• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
  • يېقندا دىدارلاشمىغىلى ئۇزاق بولغان بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ غىزالىنىش ئۈچۈن تاماقخانىغا كېتىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن ئالتە  ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز «دادا» دېگىنىچە دوستۇمغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئەپسۇسكى ھاياجانلانغان  ئاتا مېھىرلىك ئىككى قولى بىلەن پەرزەنتىنى باغرىغا ئەمدىلا باساي دېيىشىگە بىر ئايال ئېتىلىپ كەلدىدە بىچارە بالىنى خۇددى بۈركۈت قوزىنى قاماللاپ ھاۋاغا كۆتۈرۈپ كەتكەندەك، سىلكىشلىگىنىچە ئىلىپ كەتتى. بىر -بىرىگە تەلپۈنگەن ئاتا -بالا ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرى شۇ ھامان نەملىشىپ، تارتىشقان قوللار ھاۋادا ئېسىلىپ قالدى. مەن شۇندىلا بايامقى ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ دوستۇمنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇن ـ بالىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.

    دوستۇم  بالىنى سۆرەشتۈرۈپ بوراندەك كېتىۋاتقان ئايالغا  بىر نىملەرنى دېگىنىچە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىىي بەردىم. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كۆز ئالدىمدىلا مەھەللىمىزدىكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاجراشقان ۋە كېيىن بىر قىزى بار ئەرگە ياتلىق بولغان ئايال بىلەن بۈگۈن كۆرگەن ئايال گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، چۈنكى مەن بىلىدىغان ئۇ ئايال ھازىرقى ئېرىنىڭ قىزى بىلەن بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئانىلىق مېھىرنى ئوخشاشلا بېرەتتى. ئۆيىدىكى قىزىغا ئازراقمۇ ئۆگەيلىك قىلماي ئۇنى ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى. ئوغلىنىمۇ پات- پات چاقىرىپ ئەكىلىپ يېنىدا نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭمۇ ھازىرقى ئاپىسىنى ھۆرمەتلەش ، دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش تۇغرىسىدا نەسھەت قىلىپ يولغا سالاتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى قايسىبىر شىركەتكە ئىشقا چۈشتى، ئەپسۇسكى بۈگۈن مەن كۆرگەن ئايال مېنى باشقىچىلا ئويغا سالدى.

      ھازىر تۈرلۈك ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارىمىزدا ئاجرىشىش، قايتا نىكاھلىنىش ياكى جۆرىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلارنى بېقىپ تەربىيەلەش ۋەزىپىسى ئەر ياكى ئايال ، ھەتتا چوڭلارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدىىغان ئەھۋاللار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. تۇرمۇش، بولۇپمۇ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك جەمىيەت تولىمۇ مۇرەككەپ، كىشىلەرنىڭ پىسخىك خارەكتىرى، نىكاھ، ئائىلە قارىشى ۋە تەلەپلىرى ھەر خىل بولغاچقا ،ئاجراشقان ئەر -خوتۇنلارنىڭ  تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلار يەنىلا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. لېكىن چوڭلار : «ئائىلە  بۇزۇلۇش ھەرگىزمۇ قىيامەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ» دەپ قاراپ ئۆز تۇرمۇشىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈنىنى ئېلىپ ياشاۋەرگىنى بىلەن، يۆلەنچۈكسىز ، ئىگە چاقىسىز قالغان،  ئاتا -ئانىسىنىڭ ئورتاق مېھىرى ۋە تەربىيەلىشىگە نائىل بولالمىغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار بولماي قالمايدۇ. يەنى بەزى بالىلار ئاجرىشىپ  كەتكەن ئاتا -ئانلىلىرىنىڭ كەڭ قورساق ، ئەپۇچان بولالماي ئۇزاققىچە بىر ـ بىرگە ئۆچەكىشىپ ئۇزاققىچە  بىر بىرىگە ئاداۋەت ساقلىشى، بالىلارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، باشپاناھ بولماسلىقى ياكى بالىلارنى سېنىڭ ،مېنىڭ دەپ ئايرىشى، شەخسىيەتچىلىك قىلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چوڭلارنىڭ كۆيۈنىشى ، غەمخۇرلۇق قىلىشى، باشپاناھ بولۇپ  مۇھەببەت ئاتا قىلىشىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ خارەكتىرىدە دىلى سۇنۇق، روھى چۈشكۈن، كەم سۆز، ياكى بەڭباش، ئۇرۇشقاق، جىدەلخور بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلاردا جىمغۇرلۇق، تەنھالىق كېسىلىگە گىرپتار بولۇپ، ئېزىپ كېتىش، يولدىن چىقىش ،  ھەتتا جىنايەت پاتقىقىغا چۆكۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ سادىر بولۇۋاتىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر قانداق بىر پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى شەكىللەنگىچە بېقىلىش، تەربىيەلىنىش، قوغدىنىش ھوقۇقى ھوقۇقى بار، بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئەقەللىي ئىنسانىي تەلىپى .  دېمەك، مەيلى سىز كىم ياكى كىملەر بىلەن  قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزدىن ، ئائىلىڭىزدە ئۆز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ بالىسىنى بېقىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماي، بالىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ.  چۈنكى چوڭلار گۇناھكار  بولغىنى بىلەن بالىلار گۇناھسىز، سىزدە ئىنسان ۋە ئاتا ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىنساني خسىلەت، پەزىلەت، پەرزەنتكە بولغان ئوتلۇق مېھىر ، سەمىمىي قەلب، مەجبۇرىيەت ئېڭى بولسۇن. يەنە سىزدە ئۇلارنىڭ مۇھەبەت ھەققىنى ئايىماي بەرسەم ئۇلارمۇ قىلغىنىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ دەيدىغان قاراشمۇ بولسۇن.ئەڭ مۇھىمى، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى ئوڭۇشسىزلىق پەرزەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە قايتا تەكرارلانمىسۇن.

    ئەمەت ئىسھاق


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;