن بۇزۇپ– چېچىش مۇسابىقىسىغا چۈشۈش ئارقىلىق قەلب يارىسىغا مەلھەم تاپماقچى بولىدۇ.

    يەنە بىر قىسىم ئاياللار دەۋر ئېقىمىنىڭ رەڭگارەڭ چىراغلىرى ئاستىدا قەلبى ئۆڭۈپ كەتكەن ئۇنداق ئەرلەر بىلەن ياشاشنى ئەخمىقانىلىق ۋە نادانلىق دەپ قاراپ، چۆچۈرىدەك بالىلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر بويۇن قىسىپ قالىدىغانلىقىدەك رېئاللىققا تەن بېرىپ، ئىلگىرى قەدرىگە يەتمىگەن ئەركىن ھاياتقا قايتىش ئۈچۈن ئۈزەڭگىنى ئۈزىدۇ. مانا بۇلار 30پىرسەنت ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل ھايات بۇنداق ئائىلىلەر ئۈچۈن چۈش بولۇپلا قالىدۇ، خالاس.

    بىر– بىرىگە ئىشەنچ، سەمىمىيەت، مېھىر– مۇھەببەت دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئائىلە قورغىنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قەلبلەرنى زەردابقا تولدۇرغاندا، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ تاھىر–زۆھرەلىرى خوجايىنلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، قاغجىراپ كەتكەن جازا لاگېرىدىكى بىچارە بايقۇشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ كۈندىن–كۈنگە زورىيىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان، بىر–بىرىگە مىخ بىلەن زىختەك سانجىلىپ تۇرغان، تاغ تۇرۇپ تاشچە بولالمىغان، باغ تۇرۇپ بىر تۈپ دەرەخچە سايە بېرەلمىگەن بۇنداق ئاتا–ئانىلار ۋە كۆڭۈلسىز ئائىلىدىن بالىلارنىڭمۇ رايى قايتىدۇ.

    ئەقىل تېپىۋاتقان بەزى ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا كاستۇم– بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بەزى ئەرلەردىن ئاياللىرىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تاغ– دالىلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىپ خوتۇن، بالىلىرى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىغان بۇرۇنقى زامان ئەرلىرى سۆيۈشكە بەكرەك ئەرزىيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردىكى مېھرى ئاتەش ئانىلار ئىگىلىك تىكلەپ خام خۇرۇچ تېپىشنىڭ غېمىدە پالاقلىماستىن، ئەكسىچە ئېرى تېپىپ بەرگەن خۇرۇچلاردىن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، ئۆزىنى گۈلدەك ياساپ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، بالىلىرىغا گۈزەل ئەپسانە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئېرىغا ئائىلىنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى قۇياشتەك ئورنىنى تىكلەپ بەرگەنىدى. چاچلار ئاقىرىپ، ماڭلايلار قورۇلسىمۇ، شېرىن پىچىرلاشلار، تاتلىق كۈلۈمسىرەشلەر، مۇھەببەتلىك بېقىشىشلار ئائىلىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى سۈپىتىدە ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بەرپا قىلغانىدى. ھازىرقىدەك بىرەر چاي سورۇنىغا بارسا ھەدەپ سائەتكە قاراپ ئەندىكىشلەر، چوڭ–كىچىك، قېرى –ياش جەم بولۇپ ئورتاق غىزالىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇدۇل كەلگەن ئاشخانا–رېستۇرانلاردا ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يەپ دۇئاسىز كېتىپ قېلىشلار ئۇلار ئۈچۈن يات ھېساپلىناتتى. ھازىر بىر قىسىم ئاياللار تۇرمۇش كەچۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىن ئاياللىق سالاپىتى، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا پۇل ئۈچۈن پالاقلاپ، ئاياللارغا خاس نازاكىتى، خۇلق–مىجەزىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغان بولۇپ قالدى. دەۋر قەدىمىنىڭ تېزلىكى ئاياللىق قەلبكە خىرس ئېلىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ قەلب ئېتىزى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زىرائەت تېرىلىۋېرىپ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتقان، ھوسۇلسىز، قاغدالما يەر بولۇپ قالدى...

    ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشىغۇسى بار ئاياللار ناھايىتى نۇرغۇن، پەقەت ۋۇجۇدىنى تىتما–تالاڭ قىلىدىغان ھېسسىيات–زەنجىر كىشەنلىرى ئۇلارنىڭ روھ سېپىلىنى ۋەيران قىلمىسىلا...

    ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر 1–ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

    مۇھەررىرى: گۈلباھار ناسىر


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;