• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تۇرمۇشنى يۈك قىلىۋالماڭ
  • ھەر كۈنى ئۆزـئۆزىمىزگە، ئادەم بۇلۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس دەپ تۇرىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. بۇ سۆز مەلۇم جەھەتتە تۇرمۇشتىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى چۇڭايتىۋەتمەڭ، كىچىك ئىشلارغا بەك كاللا ئۇپراتماڭ، دىگەن مۇددىئانى مەركەزلىك ئىپادىلەيدۇ. بىز تۇرمۇشنى يۈك قىلىۋالماي، ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرىشىمىز كېرەك.

    ئەتراپىمىزدا ئۆز كەسپىدە مۇۋاپپەقىيەت قازانغان، لېكىن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ھەمىشە ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار دائىم ئۆزلىرى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان ئايرىم ئەھۋاللارغا قاراپ، تۇرمۇشتىكى ئىناقسىزلىقلارغا بىۋاستە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى تۇرمۇشنى يارىتىشقا ئامالسىز، غايىسىدىكى ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، تۇرمۇشىنى ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش ئۆتكۈزىدۇ، تۇرمۇشنى ھەر ۋاقىت ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال بىلەن تولۇپ تاشقاندەك ھېس قىلىدۇ.

    ھەتتا ئائىلە ئاياللىرىمۇ كىشىلىك ھاياتتىن گاڭگىراش ھېس قىلىپ:«بۇ ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ياشىمىغۇچە، ئۇنى مەڭگۈ پاكىز تۇتالمايدىغان ئوخشايمەن»دەپ ئاغرىنىدۇ. دىمەك، ئۇلارمۇ ئۆي ئىشلىرى بىلەن ھەددىدىن زىيادە جىددىيلەشمەكتە، ئەتىگەندىن ـكەچكىچە ئالدىراش ئۈتۈپ، بەللىرى مۈكچىيىپ، پۇتلىرى ئاغرىپ كەتسىمۇ يەنىلا ئىشلىرىنى تۈگىتەلمەيدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، ئىشنىڭ ھەممىنى ئازراق ۋاقىتقىلا يىغىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەتىسى قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. دىمەك، بىز تۇرمۇشقا بىر خىل مۇكەممەل غايىچىلىك بىلەن يىتەكچىلىك قىلىپ ئادەتلىنىپ قالدۇق. مەيلى باشقىلارغا، ئۆزىمىزگە ياكى نەرسىلەرگە بولسۇن، ئۆزىمىز چارچاپ ماجالىمىز قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق تەلەپ قويىمىزكى، ئۆزىمىزگە بىردەم بولسىمۇ ئارام بېرىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بىزنىڭ جىددىيلىكىمىز ئۆزىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق جىددىيلىككە كىرىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز ئەركىن ـ ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. تەمكىن بولۇش، تۇرمۇشنى خۇشال ـخۇرام ئۆتكۈزىدىغان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز كۆپىنچە ئەھۋالدا جىددىي كەيپىياتنى ئۆزىمىزنىڭ پەيدا قىلىدىغانلىقىمىزنى، تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدىلا بۇنچىۋالا قالايمىقان بولۇپ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.

    كۈننى بىمالال، ئارامخۇدا ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، تۇرمۇشنىڭ ئاۋالقىدەكلا ئۆتۈۋېرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ـ ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىپ، ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس دىگەن گەپنى ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;