• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تۇرمۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر
  • تۇرمۇش- يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۆگەي ئانىسى، خۇشلۇقى تۇتۇپ كەتسە كەمپۈت بېرىدۇ، بولمىسا تەنقىد بېرىدۇ.

    تۇرمۇش- ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك يېتەكچىسى ھەم ئۇستازى.

    تۇرمۇش- يېڭى كېلىننىڭ قېينانىسى. ئۇ كېلىنىنى بەزىدە ماختاپ ئەركىلىتىپ قويسا، بەزىدە ئۆزىچىلا غۇدىراپ تەتۈر قارىۋالىدۇ.

    تۇرمۇش- ئويغانغانلارنىڭ كۈرەش مەيدانى. شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەيدىغان سەيناسى! تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى.

    تۇرمۇش- گۈزەللىك ۋە رەزىللىككە ھامىلدار بولغان ئانا، گۈزەللىك ۋە رەزىللىك بولغنا بۇ ئانىدىن تۇغۇلغان قوشكېزەكلەر.

    جەمىئىيەت بۇ ئالەمدىكى  ئەڭ بۈيۈك ئالىي مەكتەپتۇر، ھەممىمىز بۇ مەكتەپنىڭ مەڭگۈلۈك ئوقۇغۇچىلىرى. تۇرمۇش- بۇ مەكتەپنىڭ داڭلىق« پروفېسورى» ۋە«مۇدىرى». سەن بۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇساڭ، بۇ قېرى«پروفېسور» ساڭ خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدىن ئۆتەلمەي باش ئەگسەڭ، كۆرىدىغىنىڭ ئۇنىڭ سوغۇق چىرايى.

    تۇرمۇش- تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا، تۇزسىز ئېچسەڭ بەتتام، تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەڭ قىرتاق ئۇنى قانداق ئېچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.

    تۇرمۇش مەيۇسلۈك بىلەن قارىساڭ، كۈنىڭ غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىدۇ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىساڭ، كۈنلەر ساڭا شاد- خۇراملىق ئاتا قىلىدۇ. تۇرمۇش بىر ئەينەك، سەن كۈلسەڭ ئۇمۇ كۈلىدۇ، سەن يىغلىساڭ ئۇمۇ يىغلايدۇ.

    تۇرمۇش- دەل بەش شارنى بوشلۇققا چۆرۈپ تۇتۇش ئويۇنىغا ئوخشايدۇ، بۇ بەش پارچە شار ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىزمەت، ئائىلە، سالامەتلىك، دوستلۇق ۋە روھتۇر. سەن پەقەت خىزمەتنىڭلا رەزەنكە توپ ئىكەنلىكىنى، يەرگە چۈشۈپ كەتسە يەنە ئۆرلەيدىغانلىقىنى، ئەمما باش تۆت توپنىڭ ئەينەك ئىكەنلىكىنى، يەرگە چۈشۈپ كەتسە، چۇل-چۇل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسەن. بىز پەقەت تەڭپۇڭلىقىمىزنى ساقلىيالىغىنىمىزدىلا، ئاندىن ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينىيالايمىز.

    ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى چوقۇم تۈگىتىش كېرەك، چۈنكى ھەربىر ئادەم بىر دۇنيا، ئۇنىڭ ھايات يۈرگىنىنىڭ ئۆزى بىر بەخت، پەقت يۈرىكىڭ سوقۇپ، قېنىڭ تومۇرىڭدا ئېقىپ تۇرسىلا، بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىر ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا. ھاياتىڭدا دېڭىز-ئوكيان بولالمىساڭ، سۈزۈك سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق بولساڭمۇ ھېساب.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;