• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېيىنئانىلارغا ئىككى كەلىمە
  • قېيىنئانا دېگەن بۇ نام بىر ئوغۇلنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلىپ، تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇپ، ئاجايىپ گۈزەل-ئارزۇ ئارمانلار بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ، مۇستەقىل ياشاش يولىغا باشلىغان جاپاكەش، مېھرىبان ئانىلارغا بېرىلىدىغان نام. تارىختىن بۇيان، بۇ جاپاكەش قېيىنئانىلارنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەجىر مېھنىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە بۇلارغا تەربىيە بېرىش، تەنقىدلەش، تەكلىپ بېرىش دېگەنلەرنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا خىجىل بولىمىز ئەلۋەتتە. بىراق، قىسمەن قېيىنئانىلارنىڭ كېلىنلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىن بۇلارغا ئىككى كەلىمە سۆز قىلىشقا مەجبۇرمەن.

     يېقىندا بىر دوستۇم مېنى ئالاھىدە يوقلاپ كەپتۇ. ئۇ، ئەسلىد مەلۇم بىر ساچىخانىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، مۇئامىلىسى قاتتىىىىى، مىجەزى چۇس كىشى ئىدى. بىراق، بۈگۈن ئۇ باشقچىلا سۇلغۇن كۆرۈنەتتى.

    ـــ كەيپىياتلىرى تازا ياخشى ئەمەس تۇرىدۇ، مىجەزلىرى يوقمۇ ياكى ئۆيدىن دەشنام يەپ دەرت تۆككىلى كەللىمۇ؟ ،ــ دەپ ئەھۋال سورىدىم چاقچاق ئارىلاش.

    ـــ بولدى، تولا چاقچاق قىلماڭلار. ــ دەپ سەل تېرىكتى ئۇ رەنجىگەن قىياپەتتە.

    ـــ بولىدۇ ئەمسە، نەق گەپكە كىلەيلى، ــ دېدىممەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئۇقماقچى بولۇپ.

    ـــ بۇ ئەسلى ئانامغا نەسىھەت قىلىدىغان ئىش ئىدى، ــ دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ــ سىلى ماڭا قارىغاندا كۆپنى كۆرگەن، جەمئىيەتنى، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ئادەم. شۇڭا كۆڭلۈم تارتىپ ئىزدەپ كېلىشىم. مەن ئانام بىلەن خوتۇنۇم ئارىسىدا تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدىم، ئۆيۈم بۇزۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى...

    ئۇ دوستۇمدىن ئۇقۇشۇمچە، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن توي قىلغىنىغا 15 يىل بوپتۇ، بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇلار توي قىلغان دەسلەپكى يىللاردا بەكمۇ ئىجىل-ئىناق ئۆتكەن ئىكەن. ئەمما يەتت-سەككىز يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئانىسى خوتۇنىغا ئۆزىچىلا ئۆچ بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا دوستۇمنىڭ كۈنلىرى ئانىسىغا يالۋۇرۇش، خوتۇنىغا چۈشەندۈرۈش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى ياۋاش، سەمىمىي، مۇلايىم ئىكەن. بىراق ھازىر ئۆيدە ئانىسىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىنىڭ گېپى گەپ بولۇپ چىقىدىكەن، كۈلسە ھېجايغان، يىغلىسا سەتلەشكەن، ئولتۇسا ئولتۇرۋالغان، ھەتتا ئانىسىغا بىرەر نەرسە سوۋغا قىلغان قوبۇل قىلمايدىغان بولۇپ، كېلىننى كۆرسىلا ئانىسىنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ قالىدىكەن. قىسقىسى، دوستۇمنىڭ ئانىسى كېلىنگە ئۆچ بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولغاندا دوستۇم خوتۇنى بىلەن ئاجىرشىپ كەتسە بولىدىكەن، شۇنداق قىلسا، دوستۇم ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلغان بولىدىكەن.

     - سىلە قانداق قىلاي دەۋاتىسىلەر،- دەپ سورىدىم دوستۇمدىن.

     - ئانامنى رازى قىلاي دېسەم، ئۆينى بۇزۇپ. بالىلارنى يېتىم قىلسام بولىدۇ، ئۆينى تۇتىۋېرەي دېسەم، ئانامنى نارازى قىلىپ قويغىدەكمەن، بىر تۇزكور يارىماي ئوغۇل بولۇپ قالغۇدەكمەن، شۇ تاپتا بىشىمنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قاتتى،- دېدى ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.

     بۇلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ دەماللىققا بىر نەرسە دېيەلمىدىم. چۈنكى، مەن ھازىرغىچە، بالىلارغا، كېلىنلەرگە تەنقىدىي تەربىيە نېرىپ باققان بولساممۇ، قېيىنئانىلارغا راستىنلا تەربىيە ئىشلەپ باقماپتىكەنمەن، ئەمما جەمئىيەتكە نەزىر سالساق، قىسمەن قېيىنئانىلارنىڭ كىلىنلەرنى دېدەك ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى زىيادە قىسىدىغان، شۇ سىقىنچىلىقتا كېلىنلەرنىڭ كۈنى خاپىلىق، دىشۋارچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان ئەھۋال ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. شۇلارغا دەيدىغىنىم: ئۇنداق قىلماڭلار، بۇلار سىلەرنىڭ كېلىنلىرىڭلار، ئامراق ئوغلۇڭلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، ئوماق نەۋرەڭلارنىڭ ئانىسى! شۇنىسى سەمىڭلارغا بولسۇنكى، كۆڭۈلسىزلىك، خاپىلىق ئىچىدە قورساق كۆتۈرگەن كېلىنلەرنىڭ تۇغقان بالىسى مەجرۇھ بولۇپ قالمىسۇن، سەۋەپسىز كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراۋاتقان ئەشۇ كېلىنلەر ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئەتىۋا، شەمسىز، ئەركىن قىزلار ئىدى. ئەگەر سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلار باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچىرىسا سىلەر چىدىيالامسىلەر ؟ ئوغۇللىرىڭلار سىلەرنى دەپ خوتۇنى بىلەن تالاي قېتىم ئۇرۇشقاندۇ، تالاي قېتىم يال ئۇرغاندۇ، تالاي قېتىم قىسىلغاندۇ. چۈنكى باشقىلارنىڭ قىزىغا ئانا بولماق شۇنداق تەس. سىلەر بۇ نۇقتىنى چۈشەنسەڭلار ئۇنى كەچۈرۈڭلار، تەربىيلەڭلار. كېلىنلىرىڭلارغا ئۆز قىزىڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلساڭلار جان-جىگەر ئوغلۇڭلار خاتىرجەم بولىدۇ. ئۇلار زېھنىنى خوتۇنۇم بىلەن ئانام قانداق ئۆتكەندۇ، قانداق ئەپلەشتۈرەرمەن دېگەنگە ئەمەس، خىزمەتكە، ئۆگىنىشكە، كەسىپكە قارىتىپ، تېخىمۇ روناق تېپىپ، ھايات مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيدۇ. مۇھەممەتئىمىن ھەسەن


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;