• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئولۇغ پەيلاسوپ، شائىر، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ Ⅺ ئەسىردە قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەردە يىتىشىپ چىققان ھەر ساھەدىكى سانسىز ئالىملار، مۇتەپەككۇر پەيلاسوپلار، داڭلىق ھەربى ئالىملار، مەشھۇر شائىر، ئەدىبلەر، تالانتىلىق دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تىبابەت ئىلمىدا كامالەتكە يەتكەن ئالىمدۇر.

     

       يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان ئالەمشۇمۇل نادىر ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك» كىتابىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان «تۆت تادۇ» (چوڭ تۆت ماددا) تەلىماتى ۋە شۇ «تۆت تادۇ» تەلىماتى ئاساسىدا تەرىپلىگەن تۆت كەيپىيات (ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق كەيپىيات)، تۆت خىلىت (قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرى) ، تۆت مىزاج- سالامەتلىكنى ساقلاشنىڭ مۇھىم شەرتى (ھاۋا، سۇ غىزا، نازارەت، ھەرىكەت ۋە جىملىق، روھى كەيپىيات، ئېھتىباس ۋە ئىستىغراق) قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئىخچام ۋە ئىلمى يۇسۇندا بايان قىلغان. خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بايان قىلغان ساقلىق ۋە كىسەللىنىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەلىماتى ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى يۇقاتقىنى يوق.

    شۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى، مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىدە بايان قىلغان تىبابەتچىلىك، دۇرىگەرلىك ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر قانچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن دېرەك بېرىدىغان مەلۇماتلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز كىتاپلىرىدا يازغان مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسى نەزەرىيىسىگە تىگىشلىك بىلىملەر، مەيلى كېسەللىك نامى، دورا نامى جەھەتتىكى بايانلار بولسۇن، ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردۇر. مەسىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلار، ھايۋانلار، باشقا كائىناتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىكى ئاساسى تۆت چوڭ ماددىنى «تۆت تادۇ» دەپ ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن (ئەگەر ئىبىنسىنانىڭ ئەسەرلىرى بۇيىچە ئىشلەتسە ئەرەبچە «ئاناسىر ئەربەئە» دەپ ئېيتقان بۇلاتتى)؛ مەھمۇد قەشقىرىمۇ ئۆز ئەسىرىدە كېسەللىكلەرنىڭ دورىلارنىڭ ناملىرىنى ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بىلەن ئالغان. ئۇلاردىن بىر قانچىسىنى مىسال كەلتۈرسەك پىكىرىمىزگە ئىسپات بولۇشى مۇمكىن: ئالۇچىن (ئالۇچە)، ئىگىر، ئاڭدۇر (قارا ئەندىن- راسەن)، كەكرە، تالقا (غۇرا ئۈزۈم)، كۆكنار، بال (ئەسەل)، زەپەر، بېدىيان، سىغۇن ئوت (مېھرىگىياھ، ئاترۇپا، بىلادوننا)، مەندار (ماڭدا)، بىتىرىك (چىستە)، ئىپار، قودا يېغى ۋە باشقىلار؛ كېسەللىك ناملىرىدىن ئانوم (جۇزام - ماخاۋ)، چەككەك (چېچەك)، كەزىك (كېزىك)، ئەنوچ (كۆزگە ئاق چۈشۈش)، تالاغۇ (تولغاق)، توماغۇ (تۇماۋ- زۇكام)، سەڭىل (سۆگەل، داغ) ۋە باشقىلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە دورىگەرلىكنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن ئاتالغۇلىرىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىدۇر.

    مۇشۇ نوقتىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى- دورىگەرلىكىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز مەھمۇت قەشقىرى بىلەن يۇسۇپ خاس ھاجىپلارنىڭ تىبابىتىمىزدىن چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا كۇپايە قىلىدۇ.

