• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى تەرمىلەر
  • بىر پروفېسسور دەرس ئۆتكىلى سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار بەكلا ھەيران قاپتۇ، چۈنكى ئۇ سىنىپقا بىر ئىستاكان قەھۋە كۆتۈرۈپ كىرگەن ئىكەن. ئۇ ئىستاكاننى ئېگىز كۆتىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

    ــ ساۋاقداشلار سىلەرنىڭچە قولۇمدىكى بۇ ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك كىلەر؟

    ــ 50گىرام، 100گىرام، 125گىرام!

    ساۋاقداشلار قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ كىتىشىپتۇ. پروفېسسور كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ:

    ــ راستىنى دېسەم مەنمۇ بۇ قەھۋەنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ باقمىدىم.

    ئارقىدىنلا پروفېسسۇر ئاۋازىنى يۇقىرى قىلىپ يەنە مۇنداق دەپتۇ:

    ــ ناۋادا مەن بۇ بىر ئىستاكان قەھۋەنى مۇشۇنداق ھالەتتە بىر نەچچە مىنۇت ئېگىز كۆتىرىپ تۇرسام ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟

    ــ ھېچقانداق بىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقمايدۇ،

    ئارىدىن بىر ساۋاقداش شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

    ــ توغرا، ھېچقانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقمايدۇ، ناۋادا مەن مۇشۇنداق ھالەتتە بىر سائەت كۆتىرىپ تۇرسامچۇ؟

    ــ ئۇ ھالدا بىلكىڭىز تېلىپ ئاغرىيدۇ.

    ــ توغرا ئېيتتىڭ، ناۋادا مەن بۇ ئىستاكاننى مۇشۇنداق ھالەتتە بىر كۈن كۈتۈرۈپ تۇرسام قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟

    ــ ئۇنداقتا بىلىكىڭىز ئۇيۇشۇپ تاياقتەك قېتىپ قالىدۇ، موسكوللىرىڭىز تارتىشىپ ھېچنىمىنى سەزمەيدۇ، ئاخىردا سىز بۇ بىلىكىڭىزنى دوختۇرخانىدا داۋالاتمىسىڭىز بولمايدۇ.

    ئۇنىڭ گېپى بىلەن تەڭلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كىتىپتۇ.

    ــ ئىنتايىن توغرا ئېيتتىڭ، ئېيتىڭلارچۇ، مەن بۇ ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ تۇرغان مەزگىلدە ئىستاكاندا بىرەر ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ؟

    ــ ياق.

    ــ ئۇنداقتا زادى قانداق بىر نەرسە قولنى تالدۇرۇپ ئاغرىتىدۇ، موسكۇللارنى جىددىيلەشتۈرىدۇ؟

    پروفېسسور ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە سوراپتۇ. بۇچاغدا ئوقۇغۇچىلار پروفېسسورنىڭ بۇ سۇئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي گاڭگىرىشىپتۇ.

    ئارقىدىن پروفېسسور يەنە مۇنداق دەپتۇ:

    ــ قانداق قىلسام بىلىكىم سىرقىراپ ئاغرىمايدۇ؟

    ــ ئىستاكاننى قويۇپ قويسىڭىز، بىلىكىڭىز ئاغىرمايدۇ.

    ــ دەرھەقىقەت شۇنداق! بىز رېئال تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك تۈرلۈك مەسىلىگە دۈچ كىلىمىز، ناۋادا بىز ئازغىنا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كاللا قاتۇرساق، ئۇنىڭدا بىرەر چوڭ چاتاق يوق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ناۋادا بىز كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كاللا قاتۇرساق، بۇ مەسىلە كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىپ، بېشىمىزنى ئاغرىتىدۇ. ناۋادا سىز كۈنبويى ئۇ مەسىلىنى كاللىڭىزغا كىرگۈزىۋالسىڭىز، بۇ مەسىلە سىزنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، رۇھى، جىسمانى جەھەتتىن سىزنى ھالسىرىتىۋىتىدۇ. شۇڭا بىز رېئال تۇرمۇشتا مەيلى قانداقلىكى بىر مەسىلىگە ياكى قانداقلىكى بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرمايلى، بىز بۇ مەسىللەر ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەرگىزمۇ كاللىمىزغا كىرگۈزىۋالماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىش بەكلا مۇھىم، ئەمما مۇنداق مەسىللەرنى تاشلىۋىتىشنى بىلىشمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.

