• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
  •   1. بالىلار تۈرمۇشتا يېڭى باشلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋاقىت.يېڭى بىر يىل،يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى ياكى بالىلار يېڭى ئۆگىنىش مۈھىتىغا كىرگەن ۋاقىتتا بالىلاردا بىر خىل يېڭىچە سىزىم ،يېڭىچە تەسىرات ھەم ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ پەيدا بولىدۇ.ئەنە شۇنداق پەيىتتە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قاراپ ئالغا يىتەكلىگەندە ئىشنىڭ بېشىدىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

      2.بالىلار ئۆز مۈۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولۈۋاتقان ۋاقىت.ئاتا-ئانىلار مۈبادا بالىلارنىڭ مۈۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەش،ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا ئۇلارغا قارىتا ئېنىق ،كونكىرىتنى تەلەپلەرنى قويسا قانائەتلىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرشەلەيدۇ.

       3 .بالىلار ئۇۋالچىلىق ھىس قىلغان ۋاقىت.ئاتا-ئانىلار تەشەببۇسكار،سوغاققان،كەڭ قورساق بۇلۇپ بالىلارغا ھىسداشلىق قىلىپ،ئۈلارنى يىتەكلىسە بالىلاردا بىر خىل رازىمەنلىك ھىسياتى پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسھىتىنى ئوڭايلا قۇبۇل قىلىدۇ.

      4. ئوقۇتقۇچىسى ئائىلە زىيارىتىقىلغان ۋاقىت.بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئوقۇتقۇچىسىغا ئېيتىپ بىرىش بىلەن بىرگە يېتەرسىزلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش لازىم.بىراق يەڭگىللىك بىلەن «ئەرز قىلىش»ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

      5. بالىلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان ،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىت.بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ئەيىپلىمەستىن بەلكى ئۇلارنىڭ نەتىنجىسنى مۈئەييەنلەشتۇرشى،يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىشى،قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بىرىشى لازىم .

      6. بالىلار چوڭراق سەۋەنلىك ئۆتكۈزۇپ قويغان ۋاقىت.بۇنداق ۋاقىتتا بالىلار چۇشنىشىڭىزگە،ھىسداشلىققا،ھالىغا يېتىشكە ئەڭ موھتاج بولىدۇ،دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنى ئىزچىل تۈردە ياخشى تەرەپكە يېتەكلىگەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

      7. بالىلاردا مەلۇم شەيئىلەرگە قارىتا ئىشتىياق قوزغالغان ۋاقىت.بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى پائال قوللاپ ئۈلارنى رىغبەتلەندۇرىشى،بىلىم ئىزدەش ئىشتىياقىغا تۈرتىكە بولۇشى،تۈرلۇك ئاماللار بىلەن تەپەككۈرنى قوزغىتىشى لازىم.

      8. بالىلار چوڭراق كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋاقىت.بۇ بالىلارنى ئىنتىزامغا رىئايە قىلدىغان،كوللىكتىپ ئۈچۈن شەرەپ كەلتۇردىغان،كوللېكتىۋىزملىق كۆز قاراشقا ئىگە قىلىپ تەربىيلەشنىڭ ئاساسى.

        9. بالىلار مۈۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقىت.بالىلار كۆپ ھاللاردا كۆڭلىدە « مۈۋەپپەقىيەت قازانىشىم كېرەك!»دەپ ئويلايدۇ ھەم ئىرادە باغلايدۇ.ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۈتۈپ،بالىلارغا قارىتا مۈۋاپىق نىشان كۆرسىتىپ،تەلەپلەرنى قويسا،ئۇلارنىڭ بىردەملىكقىزغىنلىقىنى ئۇزۇن مۈددەتلىك ھەركەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.

         10. مېھمان بولۋاتقان ۋاقىت ھەم مىھمان بار ۋاقىت.ئادەتتە بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار كېلىدۇ.شوڭا ئۇنداق ۋاقىتتا چوڭلار بالىلارنىڭ غورۇرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى،مىھمان ئالدىدا بالىلارنىڭ «ئەيبىنى ئاچماسلىقى»،بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھەم ئالاھىدىلىكىنى كۆپىرەك سۆزلىشى،بالىلاردىن كۈتىدىغان مۈۋاپىق ئارزۈ-ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;