• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى گۆھەرلەر
  • يېقىندا بىر يىغىلىشقا  قاتنىشىپ قالدىم.

    - توۋا دەيمەن، سىزنىڭمۇ بالىڭىز  شۇنداقمۇ؟  ئويۇنچۇقلىرى شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، داۋاملىق ئەسكى قەغەز، قەغەز كورۇپكا دېگەندەك نەرسىلەرنى يىغىپ ئوينايدۇ. يېڭى  ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرسەممۇ  بىر-ئىككى كۈن ئويناپ قويۇپلا زېرىكىپ تاشلىۋېتىدۇ. ئىلگىرى  ئۆينى قالايمىقان، مەينەت قىلىۋەتتىڭ، دەپ «بۇ  ئەخلەت» لەرنى تاشلىۋېتەتتىم. بۇنى بالام  كۆرۈپ قالسا قايتىدىن يىغىۋالاتتى، تاشلىۋەتكىنىمنى ئوقۇپ قالسا يىغلاپ كېتەتتى. ئېرىم بەزىدە ماڭا: «بالىنى ئەركىنلىكىگە قويۇپ بەر، ئوينىىسۇن، ئۇلارنىڭ شۇنىڭدىن باشقا نېمە خوشاللىقى بار، جدەل قىلماي، ئويۇنىنى  تېپىپ  ئوينىسا ياخشى ئەمەسمۇ، ئارىلىشىپ نېمە  قىلىسەن؟»  دەپ  كايىپ كېتەتتى. ئويلاپ باقسام، بۇمۇ  توغرىكەن، شۇڭا ھازىر بالامنىڭ  «بۇ ئەخلەت» لىرىنى تاشلىماي، ئوبدان ساقلاپ قويىدىغان بولدۇم.

    - مېنىڭ  قىزىممۇ ھەر قېتىم مومىسىنىڭ ئۆيىدىن ھەر خىل گىرىم بويۇملىرىنىڭ قۇتىلىرى، ئۇكۇل، دورا بوتۇلكىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئەتىۋارلاپ ئويناپ كېتىدۇ. بۇلارنى تاشلىۋېتەيلى دېسەم، قىزىم: «بۇ مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم، مومام ماڭا ئويناڭ دەپ بەرگەن» دەيدۇ. ھەر دائىم  ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىش جەريانىدا يەنە  قەغەز  يېشىك، كورۇپكا، ياغاچ   پارچىلىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالىمەن. لېكىن بەزىدە  ئۇنىڭ ئاشۇ «ئەخلەت»  لەردىن ھەر خىل ئويۇنچۇقلانى ياساپ، ئۆزىگە خوشاللىق تېپىۋاتقانلىقىدىن خوش بولۇپ مەيلىگە قويۇپ بېرىمەن.

    دوستلانىڭ قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ، ئويلىنىپ قالدىم.

    مېنىڭچە، بالىلارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يىغىشى ناچار ئىش ئەمەس، بالىنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى تاللاش ۋە يىغىپ ئويناشقا ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى  بويىچە ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تاللاش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى  قارىشى ھەققىدە بىر قىسىم  ئاتا-ئانىلار بىلەن پىكىرلەشتىم ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆردۈم.

    شەھەر ئاھالىسى پەرىدە مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، بالىنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرىسىنى  تاللاش، يىغىپ ئويناشتا بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، بالىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئەركىنلىكىگە قويۇپ بېرىش كېرەك. بىز ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشەنمەي، دائىم ئۆز قارىشىمىزنى بالىغا تاڭىمىز، كۈنبويى بالىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىمىز، بالىنىڭ ھېچقانداق ئىش يارىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بالىنى نابۇت قىلغانلىقتۇر.

    ئاتا- ئانىلارنىڭ  بايقىشىچە، ئۇلار  ئەخلەت، دەپ  قارىغان  نەرسىلەرنى  بالىلار  ئەتىۋارلاپ  ئوينايدىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىدا بۇنداق ئويۇنلار  كەم بولسا بولمايدىكەن.

    ھەممىمىزگە  مەلۇم، ئويۇنچۇق بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھى. ئويۇنچۇق ئارقىلىق بالىلار تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ، ئۆزلىرىگە خوشاللىق تاپالايدۇ، ھەر خىل ئويۇچۇقلارنى ياساپ،   ئىجادىي ۋە تەپەككۇر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. لېكىن، ھەممە  ئويۇنچۇقنىڭ بالىنى خوشال قىلالىشى، جەلپ قىلالىشى ناتايىن. مەسىلەن: ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ رايى بويىچە بالىلىرىغا ئېلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق  قونچاق، ماشىنا دېگەندەك ئويۇنچۇقلارنى بالىلىرى يېڭى ۋاقتىدا قىزىقىپ ئوينىغىنى بىلەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەركىن ئوينىيالمىغاچقا، زېرىكىشى مۈمكىن. ئۆزى ياسىغان نەرسىلەرنى بولسا ناھايىتى قەدىرلەپ، ئەركىن ئوينىيالايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تاشلىۋەتمەي، ئىشكاپ ياكى يەشىكلەرگە سېلىپ ياخشى ئاسراپ بېرىشى، بۇنداق ئويۇنلارنى بالىلار بىلەن بىللە ئويناشقا ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەك. بۇ «ئەخلەت» لەر ئەرزىمەس نەرسىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بالىلارنىڭ ئىجادىي پىكىر  يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولۇشى مۈمكىن.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;