    تۆت ماددىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرەبچە «ئاناسىر ئەربەئە» دەپ، ئىجتىمائى «تۆت تادۇ» دەپ ئىشلەتكەنلىكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە بىر قانچە تەرەپتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:

     (1) «تۆت تادۇ» تەلىماتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى كۈزىتىش، ساقلىق، كېسەللىك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا يەكۈنلىگەن خۇلاسىسى بولۇپ، پۈتۈن كائىنات تۇپراق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت مۇرەككەپ چوڭ تۈپ ماددا (تادۇ)دىن بىنا بولغان دېگەن ئاساسىي نەزەرىيىدۇر. بۇ يەردە ئېيتىلغان «تۆت تادۇ» پارچىلانمايدىغان ئاددىي ئۇنسۇر (ئېلېمېنت) بولماي ئۆز تەركىۋىدە نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنى تۇتقان مۇرەككەپ چوڭ ماددىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى زامانىۋى پەن بارغانسېرى ئىسپاتلىماقتا.

       (2) يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «تۆت تادۇ» سۆزىنى ئىشلەتكەنلىكى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئاتالغۇنى پەلسەپە، تېبابەت ۋە باشقا ساھەدە كەڭ قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ تىل بايلىقىدا ئۇنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. «تۆت تادۇ» تەلىماتى ئۇيغۇرلاردا خېلى بۇرۇندىن كەڭ قوللىنىپ كەلگەچكە يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئەينەن قوللانغان. بۇ پاكىت «تۆت تادۇ» تەلىماتى كىشىلەر ھازىرغىچە چۈشىنىپ كەلگەندەك قەدىمكى گرېتسىيە (يۇنانىستان)نىڭ ئاتاقلىق ھۆكۈماسى ھېپوگرات (بۇقرات)نىڭ ئىجادى بولماي، بەلكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھېپوگراتتىن خېلى بۇرۇنلا يەكۈنلىگەن پەلسەپىلىك خولاسىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ سۆزىمىزگە سوۋېت ئتتىپاقى مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن پروفېسسور ب.د.پېتىروۋ مۇھەررىرلىكىدە يېزىلغان «مېدىتسىنا تارىخى» ناملىق كىتاپتا بايان قىلىنغان «... ھېپوگىرات ئەسلىدە گرېك (يۇنان) دوختۇرنىڭ ئوغلى بولۇپ، ياش ۋاقتىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان سىكىفلەر (ساكلار) ئارىسىدا ياشىغان چېغىدا ھېپوگرات ئۆزىنىڭ تىببىي نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى بولغان ‹تۆت تادۇ› تەلىماتىنى سىكىفلەر تىبابەتچىلىكىدىن قۇبۇل قىلغان.» بۇ نوقتىنى ئۇ ئۆزى يازغان «ھاۋا، سۇ، تۇپراق» ناملىق رىسالىسىدا بايان قىلغان مەزمۇنلار گۇۋاھ بولالايدۇ.


    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر تىبابىتى.


       يۈسۈپ خاس ھاجىپ كامالەتكە يەتكەن دەۋردە ئومۇمەن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا بۇددا دىنىي ۋە باشقا دىنلارنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنىي مەلۇم دەرىجىدە ئىگىلىگەن ۋە بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بىر دەۋر ئىدى. قەدىمدىن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرگەن ئىبىنسىنانىڭ تىببىي تەلىماتى پەيدىنپەي سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر تېۋېپلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان دەۋر ئىدى. شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر تىبابىتى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە، قاراخانىلار خانلىقى ھۆكۈمران بولغان باشقا جايلاردا يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان، شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىبابىتى مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن، ئۇ چاغدا گەرچە ئىبىنسىنانىڭ تىببى تەلىماتى مەلۇم دەرىجىدە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر ئەلگە سىرتتىن يېڭىلا كىرگەن ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت، جۈملىدىن تىبابەت ھېچقاچان شۇ ئەلدە ئەزەلدىن مەۋجۇت مەدەنىيەت، جۈملىدىن تىبابەتنىڭ ئورنىنى دەرھال پۈتۈنلەي ئىگىلەپ، ئۇنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتىشكە قادىر بولالمايدۇ، مۇبادا ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان كېرەك بولىدۇ. Ⅺئەسىردە تۇرپان، قۇمۇل ۋە شىمالدىكى باشقا شەھەرلەرگە ئىسلام دىنىي تېخى سىڭىپ كىرمىگەچكە، ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ، جۈملىدىن ئىبىنسىنانىڭ تىبابەت نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلىرى سىڭىپ كىرمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە ئەسىر داۋامىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ئۆز پېتى بىلەن ساقلىنىپ تۇرغان، بۇ ئىككى خىل تىبابەتنىڭ سالمىقىدا يەنىلا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقىدا شۈبھە يوق، شۇڭا بۇ ھالەت مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىمۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدىمۇ ئىنكاس قىلىنماي قالمىغان.

    ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخىنى قاچاندىن باشلاپ ھىساپلاش لازىم؟

    روسىيىنىڭ ئۇلۇغ فىزىئولوگى ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوۋنىڭ «ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىلا مېدىتسىنالىق پائالىيەتلەر باشلانغان، مېدىتسىنا تارىخىنى ئىنسانىيەت يازما خاتىرىلەر يېزىشقا باشلىغان ۋاقىتتىن ھىسابلاش خاتا تۇنۇشتۇر» دېگەن ئاقىلانە خۇلاسىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىدائىي جامائە دەۋرىدىن باشلاپ ھېسابلاش لازىم. تەبىئىكى، ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە تاكامۇللىشىپ خەلق ئىچىدىكى ئەمچىلىك، ئوتاچىلىقتىن چىقىپ مۇكەممەللەشكەن ئىلىم دەرىجىسىگە ***ۈرۈلۈشىنى ئۇيغۇرخەلقى قەبىلىلەردىن توپلىشىپ بىرمىللەت شەكلىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتىن خېلى بۇرۇنلا باشلىنىپ تەدرىجى شەكىللەنگەن، دەپ ئېيتساق خاتابولمايدۇ. تارىخى پاكىتلارمۇ بۇسۆزىمىزنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ.

    (1) مىلادىVII،VIIIئەسىرلەردە ھىندىستاندا يېزىلغان«ھەرقايسى ئەللەر تەزكىرىسى»دىگەن كىتاپتا ئەڭ بۇرۇنقى تىبابەتچىلىك ساھەسىدە بۇندىن3000يىل بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بېدىيان، سېرىق ھېلىلە، بىنەپشە، سانا، ياداتېشى قاتارلىق دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلگەن. بۇئەھۋال شۇچاغدا تارىم ۋادىسىغا كەلگەن گرېتسىيە ۋەكىللىرىنى ھەيران قالدۇرغان [«(ساغلاملىق » گېزىتىنىڭ 1983- يىل 12- ئاينىڭ 12 – كۈنىدىكى «ۋەتىنىمىزنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان مىللى تىبابەت دورىگەرلىكى»، بېيجىڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتى خەن كاڭ ماقالىغا قاراڭ] دەپ يېزىلغان. (2) مىلادىدىن700ـ221يىل بۇرۇن يېزىلغان جۇڭيى تىبابىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى كىلاسسىك تىببي ئەسەرى«خۇڭدىي نېيجىڭ سۇۋىن»كىتابىدا زەھەرلىك ۋە كۈچلۈك تەسىرلىك دورىلارنىڭ غەربىي دىياردىن چىقىدىغانلىقى ۋە ئىچكىرىگە كىرگۈزىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.ئەگەر مەزكۇر ئەسەرنى مىلادىدىن500يىل ئىلگىرى يېزىلىپ چىققان دەپ پەرز قىلغاندىمۇ شىنجاڭ دورىگەرلىكىنىڭ بۇنىڭدىن2400يىل ئىلگىرىلا مۇئەييەن تەرەققىياتقا ئىرىشكەنلىكىنى چۈشىنىپ ئالغىلى بولىدۇ. ئېلىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن چىن، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان تارىخنامىلاردىمۇ شىنجاڭدا تىبابەت دورىگەرلىكىنىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن خاتىرىلەر بار.

