• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە چېنىقسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
  • كۆپ يىللىق ئىسسىق- سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر مۇنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولىدۇ. شۇڭا، بىز تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ تولىسىنىڭ ئوخشاش بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقايمىز. ساغلاملىقنى ئاسراش، كۈتۈنۈشنىڭ قائىدىسىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇنلار تەڭ قول سېلىشى، تەڭ تۇتۇش قېلىشى لازىم.

    بىرىنچى، كۆز قاراش. ئەگەر ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرى كۈتۈنۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان، يەنە بىرى بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىغانلاردىن بولۇپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ھەرىكەت جەھەتتە بىرلىككە كېلىش ناھايىتى تەس، بەزىدە تېخى قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا بولۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە قول سېلىشنى ئۆگىنىۋىلىش ياكى ئۆزى بۇندىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ئارقىلىق قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش كېرەك. ياشانغانلار ئادەتتە تەرساراق كېلىدۇ. شۇڭا، قايىل قىلىشتىمۇ بەك ئالدىراپ كەتمەي، بۇنىڭ ئەپچىل چارىسىنى تېپىش كېرەك.

    ئىككىنچى، چېنىقىش. ھەرىكەت تەن ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر كاپالىتى. ياشلارنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ تېپىپ بىللە چېنىققىنىغا ئوخشاش، ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ماس قەدەمدە بىللە ھەرىكەت قىلىشى ھەرىكەتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق. مەسىلەن، كەچلىك تاماقتىن كېيىن سىرتقا بىللە چىقىپ ئايلىنىش، ئەتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن ھاۋا ياخشى چاغلاردا چېنىقىش سورۇنلىرىغا بېرىپ گۇمپا مەشىق قىلىش، تەپكۈچ ئويناش ياكى باشقا ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش دېگەندەك. ئەلۋەتتە ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ھەرقايسىسىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك ئۆيدىن بىللە چىقىپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان چېنىقىش تۈرلىرىنى تاللىسا، چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىللە قايتىپ كەلسە، يولدا ئۇنى-بۇنى سۆزلىشىپ، بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرسە، يالغۇزلۇق تارتىپ قالمايدۇ، زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدۇ.

    ئۈچىنچى، يېتىش- قوپۇش. ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى بەك سەگەك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇيقۇسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا ئىمكانقەدەر بالدۇر يېتىپ، سەھەر تۇرۇش، ئۇخلاش ۋە ئورۇندىن تۇرۇش ۋاقتىنى بىردەك قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، ئەمما بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى دەل ۋاقتىدا، دەل بىر جايدا تەڭ ئۇخلاپ، تەڭ ئويغىنىشى لازىم، دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت بىر تەرەپ بەك كەچ قالمىسا، ئىككىنچى كۈنىدىكى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلا بولسا بولدى.

    ئەر-خوتۇنلار ئۇزاق يىللار بىللە ياشىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ تەم-تاماققا بولغان ھەۋىسىنىڭ ئوخشاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا، سالامەتلىككە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىك بولمىسىلا قارشى تەرەپمۇ مەن يېگەننى يېيىشى لازىم، دەپ تۇرۇۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋىلىش كېرەك. يەنى تۇزنى، ياغنى ئاز يېيىش، ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىنى ياشارتىدىغان گۈلسامساق، كۈنجۈتكە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش دېگەنلىك.قىسقىسى، ياشانغان ئەر-خوتۇنلار ساغلاملىقنى ئاسراش جەھەتتە، ھەر ئىككىيلەننىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان بىردەكلىكنى ساقلىسا، بۇ ئۆز ئارا نازارەت قىلىشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;