• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قەھۋە قەۋزىيەتكە شىپا
  • خەلق تورى 4-مارت خەۋىرى: 1.ناشتىدا قەھۋە ئىچىش

    كۆپلىگەن ئايال چولپانلار ئەتىگەندە قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ قەھۋەنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغانلىقىدىن، بىراق بىرلا ۋاقىتتا، قەھۋە پۇرچىقى تەركىبىدىكى كوفىئىن پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

    2.ئەتىگەندە ئاچ قورساققا سۇ ئىچىش

    قەۋزىيەت ئىستېمال قىلغان سۇنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۈچەيدىكى يېمەكلىك قالدۇقلرىى سۇنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈپ، چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمىلدىىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، قەۋزىيەتنى يوقىتىدۇ،چۈنكى كەچتە ئاشقازان-ئۈچەي ئارام ئېلىش ھالىتىدە بولۇپ، ئەتىگەندە تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىكەندە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئادەتتىكىدىن تېزلىتىپ، سۇنى دەرھاللا چوڭ ئۈچەيگە ئەۋەتىپ، تەرەتنىڭ سۇ تەركىبىنى ئاشۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

    3.قېتىق

    سوغۇق ئىچىملىكلەر ئاشقازان-ئۈچىيى نىسبەتەن سەزگۈر كىشىلەرنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەردە ئىچىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ قېتىق تەركىبىدىكى زەمبۇرۇغلار ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئۈچەي يولىدىكى باشقا سېللۇلۇزىنى ئېچىتىدۇ، بۇنىڭىن ھاسىل بولغان ئورگانىك كىسلاتالار ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق بازارالاردا سېتىلىۋاتقان قېتىق تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقرىى بولۇپ، ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.

    4.ئۈچ ۋاق تاماققا قىزىلمۇچ ئىشلىتىش

    قىىزلمۇچ غىدىقلىغۇچى يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ھەزىم قىلىش يولىغا نىسبەتەن بىر خىل غىدىقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇ خىل ئۇسۇل سالامەتلىككە زىيانلىق.

    5.گۈرۈچ ئېشىغا نومى گۈرۈچى ئىشلتىىش

    بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، بۇ خىل سۇدا ئېرىمەيدىغان تالالارنىڭ ئەسلىدىنلا ھەزىم قىلىش يولى ھەرىكىتىنى غىدىقلاش رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىم قىلىش ئېنزىمى تەرىپىدىن پارچىلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، قەۋزىيەتكە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.

    6.ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر تال ئالما ئىستېمال قىلىش

    ئالما تەركىبىدە مول مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، مېۋە يېلىمى سۇ سۈمۈرۈش ئارقىلىق قېتىشىدىغان بولۇپ، قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ.

    7.قورساقنى ئۇۋۇلاش

    قورساق قىسىمىنى ئۇۋۇلىغاندا، ئۈچەي يولىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق خالىغانچە ئۇۋىلاشقا بولمايدۇ. ئۈچەي يولىنىڭ لۆمىلدەش يۆنىلىشىنى بويلاپ، سائەت يۆنىلىشىدە چەمبەر شەكلىدە ھەر قېتىمدا 10 نى ئۇۋىلىغاندا ئۈچەي يولىنىڭ ھەرىكىتىگە پايدىسى بار.

    8.ھەسەل سۈيى

    ھەسەل تەركىبىدىكى فرۇكتوزا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.كۈنىگە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكەندە قەۋزىيەتكە بولغان ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.


    تەرجىمىدە: ئاينۇر


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;