    پروفېسسورنىڭ بۇ گېپىگە سىنىپتىكى بارىلىق ئوقۇغۇچىلار قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپتۇ.

    ***************

    بىر يىگىت بولۇپ، قىز دوستىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. قىزنى خۇددى گۆھەرنى قوغدىغاندەك قوغدايتتى. يامغۇر ياققاندا يىگىت كۈنلۈكنى قىز تەرەپكە تۇتاتتى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن بەدىنىگە قاراپ تاتلىق كۈلەتتى. قىز يىگىتنىڭ قىلغانلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلىنەتتى، شۇنداقلا يىگىتنىڭ ئۆزىنى شۇنداق قوغدىشىنى ياخشى كۆرەتتى. بىر كۈنى ئۇلار بىللە ئايلىنىپ قايتىپ كىلىۋاتقاندا بىر قۇرلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ قالدى. تۇيۇقسىز ئۇستى تەرەپتىن بىر تاش چۇشتى. يىگىت قىزنى دەرھال قۇچاقلىۋالدى. ئەمما يەنە تۇيۇقسىز بەدىنىنى بۇرىۋالدى. قىز ئوغۇلنىڭ ئۇستىگىلا يىقىلىپ چۇشتى، تاش بولسا ئۇنىڭ قىزنىڭ نەق پىشانىسىگە چۇشۇپ، قان ئاققىلى تۇردى. قىز يىغلاپ يۇگۇرگىنچە ئۆيگە قايتتى. ئۇ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى...........يىگىت ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىتىم تىلفۇن قىلدى، قىز تىلفۇننى ئالماي تاقىۋەتتى، ھەمدە ئۆيگە بىكىنىۋىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. تاكى ئانىسى ئىشكىنى قاققىچە يىغلىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا يىگىتنىڭ ئۆپكىسىنى پولات زىقچە تىشىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قان كۆپ چىقىپ كىتىپ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىنى ئىيىتتى. قىز بۇنى ئاڭلاپ ساراڭلاردەڭ يۇگۈرگىنىچە دوختۇرخانىغا باردى. يىگىت ئاپپاق كارىۋات ئۇستىدە تىلفۇنىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ياتاتتى. تىلفۇندا بىر ئۇچۇر يىزىقلىق ئىدى: «قەدىرلىكىم، مەن يەردىكى پولات زىقچىنى كۆرگەن ۋاقىتتا سەن ئۈچۈن تاشنى تۇسۇپ قىلىشقا ئامالسىز قالدىم. قەدرىلىكىم، ئاغىرۋاتامدۇ؟» قىز يىگىتنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلاپ، ئىچىنىشلىق يىغلاشقا باشلىدى.

    ****************

    بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ، ئەر جان - دىلى بىلەن ھېلىقى قولنى تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەرگۈسى كەلمەي يانچۇقىدىن ئىسىم كارتۇچكىسىنى چىقىرىپ، ئىككىلەنمەيلا ھېلىقى قولغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئاپتوبۇستىن چۈشكەن چاغدا تۇيۇقسىز بىر يۈك ئاپتومۇبىلى ئەر تەرەپكە ئۇچقاندەك كەپتۇ، ئارقىسىدىكى ئايال دەرھال ئەرنى ئىتتىرىۋىتىپتۇ، نەتىجىدە ئايال يۈك ئاپتومۇبىلىغا سوقۇلۇپ جان ئۈزۈپتۇ. ئەر ئېسىنى يىغىپ، ئايالىنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى قۇچاقلاپتۇ، دەل شۇ چاغدا، ئۇ ئايالىنىڭ نېمىنىدۇر چىڭ سىقىمدىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ بايىقى يۇمران، سىلىق قولنىڭ دەل ئايالىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، چۈنكى ئايالىنىڭ سىقىمدىۋالغىنى ئېرىنىڭ ئىسىم كارتىسى ئىكەن.

    ئائىلىنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، مۇھەببەت، ئىشەنچ دېگەنلەر ئۇنىڭ يىلتىزىدۇ، بۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتقۇچى مەنىۋى بايلىق. يېنىڭىزدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت، سىز ئۈچۈن بېرىلگەن قۇربانلىقلارنى ھېس قىلالىسىڭىز ھەم شۇنى قەدىرلىيەلىسىڭىز، ئاندىن ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ، مېھرىبان، جاپاكەش جۈپتىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسىز.

