• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ياخشى ئادەت ئاڭلىقلىقتا يېتىلىدۇ
  • ئاۋستىرالىيەگە بېرىپ كەلگەن دوستۇم  بىر كەچمىشنى خىجالىتتە  سۆزلەپ بەردى:  ئۇ ئاۋستىرالىيەنىڭ بىر شەھىرىدە تۆت كوچىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، قىزىل چىراغقا دۇچ  كەپتۇ، ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشى يىغىلىپ، يېشىل چىراغنىڭ يېقىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئەمما، دوستۇم  ساقلاشقا تاقەت قىلالماي، يولنى كېسىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. كېيىن ئۇ بۇ قىلمىشنىڭ ئورۇنسىزلىقىدىن ئۆكۈنۈپتۇ ۋە: «ئۇزاقتىن يېتىلگەن ھەرىكەت رەسمىي ئادەتكە ئايلىنىدىكەن، ئادەتنىڭ داۋاملىشىشى كىشىنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىدىكەن. بۇ ئىش ماڭا بىر پەيلوسۇپنىڭ (ھەرىكەت  ئادەتنى، ئادەت خاراكتېرىنى، خاراكتېر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ) دېگەن  ھېكمىتىنى ئەسلەتتى» دېدى.

    دەرۋەقە  ئىجتىمايىتىمىزدە ئۇزاقتىن بويان بەزى ياخشى ئادەتلەر كەمچىل بولۇپ كەلدى. ئەكسىچە، نۇرغۇن ناچار ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالدۇق. كىچىك ئىشلارغۇ، كارايىتى چاغلىق دەپلا، زىيانلىق بەزى قىلمىشلىرىمىزنى  تۈزىتىشكە سەل قارىدۇق، ئۆزىمىزدىكى ئېۋەنلەرگە  ئېرەڭشىمىدۇق. شۇنى بىلىش كېرەككى، ياخشى ئادەت ئەستايىدىل ئاڭلىقلىق بىلەن يېتىلىدۇ. تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت  قاتلىمىمىزدىكى ئاددىي، كىچىك سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتسەك، ئاندىن ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك  ماھىيىتىمىز نۇرلىنىدۇ. ئەۋلادلىرىمىز بىزدىن ياخشى تەربىيە ئالالايدۇ، تەقدىر تىزگىنىنى ئۆز قولىدا تۇتالايدۇ. ئاچچىق ساۋاقلار بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈدۇكى، ناچار ئادەت ۋاباغا، يۇقۇملۇق  كېسەلگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئادەمگە تۇيدۇرماي بالايىئاپەت يەتكۈزىدۇ. كىشىنىڭ تەقدىرىنى تۇتۇق، ماڭىدىغان يولىنى تار قىلىدۇ. شۇڭا، ناچار ئادەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، خۇددى دانالارنىڭ «ئادەت ئادەمنى ئىدارە قىلىش ئەمەس، بەلكى ئادەم ئادەتنى ئىدارە قىلىشى  كېرەك. ياخشى ئادەت ـــ كىچىك، سەل قارىلىۋاتقان ئىشلاردىمۇ ئاڭلىق، سەمىمىي بولغاندىلا  ئاندىن تەدرىجىي يېتىلىدۇ» دېگىنىدەك، ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بىزدىن قەيسەر ئىرادە، غەيرەت-شىجائەت، سەۋرچانلىق ۋە سەمىمىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ياخشى ئادەت ئىنساننىڭ  ئېسىل خىسلىتى بولۇپ، ئۇ  ئىنسانغا مەنىۋى كۈچ  ئاتا قىلىدىغان، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى  ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، دوستلۇق، ئىشەنچ-ساداقەت، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان، تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدىغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر. ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان  بۈگۈنكى كۈندە، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى  كۈچەيتىپ، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;