    3) مىلادىنىڭIV ئەسىرلىرىدە (يەنى بۇنىڭدىن1500يىل ئىلگىرى) يېزىلغانلىقى پەرز قىلىنغان ۋە گېرمانىيىدە تەرجىمە ـ تەتقىق قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تۇرپان تېكىستلىرى»نىڭ تىبابەتكە ئائىت ئازغىنا بىر قىسمى ئاساسىدا يېزىلغان تۈرۈكچە «ئۇيغۇرلاردا تىبابەت» ناملىق ئەسەردە تارىخشۇناس سۇھەيىل رۇنۋەرنىڭ تۈۋەندىكى خۇلاسىسىمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاپتۇر مۇنداق دىگەن: «…دورا ياسالمىلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە ئىزھار قىلىش يوسۇنلىرى بىزگە ئۇيغۇرلاردا دورا تەييارلاشنىڭ نە قەدەر ئاساسلىق ۋە ئىلمىي بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۆگۈنكى دورا ياسالمىلىرى شەكىللىرىنىڭ كۆپچىلىكى شۇ چاغلاردىلا ئۇيغۇرلاردا بار بولغان…»، «دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ساھەلىرى زامانىۋى مېدىتسىنادىكىگە ئوخشاشلا بەك ئىلغار…»، «…دورىگەرلىك سايمانلىرى بەك مول…»، «…ئۇيغۇرلار بىلىدىغان دورىلارنىڭ مىقدارىغا خۇددى بۆگۈنكىدەكلا دىققەت قىلغان…»

    «…بەلگىلىك پەيت، بەلگىلىك كۈن، بەلگىلىك سائەتلەردە دورا بېرىشكە دىققەت قىلغان، دورا ئىچكۈزۈشى، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر تىبابىتىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ…».«…ئۇيغۇرلارنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى،سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش نەتىجىلىرىنى ئىزاھلاشقا دائىر مىساللىرى بەك كۆپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەڭ ئىلمىي تەرىپىمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر…»

    «…قولغا كەلگەن بۇتېكىستتىن شۇنى بىلىش مۇمكىنكى ئۇيغۇر تىبابىتىگە دائىر بۇ ئەسەر بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلىنغان نەرسە بولماي، بەلكى ساپ يەرلىك بىلىملەرگە يۆلەنگەن ھالدا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ تەجرىبە ۋە كۈزىتىشلىرىگە ئاساسلانغان ھالدا يېزىپ چىقىلغان…» بىز يۇقىرىدىكىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇلۇغ ئالىم ئىبنىسىنانىڭ ۋە ئىسلام تىبابىتىنىڭ تەسىرى كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىكنىڭ ئاللىقاچان يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىش ھىس قىلماي تۇرالمايمىز.

    ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تارىختا مۇشۇنداق يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى، كىيىنكى زۇلمەتلىك كۇنلەردىمۇ يۇقالماي داۋاملىشىشىدا سىياسىي مۇقۇملۇق، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىدەك ئوبيېكتىپ شەرتلەردىن تاشقىرى،تىبابەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مۇھىم رۇلى بار: (1) ئۇيغۇر تىبابىتى ماددىنى ئاساس قىلغان بىر پەن. ئۇ پىرىخۇنلۇق، جىنكەشلىك قاتارلىق ساختىلىق، خۇراپاتلىقلاردىن ئاللىقاچان ئاجرىلىپ چىققان؛ (2) ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئىگە؛ (3) ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى شىنجاڭنىڭ كەڭ زېمىنىدىكى مول دورا مەنبەلىرىگە ئىگە؛ ئۆتمۈشتىكى تارىخىي دەۋىرلەردىن تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى، دورىگەرلىرى ئىزچىل ھالدا ئۆز تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ يېڭى ـ يېڭى ئەسەرلەرنى يېزىپ، تىبابىتىمىز، دورىگەرلىكىمىزنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ كەلدى. شۇڭا ئازادلىق تېڭى يورۇش ئالدىدىكى زۇلمەتلىك كۈنلەردە قاتماللىشىپ بۇرۇنقى ھاياتىي كۈچىنى يۇقىتىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ پارتىيە رەھبەرلىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن قايتىدىن رۇناق تېپىپ خەلق ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رۇلىنى جارىي قىلدۇرماقتا.

