• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۈچ ئالتۇن بالا
  • بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بار ئىكەن .ئۇ مەملىكىتىگە قوشنا بولغان يەنە بىر مەملىكەت پادىشاھىنىڭ ئەقىل_پارسىتىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ_دە؛ئۈچ ئالتۇن بالىنى ئۆز نۆكەرلىرىدىن قوشنا مەملىكەتكە ئەۋەتىپتۇ.

    بۇ ئۈچ ئالتۇن بالا بىر_بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەدىر_قىممىتى ئوخشىمايدىكەن. پادىشاھ قوشنا مەملىكەت پادىشاھىغا بۇ ئۈچ ئالتۇن بالىنىڭ ئچىدىن قەدىر_قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىرىنى تاللاپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.

    قوشنا مەملىكەتنىڭ پادىشاھى بۇ ئۈچ بالىغا قايتا_قايتا سىنچىلاپ قاراپتۇ. باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپتۇ، ئەمما ئەڭ قىممىتىنى تېپىپ چىقالماپتۇ،ئوردىدىكى ئۆلىما_ۋەزىرلەرمۇ تاللاپ چىقالماپتۇ.

    بۇ مەملىكەتنىڭ پايتەختىدە ئەقىللىق، ئادىل ھەم ئاق كۆڭۈل بىر يىگىت بار بولۇپ، ئۇ بىر باي قوشنىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنى ئۈچۈن ،زىندانغا تاشلانغانىكەن

    بۇ يىگىت زىنداندا تۇرۇپ پادىشاھ دۈچ كەلگەن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپتۇ_دە؛ بۇ ئۈچ ئالتۇن بالىنىڭ پەرقىنى ئۆزىنىڭ تېپىپ چىقالايدىغانلىقىنى كىشلەر ئارقىلىق پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ،پادىشاھ يىگىتنى دەرھال ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ.

    يىگىت ئۈچ ئالتۇن بالىغا تازا سىنچىلاپ قاراپ. بۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا بىردىن كىچىك تۆشۈك بارلىقىنى بايقاپتۇ،

    ئۇ بىر دەم ئويلانغاندىن كېيىن، شال پاخىلىدىن بىر تال ئېلىپ.ئالتۇن بالىلارنىڭ بىرىنىڭ قۇلىقىغا تىققانىكەن،

    پاخالنىڭ ئۇچى ئاغزىدىن چىقىپتۇ؛ ئىككىنچىسىنىڭ

    قۇلىقىغا تىققانىكەن.يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىىپتۇ؛

    ئۈچىنچىسىنىڭ قۇلىقىغا تىققانىكەن، ھېچياقتىن چىقماي ئىچىدە تۇرۇپ قاپتۇ.

    __پادىشاھ ئالىيلىرى._دەپتۇ يىگىت بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن،_بۇ ئۈچ ئالتۇن بالا مۇنداق ئۈچ خىل ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان :بىرىنچى ئالتۇن بالا ئۆزلىرى نېمە دېسىلە ئۇنى ئېقىتماي_تېمىتماي ئاپىرىپ كىشلەرگە ئېيتىدۇ،بۇ خلدىكى ئادەملەر ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ؛ئىككىنچى ئالتۇن بالا ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇنى ئاڭلايدۇ،ئەمما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنتۇپ قالىدۇ،

    بۇنداق ئادەملەرمۇ ئۆزلىرىگە دوست بولالمايدۇ؛ ئۈچىنچى ئالتۇن بالا سىلە نېمە دېسىلە ئوبدان ئاڭلايدۇ، باشقىلاغىمۇ توشۇپ يۈرمەيدۇ، ئۇنتۇپمۇ قالمايدۇ، بۇ خىلدىكى ئادەملەر ھەقىقەتەن سىلىگە ياخشى دوست بولالايدۇ، شۇڭا بۇ ئۈچ ئالتۇن بالىنىڭ ئچىدە 3-ئالتۇن

    بالىنىڭ قەدىر-قىممىتى ھەممىدىن يۇقىرى؛_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.


    بۇ ياش يىگىتنىڭ ئەقىل_پاراسىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولغان پادىشاھ ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ،نۇرغۇن بايلىق ئىنئام قىپتۇ ھەم ئۇنى ئالتۇن بالىنى ئۆز ئىگىسىگە

    تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئەۋەتىپتۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;