• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېرىنداشلىق مېھرى ھەممىدىن ئەلا
  • رەھمەتلىك بوۋام ھايات چېغىدا ئۆيدىكىلەرگە دائىم: »قېرىنداشلار ئىناق ئۆتۈڭلار، باشقا كۈن چۈشكەندە  قېرىنداش ھەرقانداق يېقىن دوستتىنمۇ ياخشى، تۇرمۇشتا بىر-بىرىڭلارغا ياردەم بېرىپ، ھالىڭلارغا يېتىڭلار«، دەيتتى. بوۋامنىڭ شۇ تەربىيەسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، دادام قېرىنداشلىرى ئاغرىپ قالسا ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا پايپېتەك بولۇپ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ. ھەتتا، قېرىنداشلىرىنىڭ بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. دېمىسىمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىناق ئۆتۈش، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قاراپ تۇرماي ياردەم بېرىش، قېرىنداشلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى.    @جەمئىيەتنىڭ  تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئىقتىساد ئېڭىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا، پۇل-مالنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئۇنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ۋە  قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. ئۈچ ئاي ئىلگىرى مەھەللىمىزدىكى مەلۇم بىر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ كوچىدا بىر-بىرىنى قاتتىق تىللىشىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ياقىلىشىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەتراپتىكىلەر ئۇلارغا »ھاي« بېرىپ ئاجرىتىۋالمىغان بولسا ئۇلار مۇشتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەسلىدە بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ    يېرىنى سېتىۋالغان ئىكەن. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ يەر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرىپ، ئاكىسىغا پۇل كەپتۇ. ئۇكىسى بۇ پۇلدىن ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاكىسى بىر تىيىن بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ. شۇڭا ئۇلار مەھەللىدە ئۇچرىشىپ قېلىپ، تاكاللىشىپ، بايىقى ماجرا كېلىپ چىققان ئىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىراس، مەنپەئەت تالىشىش سەۋەبىدىن قېرىنداشلار ئارا ئازارلىشىدىغان، يىل-يىللاپ گەپ قىلىشمايدىغان، زىددىيەت ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدىغان ئەھۋاللار جەمئىيىتىمىزدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىزدەنسەكلا تۇرمۇشتا ئۇچرىغان مەسىلە، زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. گەپ شۇ مەسىلىگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشتا. مېنىڭچە، قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىقتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەتنى ئۆز ۋۇجۇدىمىزغا سىڭدۈرسەكلا، زىددىيەتلەرنىڭ قېرىنداشلار ئارىسىدا بىخ تارتىشىغا ئورۇن قالمايدۇ.    @    ئىنتايىن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، بىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممىسى بىللە ياردەم بېرىشىدىغان قېرىنداشلارمۇ جەمئىيىتىمىزدە ئاز ئەمەس. ئايالىمنىڭ دېيشىچە، ئۇنىڭ بىر ئىش ئورنىدىن قالغان دوستى بار ئىكەن. ئۇ ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان. ئۇنىڭ بىر مۇنچە قېرىنداشلىرى بولۇپ، ئۇ قېرىنداشلىرى ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش، داۋالىنىش قاتارلىق سۇغۇرتا پۇللىرىنى ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن تۆلەپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەۋەر ئېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىكەن. قېرىنداشلىرى بۇ ئىشنى ئىزچىل  داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قوشنىمىزنىڭ ئوغلى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇلار بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيە ھەققىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماس كېلىدىغان بۆرەك تېپىش بەكمۇ تەس بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى ئاكىسىغا بەردى. ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. مانا بۇلار چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئارىمىزدىكى ئېسىل ئۆرنەكلىرى.    @مېنىڭ ئىككى ئۇكام بار ئىدى. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئىككىسىلا بالدۇر قازا قىلىپ كەتتى. ئۇلار ھايات چېغىدا خېلى ئىناق ئۆتەتتۇق. ئۇلار مېنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى. ھېيت-بايراملاردا ئاتا-ئانىمىزنىڭكىگە جەم بولۇپ، بىللە غىزالىنىپ، ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرلىنەتتۇق. ھېيت-بايراملاردا تونۇشلار، قېرىنداشلار ئارا ھېيتلىشىپ، چوڭ ئۆيلىرىدە جەم بولۇشسا، ئۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئۇكىلىرىم ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ، تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ قەدرى تېخىمۇ ئۆتۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىناق ئۆتۈۋاتقان قېرىنداشلارنى كۆرگەندە ھەۋەسلىنىپ، ئىچىمدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىناق، خۇشال-خۇرام ئۆتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئازارلىشىپ قالغان، ياخشى ئۆتۈشمەيدىغان قېرىنداشلارنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغىنىمدا ئۇلارغا: بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ، لېكىن قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببەتتىن قالغان لەززەت مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، قېرىنداشلىق مېھرى  ھەممىدىن   ئەلا، دەپ خىتاپ قىلغۇم كېلىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;