• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كىشىلىك ھاياتتا چوقۇم قەدىرلەشكە تېگىشلىك بەش خىل ئادەم
  • ،دۇنيادا بىر ئادەم بار، سىز بىلەن بىللە بولغاندا، قېلىن كىيىشنى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى نەچچە مىڭ قېتىم تاپىلايدۇ، سىز ھەتتا بىزار بولۇپ قالىسىز، لېكىن ئىسسىق بولۇپ قالىسىز. پۇلىڭىز قالمىغاندا، ئۇ پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكى توغرىسىدا سىزگە دەرس ئۆتىدۇ، لېكىن دەرستىن كېيىن يېنىڭىزغا پۇل سېلىپ قويىدۇ.

    بۇ ئادەم، ئاتا-ئانا.


    2، دۇنيادا بىر ئادەم بار، سىز بىلەن بىللە بولغاندا، سىز بىلەن ئۇرۇشىدۇ، تىللىشىدۇ. ئۇ شۇنچىلىك ئەسكى، سىز بىلەن يەيدىغان نەرسىلەرنى تالىشىدۇ، ئاتا-ئانىڭىزغا سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىزنى چېقىپ قويىدۇ، لېكىن سىزنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئوتتۇراڭلادا ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت بار.

    بۇ ئادەم، قېرىنداش


    3، دۇنيادا بىر ئادەم بار، سىز بىلەن كۆرۈشمىگەندە سېغىنىدۇ، كۆرۈشكەندە يۈزلىرى قىزىرىپ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ كېتىپ، ھېچنىمە دېيەلمەيدۇ. ئۇ ھەمىشە ئوڭايلا سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى ئىسكەنجىگە ئالالايدۇ. سىزنى تولا ئويلىتىپ ئۇيقۇسىز قىلىۋىتەلەيدۇ، لېكىن سىز يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىسىز. ئۇ سىزنىڭ ئەڭ تاتلىق، ئەڭ شېرىن يۈكىڭىز.

    بۇ ئادەم، سۆيگىنىڭىز


    4، دۇنيادا بىر ئادەم بار، سىزنىڭ بەزىبىر مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى بىلىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭىزدا ئۇ سىزگە سەۋەب تېپىپ بېرىدۇ؛ بىرىگە كۆيۈپ قالغىنىڭىزدا سىزگە گەپ توشۇپ بېرىدۇ؛ سۆيگىنىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، سىز بىرىنچى بولۇپ ئۇنى ئىزدەپ يىغلاپ بېرىسىز. سىز داۋاملىق ئىشىڭىز بولغاندا ئۇنى ئىزدەيسىز، لېكىن ھاياتىڭىزدا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بولغىنى ئۈچۈن خوشال. سىلەرنىڭ بىللە بولغان ۋاقتىڭلار بەلكىم سۆيگىنىڭىزدىنمۇ ئۇزاق.

    بۇ ئادەم، دوست


    5، دۇنيادا بىر ئادەم بار، ھەمىشە ئاتا-ئانىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولىدۇ، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى كۆرۈۋالالايدۇ، سۆيگىنىنىڭ ئاسرىشىدا چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ، دوستىنىڭ غەمخورلىقىدا كۆڭۈللۈك ھېس قىلىدۇ. سىز بۇ ئادەملەرنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ئۇلارنىڭ سىزگە قىلغانلىرىغا رەھمەت ئېيتىسىز، لېكىن دېيەلمەيسىز.

    بۇ ئادەم، ئۆزىڭىز.


    ھەمىشە بەخىتنى ئۆزۈمدىن يىراق دەپ ئويلايتتىم، مەن ئۈزلۈكسىز كەلگۈسىنى قوغلىشىپ، قۇلاقلىرىمنى دىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ تىۋىشلىرىنى ئاڭلايتتىم، ئۇنى ئېھتىياتسىزلىقتىن كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتىم.

    كېيىن بىلسەم، بىز تۇتۇشقان قوللار، ئېيتىشقان ناخشىلار، ئاققۇزغان ياشلار، سۆيگەن ئادەملەر...بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى شۇ ئۆتمۈشنىڭ ئۆزى بەخىت ئىكەن.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;