• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئائىلە تەربىيىسىدىكى قىممەتلىك «بىرمىنۇت»لار
  • 1.بىرمىنۇتلۇق تېگىشىش.

    ئاتا-ئانىنىڭ قولى پەرزەنتلەرنى يېتەكلەيدۇ، يېتەكلەش كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، پەرزەنتلەر شۇنچە ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بالىڭىزنىڭ بېشىنى مېھرىڭىز بىلەن ئاستاغىنە سىلاپ قويۇڭ.ئۇنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى چىڭ تۇتۇڭ، بۇ خىل تېگىشىش ئارقىلىق بالىڭىزغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، مۇھەببەت ۋە كۈچ بېغىشلاڭ.لېكىن بۇنداق تېگىشىشتە كەيپىياتقا،سورۇنغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

    2. بىرمىنۇت دىققەت قىلىپ ئاڭلاش.

    دائىملا بالىڭىز ئاڭلىغۇچى بولىۋەرمىسۇن، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىڭ، بالىڭىزنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرىپ بېقىڭ،يۈرەكلىرىڭلارتېگىشسۇن.ئۈنۈملۈك تىل ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بېرىڭ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەلەيسىز،ئۆزىڭىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھىسىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز.بالىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم زېھنىڭىز مەركەزلەشكەن،روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ، پوزىتسىيىڭىز مۇلايىم بولۇشى كېرەك.

    3.بىرمىنۇت ئويۇن ئويناش.

    بىر دۆت بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.بىر ئەقىللىق بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، بىر ياراملىق بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا پاراسەت يېتىلدۇرىدۇ.ئويۇن ئويناش بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن چوقۇم مەزمۇنى ساغلام ،ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە، قىزىقارلىق، بالىلارنى مۇكەممەللىككە، ئىلگىرىلەشكە،شادىمان تۇرمۇشقا ئىنتلدۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشى كېرەك.

    4.بىرمىنۇتلۇق تۈزىتىش.

    مەجنۇنتالغا جىلۋە ئاتا قىلغان دەل شامال، تىپتىنچ سۇغا ھەيۋەت ئاتا قىلغان دەل دولقۇن، بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىز چوقۇم قانداق قىلىپ بۇ خىل قىلمىشنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك.خاتا قىلمىش داۋاملىشىۋەرسە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ،بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ، بولمىسا يىغىلىپ ئەسلگە كەلتۈرۈش تەس بولىدۇ.لېكىن بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بايقىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خىل خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ سۇبيېكتىپ سەۋەب ياكى غەيرىي سۇبيېكتىپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋىلىڭ.بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەندە، سورۇنغا دىققەت قىلىڭ، گەپ-سۆزلىرىڭىز سىلىق، پوزىتسىيىڭىز مۇلايىم بولۇشى، ئالدىراقسانلىق قىلماي، قەدەممۇقەدەم ھەل قىلىشىڭىز كېرەك.ھەرگىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىماڭ.

    5.بىرمىنۇتلۇق ئىلھاملاندۇرۇش.

    ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ، ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۈمىدۋارلىققا ئىگە قىلىدۇ.ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرىدۇ.بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم تۇزىتىڭ، لېكىن تۈزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىڭىزغا ئىشەنچ بىلەن قارىشىڭىز، كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇشىڭىز، ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قايتما ئىنكاسىنى قوزغىشىڭىز، مۇھەببەت بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۇرىشىڭىز كېرەك.

    6.بىرمىنۇت تەرىپلەش.

    قۇياش نۇرىدا گۈل-گىياھلاربەرق ئۇرۇپ ئۆسىدۇ، يامغۇردىن كىيىن بامبۇك نوتىلىرى ياشىرىپ كېتىدۇ.زېمىن تاغنى تىرەپ تۇرغاچقىلا، ئۇ بەھەيۋەت قەدكۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.بالىڭىزنىڭ ھامان بىر ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق بەلكىم ئۇنى قالتىس ئادەم قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن.ئاتا-ئانا بولغان سىز، بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى مۇنەۋۋەرلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولىشىڭىز ۋە مۇۋاپىقپەيتتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇنى تەرىپلىشىڭىز كېرەك.

    7.بىرمىنۇت قاتنىشىش.

    قاتنىشىش كىشىگە ،باراۋەرلىكنى، كىشىلىك ئىززىتىنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛قاتنىشىش كىشىگە دوستلۇقنى، ئىتتىپاقلىقنى، ئىناق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ قاتنىشىش ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى توپلايدۇ؛.بىر ئائىلىدە،ئاتا-ئانا بالىنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىغاھۆرمەت قىلسا، ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا (مەسىلەن ،ئۆي سېتىۋېلىش،ماشىناسېتىۋېلىش،ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش )بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشى، شۇ ئارقىلىق بالىنى ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئادەتلەندۇرۇپ،ئىمكانقەدەر كوللېكتىۋىزملىق روھىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك،بۇ ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.لېكىن بۇ ھەممىلا ئىشتا بالىنىڭ دېگىنىنى قىلىش دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى قاتناشتۇرۇش مۇۋاپىق دەرىجىدە ھۆرمەت ۋە يېتەكلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بۇنداق قاتناشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى بالىدا مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇشى، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى شەرتسىز ئورۇنداش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

    8.بىرمىنۇت تەنبىھ بېرىش.

    بالىڭىز ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە،مەسىلەن، مەكتەپتە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغاندا، جەمئىيەتتە مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشنى سادىر قىلغاندا، چوقۇم تەنبىھ بېرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بالىڭىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭا ئاتا-ئانىلاربۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىشى، زۆرۈر بولسا بايرىقى روشەن ھالدا كەسكىن تەنقىدلىشى،سەۋەنلىكنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، خاتالىقىنى تۈزۈتۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. لېكىن ھەرگىزمۇ قول كۆتۈرۈپ بالىنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ، بالىدا زىتلىشىش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.تەنقىدلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى تاللىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا، ياكى بالىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ۋاقىتتا تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك.

    9.بىرمىنۇت مۇھەببەت ئاتا قىلىش.

    بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇخاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنى تەنقىدلەيدىغانلىقىڭىزنى، ھەم ئاتا -ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا،سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ تېخىمۇ يېرىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇ ياش تۆكسە، سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.بالىڭىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.

    10.بىرمىنۇت ئۈمىدكۈتۈش.

    بالا ئاتا-ئانىنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى.بالا ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ.بالىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭىزنى بىلىشى كېرەك.مەسىلەن: مۇۋاپىق بىر پەيىتنى تاللاپ بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىڭىز ئۇچرىغان پىشكەلچىلىكلەرگە ئۇچراپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛ بالىڭىز بىلەن بىرگە كەلگۈسى تەرەققىياتىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، گۈزەل كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى توغرىسىدا مۇڭدىشىش. ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن بالىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى،باتۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىڭ.لېكىن ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تەرەققىياتقا ماس بولۇشى كېرەك.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;