• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەر بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدىكەن
  • ناشتا قىلمايدىغانلاردا خولېستېرىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار 12 مىڭ ئادەمنىڭ ناشتىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ناشتا قىلمايدىغانلاردا خولېستېرىن ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ناشتا قىلمايدىغانلاردا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدىكەن. كىشىلەرنىڭ تولىسىدا يۈرەك كېسىلى نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە قوزغىلىدۇ؟ تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئەتىگەندە يۇقىرى بولىدىكەن، ناشتا قىلمايدىغانلاردا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ناشتا قىلمايدىغانلاردا قان سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ناشتا قىلغانلارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ناشتا قىلمايدىغانلاردا يۈرەك كېسىلى ۋە قىسقا ۋاقىتلىق نېرۋا قالايمىقانلىشىش كۆپ كۆرۈلىدىكەن.

    ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپى نىسبەتەن زور بولىدىكەن.

    كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتە، ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان نۇرغۇن ئاغرىقتا ناشتا قىلمايدىغان يامان ئادەتنىڭ بارلىقى بايقالغان. ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئاچ قورساق يۈرۈش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزاق يەنى ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئەتىسى چۈشكىچە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيدىكەن ھەم ئۆت سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىكەن، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىن تويۇنغان ھالەتتە بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتىسىدا ئاسانلا چۆكمە ھاسىل بولىدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۆتتە تاش پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا دائىم ناشتا قىلمايدىغانلار بۇنداق ئادەتنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىكەن.

    قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار 25 ياشتىن 37 ياش ياش ئۆپچۆرىسىدىكى 2681 كىشىنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنسۇلىن قارشىلىقى نىسبىتىنى ھەر كۈنى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقىغان

    ئاسانلا ئاشقازان يارىسى پەيدا بولىدىكەن.ئەتىگەندە ناشتا قىلمىسىمۇ ئاشقازان كىسلاتاسى ئادەتتىكىدەك ئاجرىلىپ چىقىرىلىۋېرىدۇ. قورساق ئاچ بولغاندا، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىلىرى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئاشقازان يارىسى ياكى ئاشقازان يەللىكى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناشتا قىلمىسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدا قورساق ئېچىش سېزىمى كۆرۈلىدۇ، بۇ سېزىم تەسىرىدە چۈشلۈك تاماقنىڭ مىقدارى نىسبەتەن كۆپىيىدۇ، بۇ ئاشقازان يېپىشقاق پەردىلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى، يىرتىلىشىنى ھەم ئاشقازان ئاغرىش ۋە باشقا كېسەل ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;