• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • نىكاھ جۇشقۇن ھېسىياتقا باغلىق
  • كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆز يولى بولىدۇ، ئەنئەنىۋى كونا قائىدە بويىچە تۇرمۇش كەچۈرگەندە تار كۆز-قاراش بويىچە چەكلىنىپ قالىدۇ. قىزىققانلىق بىلەن قارار چىقىرىش، دائىم بىھۆرمەتلىك قىلىش كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ.

    ئادەتتە نىكاھ جۇشقۇن ھېسىيات ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا يېشى، خىزمىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، نىكاھ ئىشلىرىدا قىسمەن مۇتەئەسسىپلىك بارلىقىنى يەنى « بىز ئاتا-ئانا بولۇپ قالدۇق، يەنە رومانتىك بولۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دېگەندەك قاراشنىڭ ئادەت بولۇپ قالغانلىقى، بۇ خىل ئادەتنىڭ تەسىرىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىنى كۆپ قېتىم نابۇت قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز

    بىز ئادەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ ئىغىزىدىن مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز،« مەن بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بالامدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاچالمىدى، ئۆي ئىشلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» دېمەك، بۇلارنىڭ تۇرمۇشى خىزمەت قىلىش، ئائىلە ئىشلىرى، ئۇخلاش ۋە يەكشەنبە كۈنىدىكى ئالدىراش ئىشلىرى بىلەن بىر خىل رىتىمدا ئۆتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغان ئاددىي تۇرمۇش يولى، ئارزۇ-ئۈمۈتلەرنى يوققا چىقارغان. شۇنداق بولغانلىقتىن ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى جۇشقۇن ھاياتى كۈچ بەربات بولغان. كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلەپ نىكاھ ئىشلىرىغا قارىتا «توي» دېگەن مۇشۇنداق ئىش، يەنە تىلغا ئالغۇدەك نېمىسى بار، دېگەن تونۇشتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە

    بىراق، نىكاھ ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس، نىكاھ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. ئۇ كىشىلەرگە خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلىشى، كىشىلەرنى ئەسلىتىدىغان ۋە تەلپۈندۈرىدىغان بولۇشى لازىم. ئەگەر ھېچ قىزىققۇدەك يېرى يوق نىكاھمۇ جۇشقۇن ھېسىياتقا ئىگە بولسا، نىكاھ ئىشلىرىدا ئويلىمىغان يەردىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

    ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ماتېماتىكىلىق بىر خىل فورمىلا يوق، ئادەمنىڭ يېشى مۇھەببەتنىڭ تەبىئىي كۈشەندىسى ئەمەس. نىكاھ خىيالپەرەسلىكنى چەتكە قاقمايدۇ، ئۇ رومانتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ رازى بولۇپ جۇشقۇن پىكىر يۈرگۈزۈپ قەلبىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدىغانلا بولسا ئارزۇ-ئارمانلار رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ھېچقانداق ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق.جۇشقۇن ھېسىيات ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، تۇرمۇشتا جۇشقۇن ھېسىياتنى كونتىرول قىلىدىغان مۇتلەق تەبئىي توساق يوق. جۇشقۇن ھېسىياتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغانلا بولساق نىكاھتۇرمۇشىدا يىڭى يول تاپالايمىز، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيمىز


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;