    3. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ھەققىدىكى بايانلىرى، ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممىتى.

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تۈپ نەزەرىيە ئاساسىي بولغان تۆت ماددا (تۆت تادۇ)نى سۆزلەش بىلەنلا قالماي، مەزكۇر تۆت ماددا ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان تۆت كەيپىيات (ئىسسىق،سۇغۇق،ھۆل،قۇرۇق مىزاج) توغرىسىدىمۇ خېلى ئەتراپلىق توختالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ھالدا:

    مىزاجىڭنى ئېيتاي ئوچۇق ساڭا،بىل،

    سېرىق، ئاق قارادۇر ۋە ياكى قىزىل. (4632- بېيىت)

    بۇلارنىڭ بىرسى بىرگە يېغى،

    يېغىلارنى بۇ رەڭ بىلەن ئايرىغىل.(4633- بېيىت)

    دەپ بايان قىلىدۇ.

    تىبابىتىمىزنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى بۇيىچە،جانلىق ئورگانىزملاردا، جۈملىدىن ئىنسان بەدىنىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى نىسبىتى بولىدۇ. ئەمما مىزاجلار زىددىيىتى مۇتلەق بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرىقى بايانى دەل ئەنە شۇ زىددىيەتنى گەۋدىلىك ھالدا چۈشەندۈرىدۇ.

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە تىبابىتىمىزنىڭ تۈپ ئاساسىي نەزەرىيىسىدىن بىرى بولغان خىلىت نەزەرىيىسىمۇ جانلىق مىساللار بىلەن ئىخچام بايان قىلغان.

    چۈشكە تەبىر بېرىش ھەققىدىكى بايانلىرىدا قان، سەپرا، سەۋدا، بەلغەملەرنىڭ نىسپىي تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ،بىرەرسى غالىپ بولغاندا بەدەندە بەلگىلىك ئالامەتلەر سادىر بۇلۇپلا قالماي،بەلكى چۈشتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىزىل، سېرىق، قارا، ئاق نەرسىلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇلارنى تەڭشەش چارىلىرى، دورىلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇلار تىبابىتىمىزدا ھازىرغىچە سۆزلىنىدىغان خىلىتلار نەزەرىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەڭشەش ئۈچۈن قوللىنىپ كېلىۋاتقان چارە ـ تەدبىرلەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ.

    تىبابىتىمىزنىڭ تۆت خىلىت نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن بەزىلەرنىڭ بىر قىسىم ناتوغرا قاراشلىرى بار. ئۇلار قاننىڭ غالىپلىقىنى پەقەت قان ئىشلەپچىقارغۇچى ئەزالار خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن قان مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى دەپلا چۈشىنىدۇ. ھالبۇكى قاننىڭ مىقدار، ھەجىم جەھەتتىن ئېشىپ كېتىشى ئالاقىدار ئەزالارنىڭ پائالىيىتىدە مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭدەك قان مىقدارىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىمۇ ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ (مەسىلەن:كەمقانلىق ۋە باشقىلار).

