• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇلىيىتى
  • ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، شۇڭا بالا تەربىيەلەشتە ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسئۇليىتى ئەڭ مۇھىم. مۇشۇ «مۇھىم» لىق بالا تەربىيەلەشتە ئاتا -ئانىلارنىڭ تۇنجى جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.

      ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ پەرزەنتلىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغان ئاتا - ئانىلار بىلىپ - بىلمەيلا مائارىپ قانۇنىيتىنى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنىڭ قارشى تەرىپىدە قويۇۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانىلار تەرسا، جاھىل كۈچكە ئايلىنىدۇ - دە، بالا تەربىيەلەشتە مەغلۇب بولىدۇ. ئەمەلىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىلار ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، مائارىپچىلارمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەيمەن دەيدىكەن، ئالدىدا ئۆزىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى تەڭشىشى، شۇ ئاساستا بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاتا - ئانىلارنىڭ نورمال پىسخىك ھالىتى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاتا - ئانىلارنىڭ سەۋىيەسى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەرزەنتىدىن كۈتىدىغىنى مۇۋاپىق بولغان ئاتا - ئانىلار تەربىيەلىگەن بالىلار پەرزەنتىدىن كۈتىدىغىنى يۇقىرى بولغان ئاتا - ئانىلار تەربىيەلىگەن بالىلارغا قارىغاندا كۆپ قابىلىيەتلىك بولۇپ يېتىشكەن. ئەگەر بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىسا، ئاتا - ئانىلار مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ بالىسغا دەرس تولۇقلاپ بېرىشنى ئويلايدۇ. ئۇنداقتا، ئاتا - ئانىلار ئۆزى نېمە قىلىدۇ؟ ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ قارىماققا ھەقلىقتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئاتا - ئانىلار شۇنى دەستەك قىلىۋېلىپ ئۆزى بىلىپ - بىلمەيلا بالىلىرىغا تەربىيە بېرىش مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھازىر كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار ئالىي مەلۇماتلىق، شۇڭا ئۆزى تەربىيە بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

      قىسقىسى، ھەرقانداق ئاتا - ئانا ئۈچۈن بالىنى قانداق تەربىيەلەشنى بىلىش بەكمۇ مۇھىم، شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت توغرىسىدا ئويلىنىپ تۇرۇشى، ئاددىي تەربىيە ساۋاتلىرىغا توشۇق بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا كېيىن «ئاپلا» دەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;