• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئەرلەرگە بېرىلگەن 6 تۈرلۈك ساقلىق ئۈگۈتلىرى
  • ▲ئاياللار قارىماققا قەلبى نازۇك دەپ قارىلىپ ئەزەلدىن غەمخۇرلۇق، كۆيىنىش نەزىرىدە قارىلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە  ئەزەلدىن ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدۇ دەپ تەربىيە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا كۆيىنىشكە تولىمۇ موھتاج. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە،30-45 ياشقىچە بولغان ئەرلەردە %65 تىن كۆپرەكىنىڭ ئوزۇقلۇقى تەڭپۇڭسىز بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلار %30  كە يەتكەن. بۇنىڭلىق بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇتەخەسسىسلەر ئەر دوستلار ئۈچۈن ئالتە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان.

    ▲بىرىنچى ئۆگۈت: ئاياللار بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئەرلەرنىڭ نەچچە تۈرلۈك   ئاجىزلىقى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى يۈرەك. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىدىغان ئەرلەر ئاياللارنىڭ 7-10 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. بۇ ئەرلەرنىڭ خولېستېرىن تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش ھەمدە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت جىددىي، كەيپىيات قالايمىقان بولۇشمۇ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ يەنە بىر خىلى.

    شۇڭا ئەرلەر بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاراق-تاماكا تاشلاپ، ئوزۇقلۇق جەھەتتىن تۇزنى، قەنىتنى، خولېستېرىننى  ئاز ئىستېمال قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل  ۋە يېڭى -كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. قارا ئاشلىق، ئۆسۈملۈك مېيى قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن E كۆپ بولۇپ ئەرلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك، چۈنكى ۋىتامىن E قان-تومۇر دىۋارىنىڭ زەخمىلىنىشىنى توسۇپ،  قان پلاستىنكىسىنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىدا ئۇيۇشۇپ قان نوكچىسى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ئەرلەر يەنە ۋىتامىن B6 ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ۋىتامىن B6 ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى يۇقىرى سىستېئىنىڭ پارچىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىدۇ. ۋىتامىن B6 توخۇ، بىلىق، قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك يېمەكلىكلىرىدە، يوپۇرماق كىسلاتاسى يىشىل سەي-كۆكتات، ئاپلىسىن شەربىتىلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مەۋجۇت.

    ▲ئىككىنچى ئۈگۈت: جىگەرنى قوغداش. مەسىلەن؛ ئەرلەرنىڭ ئاسان زەخمىلىنىشكە ئۇچرايدىغان ئەزالارنىڭ ئىچىدە، جىگەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە، ئەرلەر ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. تۇرمۇش پائالىيىتى كۆپ  بولۇپ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋەتكەندىن  سىرت يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ھاراق ئىچىش. بۇنىڭدىن سىرت ماي مىقدارى  يۇقىرى يىمەكلىكلەرمۇ جىگەرگە پايدىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىنE,C.B ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى، سىنك قاتارلىقلانى ئىستېمال قىلىسا جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

    ▲ئۈچىنچى ئۈگۈت: مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش. مەسىلەن: ئەرلەرنىڭ بەدەن كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىمۇ روشەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ۋە تەپەككۇرى ئاستىلاش، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

    ▲تۆتىنچى ئۈگۈت: بېسىمنى ئازايتىش. مەسىلەن: قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئەرلەر ئىختىيارى ياكى ئامالسىز ھالدا ئۆي بېقىش، پۇل تېپىش، رىقابەتلىشىش، بالا تەربىيەلەش قاتارلىق ئېغىر يۈكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ۋە قات-قات بېسىملار بىلەن ئورالغان. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ماگنىي بېسىم يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئىلمېنىت ئارپا، بانان، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە مول بولىدۇ.

    ▲بەشىنچى ئۈگۈت:  قەيسەر بولۇش. مەسىلەن: بىر قىسىم  ئەرلەر دائىم ئۇخلىماي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت كۈچى ئاجىزلاپ تارقىلىشچان زۇكامدىن نېرى بولالمايدۇ. شۇڭا ئەرلەر چوقۇم ئىمۇنىتېت كۈچىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ۋىتامىن Aنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش رولى بار ئىكەن. ئىرىمچىك، سەۋزە، قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنA مول.

    ▲ئالتىنچى ئۈگۈت: سۇ تولۇقلاش. مەسىلەن: ئاكتىپلىق بىلەن سۇ ئىچىشنى ياقتۇرماسلىق، دائىم مېۋە-چېۋە يېيىشنى داۋاملاشتۇرالماسلىق قاتارلىق ئادەتلەر سەۋەبىدىن ئەرلەرنىڭ تېرىسى دائىم ناھايىتى قۇرغاق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن  قورامىغا يەتكەنلەر ھەركۈنى كەم دىگەندە  2 لېتىر سۇ ئىچىشى كېرەك. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ئىلمىنىتلارغا ئىھتىياجلىق. لېكىن نۇرغۇن ئەرلەر  بۇ خىل پارچە-پۇرات تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۇرەككەپرەك، چىداش قىيىن دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئەقىللىق ئاياللار تۇرمۇشتا ئۇلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بولسا ئۇلارغا ياردەملىشىپ قولايلىق ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئېلىپ بېرىشمۇ ئارتۇقچە ئەمەس. ھەر كۈنى پەقەت بىر تال يەپ قويسىلا ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىدا زۆرۈر بولغان نۇرغۇن ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;