• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئالمىنىڭ 10 چوڭ پايدىىسى
  • خەلق تورى 5-مارت خەۋىرى: 1.ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ

    ئالما تەركىبىدە مول تاننىن كىسلاتاسى، ئالما كسىلاتاسى، ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە يېلىمى ۋە سېللۇلوزا قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، يىغىلىش رولىغا ئىگە.

    بۇنىڭ ئىچىدىكى مېۋە يېلىمى ۋە سېللۇلوزىنىڭ باكتېرىيە ۋە توكسىننى سۈمۈرۈش رولى بار، شۇڭا ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

    ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قورساققا بىر تال ئالما ئىستېمال قىلغاندا، ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    2.تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ

    ئالما تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە سېللۇلوزا ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىغا قولايلىقلارنى يارىتىدۇ.

    3.ئاياللار سېزىك مەزگىلدە، ئالما ئىستېمال قىلغاندا، ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماي يەنە، سۇ-تۇز ۋە ئېلېكتىرولىتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ، تەكرار قۇسۇشتىن كېلىپ چىققان كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    4.يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ئالما تەركىبىدىكى كالىينىڭ مىقدارى نىسبەتەن كۆپ، ناترىينىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، كالىي بەدەندىكى ئارتۇقچە ناترىي بىلەن بىرىكىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ؛ شۇڭا دائىم ئالما ئىستېمال قىلىش ياكى ئالما سۈيى ئىچىشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا پايدىسى بار.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، ئالما قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارغا ئوخشاشلا، قاندىكى خولېستىرولنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

    5.ئىشتىھانى قوزغايدۇ، بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق

    ئالما تەركىبىدىكى ئېرىشچان فوسفور بىلەن تۆمۈر ئاسان ھەزىم قىلىنىپ، سۈمۈرىلىدىغان بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق؛ يەنە بالىلاردىكى راخت كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    6.ئورۇقلىتىدۇ

    ئالما تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن، ئالما كىسلاتاسى بەدەندە يىغىلىپ قالغان ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛

    7.قان ئازلىقنى داۋالايدۇ

    دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، قان رەڭ ماددىسى (گېماتوخروم) نى ئاشۇرۇپ، تېرىنى ئاق ھەم يۇمراق قىلىدۇ؛ شۇڭا قان ئازلىق كېسەللىكلىرى بىمارلىرى، دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ؛ پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ.

    8.قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ئالما تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى ۋە ۋىتامىن E سۈيدۈك ھەيدەپ، ھۆسىن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    9.دىئابىت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ئالما تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى خولېستېرولنىڭ ئېشىشىنى توسۇپ، قان قەنتىنىڭ مىقدارىنى ئازلىتىدۇ؛ مۇۋاپىق مىقداردا ئالما ئىستېمال قىلىش، دىئابىت كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە؛

    10.ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ

    ئالما تەركىبىدە قەنت، ۋىتامىن، مېنىرال ماددا قاتارلىق چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپلا قالماي يەنە، تەركىبىدە مول سىنىك ئېلېمېنتى بار؛

    تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سىنىك بەدەندىكى كۆپلىگەن مۇھىم ئېنزىملارنىڭ تەركىبى قىسىمى بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل.

    بەدەندە سىنىك كەمچىل بولسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە ناچار تەسىرلەرنى يەتكۈزىدۇ.


    تەرجىمىدە: ئاينۇر


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;