• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • خاراكتىرىمىزدىكى بىزدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر
  • ،ھايات بۈگۈننىڭ شۇ مىنۇت شۇ سىكۇنتىغا تەۋە.

    ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم، جاپا-مۇشەققەتلەرنى چېنىقىش ھېسابلايدۇ، ھەمدە جاپالار بىلەن كۈرەش قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلار يورۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ بارىدۇ، خۇددى كېچىدىكى چىراققا ئوخشاش، قانچە قاراڭغۇ بولسا، چىراق نۇرى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ، ھاياتمۇ شۇنچە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

    2، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھېچ ئىشقا پايدىسى يوق.

    ئەندىشە ئىشلارنى ياخشىلىنىشقا ئېلىپ بارالمايدۇ، ئۇنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق. ئەندىشە بىزنىڭ تېنىمىزنى ھالسىزلاندۇرۇپ، بىزنىڭ ھاياتىمىزغا زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇھىمى قانداق قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ھايات كەچۈرۈشتىكى دۈشمىنى بولغان ئەندىشىنى يېڭىپ، بەخىتلىك ۋە گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشتۇر.

    3،ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلىش

    ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلىش بەخىتسىزلىكنى يېڭىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. قەلىبنىڭ تىنىچلىقى بىزگە ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە نامايەن قىلىشىمىزغا  ياردەم قىلىدۇ.

    4،كەسپىي تەپەككۇر ئىنقىلابى

    خىزمەتنى پەقەت سىزنى باقىدىغان ۋاستە قىلىۋالماڭ، ئۇنى ھاياتلىقىڭىزنىڭ خوشاللىقى دەپ بىلىڭ، بۇنىڭدا سىز خىزمىتىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، قىزغىن كەيپىيات بىلەن ھەر بىر ھالقىلارنى تاماملايسىز، ھەمدە ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولىسىز.

    5،يىغىن ۋاقتىغا دائىر تەكلىپ

    ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش، ھاياتنى ئىسراپ قىلىش دېمەكتۇر. بۇ بىزگە ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى، كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلىشى لازىملىقىنى، ئىسراپ قىلماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.

    6،ئائىلە ئۆمۈرلۈك بەخىتنىڭ ئاساسىدۇر

    بىرسىنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭغا تاللايدىغان ئەركىنلىك بېرىڭ، ئۇ سىزنى رەت قىلالىسۇن، سۆيەلىسۇن، سۆيمىسۇن. ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بەرگىنىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئەركىنلىك بەرگىنىڭىز.

    7،ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇش

    نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ باي بولۇشى نەپسىدىن ئەمەس، بەلكى قورقۇنچتىندۇر، ئۇلار پۇل نامراتلىقتىن كېلىپ چىققان قورقۇنچنى يوقىتىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا، ئۇلار نۇرغۇن پۇل يىغىدۇ، لېكىن ئۇلار تېخىمۇ ئەندىشىدە قالىدۇ. ئۇلار ھازىرقى ھەممىنى يوقىتىپ بۇرۇنقى نامرات، غېرىپسىنغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

    8،ئالدىراشلىق بىلەن پەرىشانلىقنى بېسىش

    ھەر بىر كۈن بەلكىم ھاياتىڭىزدىكى ئاخىرقى كۈن بولۇشى مۇمكىن. بىز سەزگۈرلۈك بىلەن ھەر بىر كۈنىمىزنى ئۆتكۈزىشىمىز، كۆڭۈل قويۇپ بۇ دۇنيانى، ئۆزىمىزنى كۆزىتىشىمىز، ھەممە ئىشلارنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ھەممە ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ سىزنىڭ قانداق ئويلىشىڭىزغا باغلىق.

    9، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئاچچىقلانماڭ

    نۇرغۇن ئادەملەر باتۇرلارچە تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىغا تاقابىل تۇرىدۇ، لېكىن، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشۈپ كېتىدۇ.

    10، بەخىتسىزلىك ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلا كۆپ يۈز بەرمەيدۇ

    كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئىشلارنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز، بۇ ۋاقىتتا قەلبىمىزنىڭ شۇنچىلىك پەرىشانلىقلار قاپلىۋالىدۇ، بىز قانداق يۈزلىنىشىمىزنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىمىز. ئەگەر بىز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئويلىشىپ باقساق، بەلكىم بىردىنلا چۈشىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;