    ئەمما قان تەركىبىدە ئېقىپ يۈرگەن سەپرا، بەلغەم، سەۋدا خېلىتلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، پۈتۈن ئورگانىزم خىزمىتىدە، خۇسۇسەن باشقۇرغۇچى ئەزالار(ئەزائىي رەئىسەلەر) خىزمىتىدە، ئېغىر ئۆزگىرىشلەرنى سادىر قىلىدۇ. مەسىلەن :قان تومۇر قېتىش، مېڭىگە قان چۈشۈش، ھەرخىل ئىلتىھاب (ياللۇغلىنىش)لارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەمىليەتتە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    بەزىلەر تىبابىتىمىزدە سۆزلىنىدىغان سەپرا (ئۆت) ماددىسىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلماي «قاندا سەپرانىڭ ئېشىپ كېتىشى» دىگەن سۆزنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھالبۇكى غەرب تىبابىتىدە سۆزلىنىدىغان بىلىدوبىن(خەنزۇچە دەن خۇڭسۇ)، بىلىۋېردىن(خەنزۇچە دەن لويۇ)، بىلىلاۋىن(خەنزۇچە دەن خۇاڭسۇ) ۋە باشقىلارنىڭ يېقىنقى چاغلاردا تومۇر قېتىشىش ۋە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇلار خولىستېرىن(دەنگۇچۇن)لارنىڭ ئەنەشۇ سەپرا ماددىسىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىشماندۇ.

    يەنە بەزىلەر تىبابەتچىلىك كىتابلىرىمىزدا داۋالاش ئەمىلىيىتىدە سۆزلىنىدىغان «بەلغەم»نى خاتا ھالدا«خەپرۈك» بىلەن بىردەك چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا بولىدۇ، تىبابەت كىتابلىرىدا يېزىلغان بەلغەم ھەگىزمۇ خەپرۈك ئەمەس، بەلكى غەرب تىبابىتىدە سۆزلىنىدىغان لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ دەل ئۆزى .بۇنىڭغا دەلىلىمىز شۇكى تىبابەت كىتابلىرىمىزدا: «بەلغەم خىلىتى يۈتۈن بەدەننى ھۆللەشتۈرۈپ يۇمشىتىپ تۇرىدۇ. بەدەنگە ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەندە ياكى قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يۇقالغاندا،قانغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ» دېيىلىدۇ. غەرب تىبابىتىدىمۇ لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ قاننى تۇلۇقلاش رۇلى بارلىقىنى ئېنىق سۆزلىگەن. بۇ ئىككىسىنىڭ نىمە پەرقى بار ؟

    بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە كەلسەك، ھەرخىل كېسەللىكلەردە، بولۇپمۇ ياللۇغلۇق كېسەللىكلەردە، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئېشىپ كۆپۈيۈپ كەتكەندە ئۇلار ئىچىدىكى لىمفا ھۈجەيرىلەر نېسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۇنىڭغا گەۋدىلىك مىسال بولالايدۇ. دوختۇرمۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، جۈملىدىن شۇ قاتاردىكى لىمفا ھۈجەيرىلىرى سانىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ ياللۇغلىنىشلارنى پەرىقلەندۈرىدۇ.

    سەۋدا ماددىسى ھەققىدىمۇ يېقىنقى زامان تەتقىقاتلىرى بىر قىسىم ئەسەبىي كېسەللىكلەر يۈز بەرگەندە، جۈملىدىن « مالخۇلىيا » كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مېڭىدىكى CRH دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىۋى ماددا رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ خىل تەتقىقاتلار سەۋدا ماددىسىنى تېپشقا يول ئاچتى. [«شاڭخەي ئاممىۋى سەھىيە گېزىتى» 1987- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانى 3- بەت]

    بەزى يېقىنقى زامان ئالىملىرى ئىچىدە سەۋدا ماددىسىنى سۈيدۈك كىسلاتاسى دېگۈچىلەرمۇ بار.

