• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
  • ئاتا-ئانىنى ئەزىزلەش، چوڭ كۆرۈش، ھۆرمەتلەش ئەخلاق-پەزىلىتىمىزدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلىگەن، ئەزىزلىگەن ئادەم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقە-مىنۇتلىرىغىچە ھۆرمەت-ئىززەتتە ياشايدۇ. ئەرەب يازغۇچىسى ئابدۇقادىر نۇرى ئەلى بەزەنجىي «ئاتا-ئانا پەرزەنت بىر ئۆمۈر قەرز بولۇپ ئۆتىدىغان زاتلاردۇر» دېگەن. ئاتا-ئانا مېھرى چەكسىزدۇر. بۇ مېھىرنى پەقەت مېھىر بىلەنلا قايتۇرۇش مۇمكىنكى، بۇ مۇبارەك بۇزرۈكۋارلارغا نارازىلىق   كۆزلەر بىلەن كىرپىك كۆتۈرۈپ قاراشمۇ پەرزەنت ئۈچۈن ئېغىر جازادۇر. بۇنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇدۇم-نەسىھەتلىرىدىن كۆرگەنمىز، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرىۋاتىمىز.

    رېئال تۇرمۇشتا، ھەر خىل پەرزەنتلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋاپادار، كۆيۈمچان، بەزىلىرى بولسا ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل. ئاتا-ئانا ياش، بەقۇۋۋەت ۋاقتىدا پەرزەنتنى يۆلەيدۇ، مېھىر-مۇھەببىتىنى، جاپادا تاپقىنىنى بېرىدۇ. قېرىغىنىدا بولسا، پەرزەنتىنىڭ مۇھەببىتىگە مۇھتاج بولىدۇ.

    بىر نەچچە يىل بۇرۇن ياشانغان ئانىلارنىڭ بىر سۆھبىتىگە داخىل بولۇپ قالدىم . ئېرىدىن ياشلا تۇل قالغاندىن كېيىن بالىلىرىنى چېچىنى سۈپۈرگە، بېلىكىنى كۆسەي قىلىپ بېقىپ قاتارغا قوشقان بىر ئايال ياشانغاندا يالغۇز قاپتۇ. ئوغلى ۋە كېلىنى پۇزۇر كىيىنىپ يۈرىدىغان بۇ ئايال 70 يېشىدا يالغۇز ئۆيدە تۈگەپ قاپتۇ.

    ـــ شۇ بىچارە ئايال دائىم گۆشسىز تاماق يەيتتى، ــ دەپ گەپ باشلىدى بىر ئايال، ــ چۈشلىكى تاماقنى بۇرۇنلا يەپ يىغىشتۇرىۋېتەتتى. چۈنكى، ئۇ قولۇم-قوشنىلارنىڭ گۆشسىز تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن خىجىل بولاتتى. ئوغلۇم مېنى يوقلاپ كەلسە، ماڭا مەستلىكى كېلىپ، ئوغلۇمغا دۇئا قىلىپ كېتەتتى، ئوغلىنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد  قىلاتتى. ئوغلۇم ماڭا بىر نەرسە ئەكەلسە ئۇ ئايالغىمۇ بېرەتتى. بۇنداق چاغلاردا تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ كېتەتتى. بىچارە ئايال بالىغا زار بولۇپ تۈگەپ كەتتى، كۆزى ئوچۇق كەتتى، بالىلىرى ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ.

    ـــ توۋا قىلدىم، بالا دېگەننىڭ ئىنسابى بولمىسا بىكار، ئاتا-ئانىنى قەدىرلىمىسە بالا ئەمەس، بالا-قازاغۇ، لەنەت ئۇنىڭغا...

    يەنە شۇنداقمۇ بالىلار باركى، ئاتا-ئانىسى ساق چېغىدا ئۇلارنىڭكىنى يەيدۇ، ئىچىدۇ. ئورنىدا يېتىپ قالغاندا يېقىن يولىمايدۇ، بىتاب بولۇپ قالغاندا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، پەپىلەپ كۈتمەيدۇ. بىر كۆيۈمچان ئاتىنىڭ مېڭە سەكتىسى بولۇپ قالغىنىنى بىلەتتىم. بۇ بىچارە ئادەم كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا چوڭ-كىچىك تەرىتى جايىدىلا بولۇپ قالدى. نەچچە ئوغلى بار بۇ ئاتا ئەسلى ئوغۇللىرىغا مۇھتاج ئىدى. ئەمما، بۇ ئاتىنىڭ قېشىغا ۋاپاسىز ئوغۇللار يېقىن كەلمىدى، بىر قىزى دادىسىنىڭ تازىلىقىنى ئوبدان قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

    ئەي پەرزەنتلەر، ئاتا-ئانىمىز ھاياتىمىزنىڭ قوياشى، ئۇلار ئۆمرىمىزنىڭ نۇرلۇق چېرىغى. ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلايلى، ئاتا-ئانىمىزغا قەلبىمىزدىن ھەقىقىي ئورۇن بېرىپ، ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇزايلى.

    مېھرىئاي مۇسا


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;