• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تۇرمۇشىمىزغا كىرەكلىك بولغان تەربىيەتلىك بايانلار
  • ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا ئالاقە ھەققىدە گەپ بولغاندا، بىر-بىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنىڭ بولماسلىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز. شۇنداق بولغانكەن، ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكىدەك تۆت كۆۋرۈكنى ياخشى سېلىشىمىز لازىم.

    بىرىنچى، كۆرۈشكەندىكى ئۈچ ئېغىز سۆز. بىز ئۆزىمىزنىڭ دوستانىلىغىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە دېيىلگەن»ياخشىمۇسىز، بۈگۈن تولىمۇ ياخشى، بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى ياكى بولمىسا كەلدىڭىزمۇ؟ جاپا چەكتىڭىز، مەرھەمەت«دېگەندەك ماختاش سۆزلىرى خۇددى خۇشپۇراق ئەتىرگە ئوخشاش ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە  مەپتۇن قىلالايدۇ.

    ئىككىنچى، ئۇچراشقاندا كۈلۈمسىرەڭ. مەيلى كونا ياكى يېڭى تونۇشقان بولۇڭ، ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئادەمگە خۇددى مەيىن شامالدەك ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ. قوشۇمىلىرى تۈرۈلگەن بىر ئادەم خۇددى رەڭگى ۋە پۇرىقى يوقالغان گۈلگە ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ۋە ئېتىبارىغا نائىل بولالمايدۇ.

    ئۈچىنچى، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ. ئەگەر سىزنىڭ غەزىپىڭىز ۋولقانغا ئوخشاش پارتلاپ كېتىدىغان ھېسسىياتتا بولغان چېغىڭىزدا، چوڭقۇر نەپەس ئېلىشىڭىزغا دەخلى قىلماي، لېۋىڭىزگە كەپ قالغان گەپنى ئاستىراق رەۋىشتە سۆزلەڭ. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. قالغان غەزىپىڭىزنى بېسىۋالسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا كەلگەن ئاچچىقىڭىزنىڭ قىرغىن قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالايسىز. بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ قالالايسىز.

    تۆتىنچى، بىئارامچىلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزگە دەڭ. بىئارام بولغان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى پاراكەندە قىلماڭ، باشقىلارغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەڭ. سەلىبىي كەيپىيات خۇددى بىر كاللەك چىگىش يىپقا ئوخشاش، ئۇنى كېسىپ-كېسىپ بولالمايسىز، ئوڭشاي دېسىڭىز تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بىز پەقەت ئالدى بىلەن، كۆڭلىڭىزدە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن ئاشۇ ئارامىغا چۈشكەن كۆڭۈلنىڭ كۈچى بىلەن بارلىق چىگىشلەرنى يېشىپ بىئارامچىلىقىڭىزنى تۈگىتەلەيسىز.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;