• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇن
  • نۆۋەتتە، بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتلەردە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، بالىلاردا ئېغىر روھىي كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا، بالىلارغا زىيانلىق بۇنداق ئائىلە مۇھىتى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ:

    1. خوشاللىق ئىزدىمەيدىغان، قاتتىق باشقۇرۇش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىدە خوشاللىق كەيپىياتى ئاز، بالىلارغا بولغان چەكلىمىلەر كۆپ. بۇنداق ئائىلىلەردە تەربىيەلەنگەن بالىلاردا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل بولىدۇ.

    2. دائىم تەنقىدلەش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىدە دائىم ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىنى تەنقىدلەيدۇ ۋە ئورۇنسىز بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق ئائىلە بالىلارنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

    3. بىزارلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئۇرۇش-تالاش قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇشى پەقەت «بالىغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن» لا. بالىنىڭ جىمغۇر، چۈشكۈن، نورمالسىز يېتىلىپ قېلىشىغا مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتى سەۋەب بولىدۇ.

    4. شەخسىيەتچىلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىلدىكى ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇبۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ بالىلاردا ھېسداشلىق، ۋاپادارلىق كەمچىل بولىدۇ.

    5. دائىم خاپىغانلىق، چېچىلغاقلىق ھۆكۈم سۈرۈش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىلەردە ئائىلە ئەزالىرى دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ، ئالغا ئىنتىلمەيدۇ، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    6. زىيادە ئەنسىزلىك ئەندىزلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ ىىل ئائىلىدە چوڭلار بالىلاردىن ئەنسىرەپ، ھەممىگە چات كېرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا مۇستەقىللىق ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى يوقىلىپ، ھەمىشە روھىي بېسىم ئىچىدە ۋە چۈشكۈن ھالەتتە يۈرىدۇ.

    بالىلاردا ساغلام پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك بىر نەچچە خىل ئائىلە مۇھىتى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەكرەمجان مەترۇسۇل بىلەن بۇنىيازگۈل سەمەت


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;