• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېينئانىمۇ ئوخشاشلار ئانا
  • ھېلىمۇ ئېسىمدە ئون نەچچە يىل بۇرۇن گېزىت ژورناللاردا «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاپ »دەيدىغان قىزىقارلىق ئاتالغۇلارغا ئىزاھات بېرىش مودا بولغانىدى. ئالايلۇق، بالا دېگەن نىمە؟ ياخشى تەربىيەلىسەڭ بالا، بولمىسا بالا. كۈيئوغۇلنى ئوغلۇم دېمەي دىسىڭىز كەينىدە ئوغۇل سۆزى بار، بىراق كۈيە چۈشۈپ كەتكەن پوپايكىنى ئاچچىققا پايلىماي تاشلىۋەتكىلى بولمىغىنىدەك كۈيە بولسىمۇ كىمەي ئامالىڭىز يوق، قېيىنئانا بىللە ئۆتۈش تەس بولغاچقىمىكىن قېيىنئانا دەپ ئاتالغان دېگەنگە ئوخشاش. بولۇپمۇ كېيىنكى قېيىنئانىغا بېرىلگەن تەبىر كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ غەلىتە ۋە چوڭقۇر ھالدا نازۇك قەلبىمنىڭ پىنھان قېتىغا ئورناپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سەبىي قەلبىمدە زادى قېيىنئانا دېگەن «چىن تۆمۈر باتۇر »چۆچەكلىرىدىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇزلاردەك يامان شەپقەتسىز، قورقۇنچلۇق ئايالمىدۇ؟ دەپ ئاللىقانداقتۇر قورقۇنچلار ئىچىدە قۇرۇق خىيال قىلىپ قالاتتىم.

    ئوت يۈرەك شائىرىمىز لوتپۇللا مۇتتەللىپ «يىللار سېخىي قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئېلىپ كېلىدۇ ئاياللارغا قورۇق ، ئەرلەرگە ساقال »دەپ بەكمۇ ئوبرازلىق ئوخشاتقانىكەن. دەرۋەقە، ۋاقىت تولىمۇ رھىمسىز ئىكەن. دەل ئەشۇ يىللار مېنى كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقۇچە خىيالچان گۆدەك، خىجىلچان قىزدىن تەمبەل ، قەيسەر پىشقان ئانىغا ئايلاندۇردى. ئەينى يىللاردىكى سەبىي ئېڭىمدىكى «قېيىنئانا » بىردىنلا خىيالىمدىن رىئاللىقمىغا كۆچكىنىدە، مەن بالىلىقىمدىكى ئاشۇ غايىۋانە ناتونۇش ، غۇۋا بىر ئوبرازنىڭ ئەمەلىيەتتە ئونداق چۈشىنىكسىز، ئادەمنى ساراسىمىگە سالىدىغان «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاپ»تا ئېيتىلغىنىدەك قورقۇنچلۇق ئوبراز ئەممەسلىكىنى ئاستا ـ ئاستا تونۇپ يەتتىم.


    دەرۋەقە، كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەسكەن، ھەر قېتىم ئېرىم بىلەن يېتىلىشىپ قېيىن ئانامنىڭ ئالدىغا بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىزگە مەسلىكى كېلىپ قاراپ كېتىشلىرىدىن ئۇزاپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتسەكمۇ كەينىمىزدىن بىر ھازاغىچە قاراپ قېلىشلىرىدىن تولىمۇ تەسىرلىنىمەن . مېنىڭ ھازىرقىدەك خاتىرجەم خىزمەت قىلالىشىم، ئائىلەمنى يۈرۈشتۈرەلىشىم بولپمۇ پەرزەنتلەرىمنى خاتىرجەم بېقىپ قاتارغا قوشالىشىم قاتارلىقلاردا جاپاكەش قېيىنئانامنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئۇ كەمسۆز، ياۋاش ئاقكۆڭلۈ ئىشچان ئاددىي ئائىلە ئايالى بولسمۇ، بىراق ئۇنىڭدا «مۇنەۋۋۋەر ئايال» «لاياقەتلىك ئانا»دا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئېسىل خىسلەت ۋە ياخشى خۇلق- مىجەز تولۇق مۇجەسسەملەشكەن. شۇڭا ھازىر ئىلگىرىكى بالا ۋاقتىملىرىمدا ئويلىغانلىرىمدىن بەكمۇ خىجىل بولىمەن ھەم ئەپسۇسلىنىمەن. مېنىڭچە رىئال تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ياخشى قېيىنئانىلار خېلىلا كۆپ، ئۇلار قانداقتۇر كېلىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز ئۆينى ئوبدان تۇتۇشنى، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىت قىلىدۇ. كېلىننىڭ خىزمتىنى قوللايدۇ. كېلىننىڭ تەبەسسۈمىنى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى ، بەختى ھسىاپلايدۇ.


    ئەتراپقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئايرىم بىر قىسىم ئاياللاردا ئېرىنى ياخىش كۆرۈپ ئۇنىڭ ئانىسىنى ياخشى كۆرمەسلىكتەك ناچار خاھىشلار مەۋجۇت. بۇ خۇددى سۈت ئچىشنى ياخشى كۆرۈپ كالىنى تىللىغاندەكلا بىر ئىش، كالا بولمىسا ئۇنىڭ سۈتى مەۋجۇت بولاتتىمۇ؟ بۇنداق كېلىنلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇ. ئەي كېلىنلەر، بىزدە »قول قولنى يۈيسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ »دەيدىغان ھىكمەت بار، سىلەر قېيىنئاناڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئىللىق مۇئامىلە بولۇشنىنى ئۈمىت قىلىسىلەر- يۇ، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا قانداق مۇئامىلەدە بولغانلىقىڭلارنى ئويلاپ كۆرمەيسىلەر . قېيىنئاناڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلاردىكىدەك چىقمىغانلىقىدىن ئەسۇسلانماڭلار، بەلكىم سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كېلىن ئەمەستۇرسىلەر، قېيىنئانىڭلارنى ماڭا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلمىدى دەپ ئاغرىنساڭلار، ئەمەلىيىتىڭلاردا ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئۆز ئاناڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماي پەرقلىق مۇئامىلە قىلساڭلار بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟ كونىلاردىن قالغان «ئىشىككە بېقىپ دەم ، سىزگە بېقىپ مەن» دېگەن گەپنىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭلار،ياخشى سۆز، ئىللىق مۇئامىلە، تاشنىمۇ ئېرىتىدۇ. نىكاھ ئائىلە مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ مۇۋەپپىقەتلىك بولۇش -بولماسلىقىنى نوقۇل قېيىنئانا تەرەپكە ياكى كېلىن تەرەپكىلا ئارتىپ قويۇشقىلا بولمايدۇ. چۈنكى چاۋاك ئىككى قولدىن چىققىنىدەك، ئۇمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا ئورتاق چۈشىنىشىگە خاتىرجەم گۈزەل كەلگۈسىنى بىللە يارىتىشقا باغلىق. بىر ئۆيدىكى قېيىنئانا بىلەن كېلىن قىسمەن ۋاقتلاردا، ئايرىم ئەھۋاللاردا ھىسسىيات جەھەتتە بىرىلككە كېلەلمىگەن، چوڭ ـ كچىك ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەرگىز ھاياتلىق سەپىرىدىىكى دۈشمەنلەردىن ئەمەس، ئۆزئارا بەس تالىشىدىغان رەقىبلەردىنمۇ ئەمەس، دائىم تاكاللىشىدىغان رەقىبلەردىنمۇ ئەمەس، دائىم تاكاللاشمىسا بولمايدىغان چۈجە - خورازلاردىن تېخىمۇ ئەمەس، ئۆزئارا يول قويۇشۇش، بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ ئىللىق تەبەسسۈم، ياخشى مۇئامىلە ، قوللاپ -قۇۋۋەتلەش چۈشىنىش ، مىھرىبانلىق ھەرقانداق پاسسىپ ھالەتنى ئوڭشىيالايدۇ. خۇلاسە، كالام، قېيىنئانىمۇ ئوخشاشلا ئانا.


    مۇنەۋۋەر ئۇبۇلھەسەن



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;