• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆزلىرى
  • . بۇرۇنقى قىز دوستىڭىز سېلىشتۇرغاندا، مەن قانداقراق؟


    روشەنكى، بۇ ئۇنى بۇرۇنقى قىز دوستى بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىق، گەرچە ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئويلىسىمۇ، مەسىلەن «جېنىم، سىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن قالتىس» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغۇسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆز ئەرنى بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر ئەرنى بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى ئويلاشتىن توسۇشنى بىلىش كېرەك.


    2.     سىز بىلەن دېيىشگۈدەك گېپىم قالمىدى

    بۇ ئۇنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىق: بىز قىلىشقۇدەك گەپ تاپالمايدىغان دەرىجىگە يەتتۇق! ئۇنداقتا ئايرىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ بەلكىم ئايالنىڭ ئاچچىقىدا دېگەن سۆزى بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئەركىشىگە نىسبەتەن، ئۇزۇن ۋاقىت بۇ سۆزنى تەكرارلاۋەرگەندە ئەھۋالنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرۇپ قويۇش مۇمكىن.


    3.مەن مۇشۇنداق سەت تۇرسام، قانداق قىلىمەن

    بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى سىنايدىغان سۆزى، بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانچە، ئەرلەر راستلا ئايالىنى سەت دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    4.باشقىلارنىڭ ئەرلىرىگە قاراپ باقە

    «باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سېنىڭدىن قاملاشقان!»، «باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سەندىن پۇلدار!»، «باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سەندىن مۇلايىم ۋە كۆيۈمچان!»، ئەمما ئەرلەر «ئەگەر شۇنداق بولسا، شۇ ئەرگە تەگسەڭ بولمامدۇ؟» دەيدۇ. روشەنكى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشىغا بەك ئۆچ.


    5. كىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن

    ئەگەر ئەرنىڭ تېلېفونى سايرىسا، ئاياللار ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا: «كىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن؟» دەپ سورايدۇ، ئەگەر ئەر سەل دىلىغۇل بولۇپ قالسا، ئايال تېخىمۇ گۇمانلىنىپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سوراق قىلىپ، زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋىتىدۇ، ئايال بولغانىكەن، ئەرلەرگە ئاز-تولا مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان بوشلۇق بېرىش كېرەك.

    6.باشقىلارغا قاراپ باقە

    ئاياللار دائىم ئەرلەرنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتىكى ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغرىنىپ، ئۇنى ئەيىبلەيدۇ، بۇ خىل ئەيىبلەش، بەلكىم كەسىپ جەھەتتىكى ۋە ياكى تۇرمۇشتىكى يېتەرسىزلىكى بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىلدىكى سۆزلەر ھەر ۋاقىت ئەرلەرنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ قويىدۇ.


    7. ئۇنى دائىم سېغىنامسەن

    ئاياللار ئادەتتە سەزگۈر ھەم ئېھتىياتچان كېلىدۇ، گەرچە ئەرلەر بۇرۇنقى قىز دوستىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئايالنىڭ ئاجىز نېرۋىلىرى دائىم يولدىشىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىنى قايتا تېپىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇرغاچقا، ئاياللار ئەرلىرىدىن پات-پات بۇرۇنقى قىز دوستىنى سېغىنغان-سېغىنمىغانلىقىنى سورايدۇ.

    8. كۆڭلىڭىزدە مەن بارمۇ-يوق

    بەزى ئاياللار بەك گۇمانخور كېلىدۇ، يولدىشى بىلەن شۇنداق ئازارلىشىپ قالغان ھامان، يولدىشىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىدۇ، ئەمما بۇنداق ئىشەنمەسلىك دائىم ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىۋىتىدۇ، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى قىزغىنلىق ۋە توغرا چۈشىنىش ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغان بولۇپ، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.


    9. نەگە باردىڭ؟

    ئاياللار گەپ سورىغاندا، دائىم سوراق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىدۇ، خۇددى ئەرلەر بىردەم يوقاپ كەتسىلا، سىرتتا كەلسە-كەلمەس ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغاندەك، ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش بوشلۇقى بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئەرلىرىنى سۆيىدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەك.

    10.ھەممىسى سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز

    نۇرغۇن ئاياللار ئۆز خاتالىقىنى ئىقرار قىلىشنى خالىمايدۇ، «مەن خاتالىشىپتىمەن» دېگەن سۆزنى پەقەت ئەرلەر قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئۆمرىدە «مەن خاتالىشىپتىمەن» دەپ باقمىغان بولسا، بۇ بىر زور مەغلۇبىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ «مەن خاتالىشىپتىمەن» دەپ قويۇش، ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.


    11. ئاپىڭىز ئىككىمىز تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەك، ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز

    نۇرغۇن ئاياللار بۇ سوئال ئارقىلىق يولدىشىنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ، ئەمما راست گەپنى قىلغاندا، بارلىق ئەرلەر بۇ سوئالدىن بەكلا بىزار، چۈنكى بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بەرسە، خاتا بولىدۇ. «ئاۋۋال ئاپامنى قۇتقۇزىمەن» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇ ئايالىنى ياخشى كۆرمىگەنلىك بولىدۇ، «ئاۋۋال ئايالىمنى قۇتقۇزىمەن» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇ ئوغۇلنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداقتا زادى قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟

    12. سەن بىلەن توي قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشتىم

    بۇنداق گەپ قىلىدىغان ئاياللار دائىم ئۆزىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى بولمىغان شۇنداقلا بارلىق مەسئۇلىيەتنى يولدىشىغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئاياللار. ئەگەر سىزنىڭ راستلا بۇ ئائىلىدە تۇرغۇچىلىكىڭىز قالمىغان بولسا، شۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۆز ئەھۋالنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرىدىغان سۆزدۇر.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;