    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تىبابىتىمىزنىڭ ئورگانلار فىزىئولوگىيىسى ھەققىدىكى بەزى كۆزقاراشلىرى يېقىندا چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا ئېنىقلانغان كەشپىياتلار ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلانماقتا. تىبابىتىمىزدە يۈرەك ئەڭ ئاساسلىق رەئىس ئەزا دەپ ئېيتىلىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر مېڭىنىڭ مېڭە پوستىلاق ماددىسىنىڭ پۈتۈن ئورگانىزم پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن باشقۇرغۇچىلىق رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، مېڭىنى ئەڭ ئاساسلىق رەئىس ئەزا دەپ قاراشنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەنىدى. يېقىندا ئامرىكا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، يۈرەك ھورمۇنى يەنە «يۈرەك ھورمۇنى» ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇ خىل ھورمۇن كەم بولسا كىشىلەرنىڭ رېئاكسىيىچانلىقى سۇسلىشىپ، روھى چۈشكۈنلىشىپ، يۈرەكنىڭ بەرگەن قوماندىلىرىنى پۈتۈن بەدەنگە، جۈملىدىن مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدىكەن. دېمەك، يۈرەك ھورمۇنى ئىنساننىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنىمۇ باشقۇرىدىكەن.

    بۇ كەشپىيات قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈزىتىشلەر ئارقىلىق « يۈرەك ئاساسىي رەئىس ئەزا»، « ھاياتلىق روھى (روھى ھەيۋانى) يۈرەكتە ھاسىل بولىدۇ » دەيدىغان تەلىماتنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

    پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خۇددى باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش تىبابەت ساھەسىدىمۇ ھازىرچە گۇمانلىق بولغان مەسىلىلەرنىڭ ئېنىقلىنىشى شۈبھىسىز ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىلچە ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «كېسەللىك ئېغىزىدىن كىرىدۇ » دېگەن ھۆكۈممۇ ناھايىتى زور ئىلمىي ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېگەن:

    « كېسەل گالدىن كىرەر ئۇنى چىڭ كۈزەت،

    يېگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز ـ ئاز يە پەقەت » (4615-بېيىت)

    « ئېغىزىدىن كىرۇر ئاش بىلەن بۇ كېسەل،

    قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋۋەل ». (4674 ـ بېيىت)


    « گېلىڭنى يىغىپ سەن،دائىم ئېسەن يۈر،

    قىلۇر يۈزىنى سۇلغۇن كېسەل ھەر مەھەل ». (4675 ـ بېيىت)


    « تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر ئەي تېكىن،

    ئېتى« ئاز يە » دېگەن دورىنى يېگىن ». (4642 ـ بېيىت )

    بۈيۈك ئالىم يۈسۈپ ھاجىپ تىبابىتىمىزنىڭ يېتەكچى نەزەرىيىسىنى بايان قىلغاندىن تاشقىرى سالامەتلىكنىڭ شەرتلىرىنى سۆزلەش بىلەن بىللە، ئىساننىڭ روھىي كەيپىياتى،خاپىلىق ـ خوشلۇق، غەم ـ قايغۇ، روھىي زىددىيەت، غەزەپلىنىش قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك تۇغدۇرغانلىقىنىمۇ چۈشىنىشلىك، ئىخچام سۆز بىلەن چۈشەندۈرگەن:

    « ئەي ئاقىل، غەزەپنى قىل ئۆزدىن يىراق،

    ئاچچىقتىن يىراق بول، ئال ياخشى ئاتاق ». (322 ـ بېيىت)


    يەنە: « بۇ ئاچچىق، غەزەپتىن ئەيلە ھەزەر،

    يېقىن كەلسەڭ ئۇلغاي ھاياتىڭ خەتەر ». (323 ـ بېيىت)

    يۇقىرىدا سۆزلەنگەن پاكىزلىق، يېمەك ـ ئىچمەك تازىلىقى، ئۇزۇقلىنىشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ھەمدە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىشتەك روھىي ئامىللاردىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن بايانلار ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسى نەزەرىيىسى ۋە سالامەتلىكنى ساقلاشنىڭ تۈپ شەرتلىرىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، تىبابىتىمىزدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەكىتلىنىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تامامەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دېمەك، ئۇلار يەنىلا ئۆلمەس ئەمىلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;