• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىدىكى ھەققى
  • ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 80ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻗﻘﻰ

    ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﺘﻪ ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﮬﻪﻗﻨﯩﯔ 10ﻧﻰ ﺗﻪﻧﮕﻪ، 10ﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ، 10ﻧﻰﺩﯨﻠﻐﺎ ﯞﻩ 10ﻧﻰ ﻣﺎﻟﻐﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻗﺘﯘﺭ.

    ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10ﮬﻪﻕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.

    ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﺴﯩﺰ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﺭﯗﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝﺋﻮﺭﻧﯘﯕﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺸﯩﯔ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯘﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯔ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻮﭘﺎ، ﻻﻱ، ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻪﻥ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﻟﺴﺎﯓﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ، ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎ، ﮬﻮﻣﯩﻴﯩﭗﻗﺎﺭﯨﻤﺎ، ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﯘﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭ.

    ﺩﯨﻠﻐﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ 10ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ :

    1. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﻩﮬﯩﻢ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ؛

    2. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ؛

    3. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؛

    4. ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﻡ ﭼﻪﻛﺴﻪ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪ؛

    5. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺷﯘﻗﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﻻﻝ ﻛﯚﺭﻣﻪ؛

    6. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﻧﺒﯩﮭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻝ؛

    7. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻤﯘ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﺍ ﺋﻪﺗﺴﻪﯕﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﻳﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻞ؛

    8. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻞ؛

    9. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻝ؛

    10. ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻦ


    ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10 ﮬﻪﻕ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ:

    1. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﻪﯞﻩﺯﯗﺩﺍ ﺑﻮﻝ؛

    2. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ؛

    3. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎ؛

    4. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎ؛

    5. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﻤﻪ؛

    6. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎ؛

    7. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ، ﻳﺎﻕ ﺩﯦﻤﻪ؛

    8. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺳﻪﻥ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪ؛

    9. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﮬ-ﺋﯘﮬ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪ.....


    ﻣﺎﻟﻐﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10ﺋﯩﺶ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ:

    1. ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ؛

    2. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻠﺮﻩﻙ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ؛

    3. ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪﺍ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﺳﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻱ؛

    4. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥﻳﺎﺵ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

    5. ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭ؛

    6. ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ؛

    7. .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ-ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰﺋﯘﻳﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﻩﺕ؛

    8. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﯓ ﮔﺎﮬ-ﮔﺎﮬ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻞ؛

    9. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻞ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺋﯚﺯﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.....


    ﻣﻪﻟﯘﻣﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻕﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:

    * ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﺸﺘﺎ. ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ-ﺗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﯞﻩﻛﯧﭙﻪﻧﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ. ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺩﺍﺩ-ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎ.

    ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ، ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺸﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﻤﯩﺴﯘﻥ. ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺷﯘ ﻣﻪﻟﺌﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ

    ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺖ-ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﻪﺕ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻻﻧﺪﯗر


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;