• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • سىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان 18 ئىش
  • ئامېرىكىدىكى بۇزفىد ناملىق ئاخبارات تور پونكىتى يېقىندا ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى 18 خىل ھەيران قاتارلىق پاكىتلەرنى رەتلەپ چىقتى. قايسى دۆلەتتە بېلەت تاشلىمىسىڭىز جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى، قايسى دۆلەتتە تېلېۋىزور كۆرۈش ئۈچۈنمۇ كىنىشكا ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.


    1. بۇتان، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بېزىندە تاقاش خەتەرلىك ئىش دەپ قارىلىدۇ. ئاھالىلەر ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە بېزىندىنىڭ كىشىلەرنى ئاپتوموبىلغا باغلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ.


    2. كورىيەدە، شامالدۇرغۇچقا مۇناسىۋەتلىك بىر شەھەر رىۋايىتى بار. ئېيتىلىشچە، ئۆزىڭىز يالغۇز قالغاندا شامالدۇرغۇچ سىزنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن.


    3. گوللاندىيەدە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلار ھەر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆيىگە قايتسا بولىدۇ؛ نۇرغۇن خوجايىنلارمۇ شۇ كۈنى خادىملىرىنى بالدۇرراق قويۇپ بېرىپ، بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت تەمىنلەيدۇ.


    4. ھەر يىلى يىل ھالقىيدىغان چاغدا بىرەر مىليوندەك ئادەم نيۇيوركنىڭ زامان مەيدانىغا يىغىلىپ، چوڭ توپنىڭ ئاسماندىن يەرگە چۈشۈشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن، قەھرىتان سوغۇقتا سەككىز سائەت ساقلايدۇ. بەزىلەر چاقچاق قىلىپ، يەنىلا زاكا كىيىپ بارغان بىر قەدەر قولاي دېيىشىدۇ.


    5. بۇلغارىيەدە بېشىنى يۇقىرى- تۆۋەن لىڭشىتىش ياق دېگەننى، ئوڭ- سولغا لىڭشىتىش ھەئە دېگەننى بىلدۈرىدۇ.


    6. نورۋېگىيەدە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «Russefeiring» ناملىق تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئۇلار رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىجارىگە ئېلىپ، 17 كۈن تەنتەنە قىلىدۇ.


    7. ياپونىيەدە، قان تىپى كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىدۇ.


    8. يېڭى زېلاندىيەدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىكتىن چىققاندا ئاياغ كەيمەي، يالىڭاياغ يول يۈرىدۇ.


    9. ئەنگلىيەدە، 2010- يىلىدىن باشلاپ، ھەر بىر ئائىلە ھەر يىلى 145 فوندستېرلىڭلىق پراۋا بېجى تاپشۇرغاندىلا ئاندىن رەڭلىك تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى، بۇ كىرىم ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىگە تەۋە بولىدۇ.


    10. شياڭگاڭدا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر سۇ تۇرۇبىسىدىن ئېقىپ چىققان سۇنى بىۋاسىتە ئىچمەيدۇ.


    11. ئىتالىيەدە، مەكدونالدنىڭ شوخلا قىيامى ۋە تۇخۇم سېرىقى قىيامىغا ھەق تاپشۇرۇلىدۇ.


    12. برازىلىيەدە، 18 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان برازىلىيە ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىشى كېرەك، بولمىسا جەرىمانە قويۇلىدۇ.


    13. ئىسلاندىيەدە، 2007- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يېرىمدىن كۆپرەك ئىسلاندىيەلىكلەر ئەرۋاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدىكەن.


    14. كانادادا، كالا سۈتى خالتىغا قاچىلىنىپ سېتىلىدۇ


    15. گوللاندىيەدە، تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىغا قاتناشقاندا، ھەر بىر ئادەم بىلەن تەبرىكلىشىشىڭىز كېرەك، ئۆمۈر چولپىنى بۇنىڭ سىرتىدا.


    16. شۋېتسىيەدە، كىشىلەر تۈركىيە كاۋىپىنى پىسا تەملىك قىلىپ ئۆزگەرتىۋالدى.


    17. ھىندىستاندا، ئاپتوموبىلنىڭ كانىيى ماي كلاپانىغا ئوخشاشلا مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىلنى قايدۇرۇشتا كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قارىماستىن، بەلكى كاناي چېلىپ، كىشىلەرنى يېقىنلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.


    18. شۋېتسارىيەدە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان قورالغا ئىگە بولۇش نىسبىتى بار، قانۇندا 20 ياشتىن 30 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ئەرلەر چوقۇم ھۆكۈمەت ئۇلارغا تارقىتىپ بەرگەن قورالنى ياخشى ساقلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، ئەمما شۋېتسارىيەدە قورال يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭ ئاران يەتتىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;