• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بىلىم ھىكمەتلىرى
  • كىتاب قەدرىنىمۇ بىلىملىك بىلىدۇ، ئىدراكسىز كىشىدىن (نادانلىقتىن) باشقا نېمە كېلىدۇ؟


    كىتابنى كۆرگەنلا ئادەمگە بەرمىگۈلۈك، ئەگەر دوستۇڭ بولسىمۇ ئىشەنمىگۈلۈك. چۈنكى، بىلىمسىز (لار) بۇنىڭ (قەدرىنى) بىلمەيدۇ، ئىدراكلىقلار ئوقۇپ، ئۇنى ئاسرايدۇ.


    بىلىمنىڭ قىممىتىنى ئەقىللىق (كىشىلەرلا) چۈشىنىدۇ.


    ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلىم (ۋە) ئەقىل بىلەن بولىدۇ.


    بىلىم بەرگەنلىكى (ئۈچۈن) ئىنسان بۈگۈنكى بۈيۈكلۈككە ئېرىشتى، پاراسەت بەرگەنلىكى (ئۈچۈن) تۈگۈنلەر يېشىلدى.


    بىلىمنى بۈيۈك، ئىدراكنى ئۇلۇغ (نەرسە) دەپ بىل، بۇ ئىككىسى خىللانغان قۇل (بەندە) نىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرىدۇ.


    قەيەردە ئىدراك بولسا، ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىدۇ. بىلىم كىمدە بولسا، ئۇ بۈيۈكلۈككە ئىگە بولىدۇ.


    پاراسەتلىك ئۇقالايدۇ، بىلىملىك بىلەلەيدۇ، بىلىملىك ۋە پاراسەتلىكلەر تىلىكىگە يېتىدۇ.


    بىلىم بىلگەن ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ، كېسەلنى داۋالىمىسا كىشى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. يۈر، ھەي بىلىمسىز، كېسىلىڭنى داۋالا.


    پاراسەت بىر چۇلۋۇردۇر، ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشى تۈمەنلىگەن ئارزۇسى بولسىمۇ تىلىگىىگە يېتەلەيدۇ.


    پاراسەتنىڭ كىشىگە پايدىسى كۆپ، بىلىم بىلگەندىن كېيىن كىشى ئەزىز بولىدۇ.


    ھەرقانداق ئىشنى پاراسەت بىلەن ئىشلە، ئېرىشكەن ۋاقىتلىرىڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە.


    بىلىمسىز، ئېنىقكى قارىغۇدۇر. يۈر، ئەي بىلىمسىز، تېگىشلىك بىلىم ئال.


    بىلىملىكلەر ناھايىتى ئاز، بىلىمسىزلەر كۆپ، بىلگىنكى ئىدراكسىزلار كۆپ، ئىدراكلىقلار كەم ئۇچرايدۇ.


    كىشى بىلەن كىشىنىڭ زور پەرقى بار، بۇ پەرق بىلىمدىلا (كۆرۈنىدۇ).


    سۆزلىگۈچى ئازىدۇ ھەم يېڭىلىدۇ، ئىدراكلىقلار ئاڭلىسا، ئوڭلايدۇ - تۈزىتىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;