    ***************

    بىر دېھقان قويى بىلەن كالىسىنى سېتىش ئۈچۈن، كالىسىنى يېتىلەپ، ئارقىسىغا قويىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە مېڭىپتۇ، قوينىڭ بوينىغا بىر تال قوڭغۇراق ئېسىقلىق بولۇپ، جىرىڭلاپ تۇرىدىكەن. شۇ ئارىدا دېھقاننىڭ قوي-كالىلىرىغا ئۈچ شېرىك ئوغرىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ-دە، ئارىدىن بىرى شېرىكلىرىگە: «مەن ئاشۇ دېھقانغا تۇيدۇرماي، ئۇنىڭ قويىنى ئوغرىلاپ كېلەي» دەپتۇ؛ يەنە بىرى: «ئۇنداقتا، مەن ئۇنىڭ كالىسىنى ئوغرىلاي» دەپتۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى بىرىمۇ بوش كەلمەي: «بۇ قانچىلىك ئىشتى، مەن بۇ دېقاننىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ سالدۇرۇۋالالايمەن» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بىرىنچى ئوغرى دېھقانغا تۇيدۇرماستىن قويغا يېقىنلىشىپ، بوينىدىكى قوڭغۇراقنى يېشىپ، كالىنىڭ قۇيرۇقىغا چىگىپ قويۇپتۇ-دە، قوينى يېتىلەپ كېتىپ قاپتۇ. دېھقان يولنىڭ دوقمۇشىغا ئەگىلىدىغان چاغدا قويىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئىككىنچى ئوغرى دېھقاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. دېھقان كالىنىڭ كەينىدىكى قويىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئوغرى ئۇنىڭغا: «مەن بىرەيلەننىڭ قوي يېتىلەپ ئاۋۇ ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ھازىر قوغلىسىلا يېتىشىۋالالايلا» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دېھقان ئۇنىڭدىن كالىسىغا قاراپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ، قويىنى ئىزدەپ ئورمانلىققا كېتىپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھېلىقى ئوغرى ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنىڭ كالىسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ.

    دېھقان ئورمانلىققا كىرىپ، يا قويىنى، يا ئوغرىنى تاپالماي، يۇم-يۇم يىغلىغىنىچە كەينىگە يېنىپتۇ. بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ بىرەيلەننىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ھېلىقى ئادەم: «بىرەيلەن ماڭا بىر خالتا ئالتۇننى شەھەردىكى دوستىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغانىدى، يولدا بەك چارچاپ كېتىپ، مۇشۇ كۆل بويىغا كەلگەندە يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ قارىسام، ئالتۇن سېلىنغان خالتا كۆلچەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ دەردىدە يىغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. «ئەمىسە، نېمىشقا كۆلچەككە چۈشۈپ خالتىنى سۈزۈپ چىقمايسىز؟» دەپ سوراپتۇ دېھقان ھەيران بولۇپ. «سۇدىن قورقىمەن ھەم سۇ ئۈزەلمەيمەن، ئالتۇنلىرىمنى تېپىپ بەرگەن ئادەمگە 20 تىللا بېرىشكە رازى ئىدىم» دەپتۇ. بۇنىڭدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن دېھقان كۆڭلىدە: «قوي بىلەن كالامنى ئوغرى ئېلىپ كەتتى، قارىغاندا، پەرۋەردىگار ماڭا زىيىنىمنى تولدۇرۇۋېلىشنى بۇيرۇغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىپ كۆلچەككە چۈشۈپتۇ، ئەمما ھەر قانچە ئىزدەپمۇ ھېلىقى «بىر خالتا ئالتۇن» نى تاپالماي، كۆلچەكتىن قايتىپ چىقىپتۇ. قارىسا، قىرغاقتىكى كىيىم- كېچەكلىرى يوق تۇرغۇدەك. ئۇ، شۇندىلا بىچارە قىياپەتگە كىرىۋالغان ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى بايقاپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي زار-زار يىغلاشقا باشلاپتۇ...

    مانا بۇ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ قىلتاق: بىخەستىلىك، خەقنىڭ گېپىگە ئوڭاي ئىشىنىپ كېتىش ۋە ئاچكۆزلۈك.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;