• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم نۇقتىلار
  •  بالىلارنى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى. ئائىلە تەربىيىسىدە بالىلارغا يامان تەسىر بېرىدىغان ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

     بىرىنچى، بالىڭىزنى ھەرگىز كەمسىتمەڭ. «ئەجەپ دۆت ئىكەنسىنا »، «ياغاچ قۇلاقمۇ سەن» دېگەندەك ئاغزىمىزدىن مۇنداقلا چىقىپ كەتكەن گەپ- سۆزلەر ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ غورۇرىغا بەكمۇ تېگىدۇ.

     ئىككىنچى، بالىڭىزنى قورقۇتماڭ. بالىلارنى دائىم قورقۇتۇش، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلارغا دائىم دېگۈدەك «كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن»، «ئەمدى شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەربىيە قىلساق، بالىلار قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز چوڭ بولۇپ قالىدۇ.

     ئۈچىنچى، بالىڭىزغا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەڭ. «نەتىجەڭ ياخشى بولسا، نېمە دېسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرىمەن» دەپ ئىلھام بېرىشمۇ بىر خىل ناچار ئادەت بولۇپ، بۇنداق قىلساق،بالىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگەنمەيدىغان، پەقەت ماددىي بۇيۇم ئۈچۈنلا تىرىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، كەلگۈسىدە ئۆز نىشانىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

     تۆتىنچى، «بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق قىلمايمەن دېگىن» دەپ بالىلارنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. چۈنكى بالىلار خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا دائىم ئۇلارنى ئۇنداق ۋەدىلەرنى بېرىشكە مەجبۇرلىساق، بالىلار  يالغان سۆزلەيدىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆز خاتالىقىنى مەجبۇرلاش ئاستىدا ئەمەس، بەلكى چۈشەندۈرۈش ئاستىدا تونۇتۇش كېرەك.

     بەشىنچى، بالىڭىزنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋالماڭ. بالىڭىزنىڭ كۆزىگە ھەددىدىن زىيادە كىرىۋالسىڭىز، بالىڭىز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىز ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزى قىلسۇن.

     ئالتىنچى، بالىڭىزغا تولا كوتۇلدىماڭ. بالىڭىزغا تولا كوتۇلداۋەرسىڭىز، بالىڭىز «ھەممە ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئوخشايمەن» دەپ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھەمدە كوتۇلدىشىڭىزدىن بىزار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا بىرەر ئىشنى تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ئېنىق، يىغىنچاق قىلىپ چۈشەندۈرۈڭ، ئامال بار ئارتۇق گەپنى قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.

     يەتتىنچى، بالىڭىزنى قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ. مەسىلەن، بالىڭىزنى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ، سىز بۇيرىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىسىڭىز، بالىڭىز تەبىئىيلا شۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزغا گەپ قىلغاندا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىڭ.

    ەككىزىنچى، بالىڭىزنى بەكلا مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ. بالىلارنى  ھەددىدىن  زىيادە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشمۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. چۈنكى بالىلارنى بەكلا   ئۆز    مەيلىگە   قويۇۋەتسە، ئۇلارنىڭ  يوشۇرۇن   ئىقتىدارىنى   جارى   قىلدۇرۇشقا، ياراملىق، مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى.

     توققۇزىنچى، بالىڭىزنىڭ يېشىغا لايىق كەلمەيدىغان تۈزۈملەرنى بېكىتىۋالماڭ. مەسىلەن، ئىككى ياشلىق بالىڭىزغا بەش ياشلىق بالىلارغا قويىدىغان تەلەپلەرنى قويىۋالماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز، ئەگەر بالىڭىز سىز قويغان تەلەپلەرنى ئورۇندىيالماي قالسا، ئۆزىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغاندەك، باشقىلارنىڭ كەينىدىلا قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;