• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ
  • بۇ دۇنيادا ياشىغانىكەنمىز، ھەممىلا ئىشىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. ئاممىۋى ئاپتوبۇستا باشقىلار سىزنى ئېھتىياتسىزلىقتىن سوقۇۋەتسە، تەربىيە كۆرگەن كىشى بولسىغۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورىسىلا تۈگەيدۇ، ئەمما مىجەزى ئوسال بىرى بولسا، «مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك» دېگەندەك، «كۆزۈڭ قارىغۇ بولۇپ قالدىمۇ؟» دەپ سەپرايىڭىزنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئاراڭلاردا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، يېنىك بولغاندا ئۆزئارا تىللىشىپ بولدى قىلىسىلەر، ئېغىر بولغاندا مۇشت - پەشۋا ئېتىشىپ بىر - بىرىڭلارنى يارىلاندۈرىسىلەر. ئائىلىدە ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن قىزىرىشىپ قالىسىز، بەزىدە ھەتتا تىللىشىپ، ئۇرۇشمىغۇچە بولدى قىلماسلىقىڭلار مۈمكىن. گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ كانت: «ئاچچىقلىنىش - باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى جازالىغانلىق» دېگەنىكەن. باشقىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن سىزنى سوقۇۋېتىپ كەچۈرۈم سورىمىسا نېمە بوپتۇ، ئۇنى زىغىرلاپ، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك بىر مۇنچە ئاچچىق يۇتۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى نېمە؟… قانداق، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىسىڭىز بولامدىكەن؟باشقىلارنىڭ خاتالىقى قەلبىمىزنى خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك جاراھەتلەندۈرۈپ، بىزنى كۈنبويى ئاغرىنىش، پەرىشانلىق، قاقشاش ئىچىدە ئۆتۈشكە مۇپتىلا قىلىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;